كۆرۈش: 633|ئىنكاس: 3

ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان 20 ھېكمەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-4 18:36  

ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان 20 ھېكمەتھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان 20 ھېكمەت.doc


ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان 20 ھېكمەت
پەقەت تۇرمۇشىڭىزدا قىيىنچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئاندىن سىز ئۆزىڭىزنى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز.
2. موھتاجلىق ۋە ئېغىر كۈنلەر ئادەمنى تاۋلايدىغان ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپ.
3. ئادەمنى ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان قىيىنچىلىقنى تونۇپ يەتمىگۈچە، ھەقىقىي ئۆزىگە ئايلىنالمايدۇ.
4. سىزگە ياردىمى تېگىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قول سوزۇپ ئېلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ.
5. سىزنىڭ بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەن پەيت ھەرگىزمۇ سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەن ۋاقتىڭىز ئەمەس.
6. ئەگەر سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا ھېچقانداق ھېچقانداق قىيىنچىلىق بولمىسا، بۇ سىزنىڭ ھېچنېمىنى قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.
7. ھەر قانداق گۈل پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم ئېچىلىدۇ. ئۇ پەقەت ھەممە ياق كۈلگەن ئاشۇ باھار مەزگىلىدىلا ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ.
8. كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئۆز-ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ھەرگىزمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياكى ئۆزىنى ئىسراپ قىلىۋېتىش ئەمەس.
9. كىشىلىك ھاياتتا قايتىش بېلىتى سېتىلمايدۇ، سىز پەقەت بىرلا قېتىم يولغا چىقالايسىز.
10. بىز ھاياتنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ يېرىمىنى خورىتىپ بولغان بولىمىز.
11. ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بولسا، ھاياتنى كۈچكە ئىگە قىلىشتىكى ئەڭ ئەپچىل ئۇسۇل.
12. ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى تېجەپ بېرىدۇ.
13. ئەگەر بۈگۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئورۇنلىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئەتە بىر توقاي ئىشلار ئالدىدا تولىمۇ كېچىكىپ قالىسىز. چۈنكى ئەتىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئىشى بولىدۇ. شۇڭا، بۈگۈننىڭ ئىشىنى بۈگۈن ئورۇنداڭ. ھەرگىز بىخۇدلۇق قىلماڭ.
14. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش ھاياتقا قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەتتۇر. سىز بۇ خىل خىيانەت بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايەتچىسىگە ئايلىنىسىز.
15. ئۆزى ئېسىلىپ تۇرالايدىغان مۇستەھكەم ئېتىقادى يوق ئادەم دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق دۈشمەندۇر.
16. كىشىلىك ھاياتتا مۇشەققەتنىڭ بولۇشى تەبىئىي. چۈنكى ھېچكىم مېڭىپ باقمىغان يولدىن ماڭىسىز. ئەگەر باشقىلارنىڭ يولىغا چىقىۋالسىڭىز، يا باشقىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا يانجىلىپ ئۆلىسىز، يا بولمىسا باشقىلار شەكىللەندۈرگەن لاتقىلاردىن چىقالماي ئۆلىسىز. ھايات قالىمەن دەيدىكەنسىز، يېڭى يول، ئۆزىگە خاس يول تېپىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن جاپا تارتىشتىن يالتىيىپ قالماسلىقىڭىز كېرەك.
17. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، ھەسرەت-نادامەتتە ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ. چۈنكى سىز ئەڭ مۇھىم نەرسىلەرگە ئېرىشكەن ئىكەنسىز، ئۇنىڭدىن ھامان ئايرىلىسىز. ئەگەر سىز بۇ ئايرىلىشتىن قاتتىق ئازابلىنىپ، ئۆزىڭىزنى تۈگەشتۈرۈۋالسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كېيىنكى مۇساپىڭىزنى كىم باسىدۇ. يەنىلا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشىشىڭىز كېرەك.
18. مەيلى سىز نەگىلا بارماڭ، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزنى قىيىنچىلىق ۋە خىرىس قاپلاپ تۇرغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز قەتئىي ئىرادە بىلەن بۇ خىل مۇھاسىرىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، سىز باشقىلار ئېغزىدىن چۈشۈرمەي دەپ يۈرگەن غەلىبىگە ئېرىشكەن بولىسىز.
19. ئەگەر بىر ئىشنى قىلىشقا ئىشەنچىڭىز بولسا، ئۇنى باشلاڭ. باشلاڭ-دە ئۇ ئىشنى ئاخىرلاشتۇرۇڭ. ھەرگىز يېرىم يولدا توختىتىپ قويماڭ. چۈنكى كىچىككىنە غەلىبە تۇيغۇسى دائىم بىزنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ.
20. سىز ھەر ۋاقىت تەڭرىنىڭ سىزگە بىر مۈشكۈلاتنى بەرگەن ۋاقتىدا ئۇنى ھەل قىلىدىغان ئەقىل-پاراسەتنىمۇ قوشۇپ بېرىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.




baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-4 18:37:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان ھېكمەتلەركەن ، بىلۋالدىم ،رەھمەت سىزگە .
ۋاقتى: 2015-6-6 00:36:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قېتىملىق ئۈگىنىش پۇرسىتىگگ ئىگە قىلغىنىڭىزدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن، رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-6-10 12:15:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھېكمەتلەر ئىكەن.كوپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم،ھارمىغايسىز!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش