| ئەخلاق ۋەقانۇننى ئۈگىنىپ،قانۇن تەرتىپكە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ ،يارملىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولايلى! (قانۇن –تۈزۈم تەشۋىقات ئېيى سەپەرلىك يىغىدا سۆزلەنگەن سۆز) ياچېيكا تەشكىلى ھەيئەت :تۇردى ئابدۇۋېلى ئوقۇتقۇچى ،يولداشلار ،ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلاشلار ،بىز بۈگۈنكى بايراق چىقرىش مۇراسىمىدىن پايدىلىنىپ ،سىلەر گەقانۇن –تۈزۈم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلار ۋە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ توغرا رەھبەرلىگى ،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن قانۇن ۋە دىمىگىراتىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆلۈنىشىدە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا مەكتىۋىمىز ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،تەلىم –تەربىيە خىزمىتىدە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. شۇنداقتىمۇ ،مەن كۆپچىللىككە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلار ۋە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ تەلىپى ،نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن ،‹‹ئالتىنجى بەش يىللىق ››قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋ ەئۈگىنىش بويىچە بىر نەچچە تۈرلۈك پىكرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتۈمەن. 1.مەكتەپلەرنىڭ قانۇن –تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈچەيتىش –سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ،شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىجتىمائىي تەربىيە قۇرلىشى.ئەخلاق ۋە قانۇن –تۈزۈم قۇرلىشى كۈچەيتىلسە ،دۆلەت قانۇنىنىڭ كۈچ قۇدرىتى نامايەن بولۇپ ،پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ۋەقانۇن ئېڭى كۈچىيىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي كەيپىيات ياخشىلىنىپ،جەمئىيەت تەرتىپى نورماللىشىپ،تۈرلۈك ئىشلىرىمىزدا ياخشى ئۈنۇم قازانغىلى بولىدۇ. 2 .بۇ يىل 3.ئاي بولسا ئاتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ‹‹ 14.قېتىملىق پۇقلار ئەخلاق قۇرلىشى پىگىرامىسىنى ئۈگىنىش ئېيى ››ۋە لەيپىڭدىن ئۈگىنىش تەشۋىق قىلىش ئېيى،بۇيىل مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ يىغىنلىرىدىمۇ دۆلەتنى قانۇن ئارقلىق ئىدارە قىلىش تەكىتلەندى سوتسىيالىستىك ئەخلاق قۇرلىشىدا ،خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى يادرو،كوللىكتىۋېزىملىقنى پىرىسىپ،پاتىيەنى،ۋەتەننى،سوتسىيالىزىمنى ،خەلقنى ،ئىلىم –پەننى ،ئەمگەكنى سۆيۈشنى ئاساسى تەلەپ،ئىجتىمائىي ئەخلاق،كەسپىي ئەخلاق،ئائىلە ئەخلاقىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك –دەپ كۆرسىتىلدى. 12يىلدىن بۇيان مەكتىۋىمىز ھەرخىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ،پۇقرالار ئەخلاق قۇرلىشى ،ۋە قانۇن –تۈزۈم تەشۋېقات تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ كەلدى.شۇنداقتىمۇ جەمئىيەت، مەكتەپتە يەنە بەزى-بىر ئەخلاق ۋە قانۇن –تەرتىپكە خىلاپ مەسىلىلەر ساقلانماقتا،بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە: 1)جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋە مەكتىۋىمىزدىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن –تۈزۈم كۆز قاراش ئېڭى تۆۋەن.يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئوقۇغۇچلار قائىدىسى ،ھەركەت ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ،ئۆزئارا ئۇرۇشۇش ،كوللىكتىپ مەنپەتىنى ئاسرىماسلىق ،دەرسلەرنى ئەستايىدىل ئۈگەنمەسلىك،سۆز-ھەركىتى ئىلمىي بولماسلىق ،ئۆزىنى چۈشۈنىش،ئائىلىسىنى ،يۇرتنى چۈشۈنىش،مەكتىۋىنى ،سىنىپىنى چۈشۈنىش ئېڭى تۆۋەن. 2)ئوقۇغۇچىلاردا ئۈگىنىش،ئەمىليەتكە تەدبىقلاش ،ئىرادە،غايە،ئېتىقاد قىزغىنلىق كەمچىل.يەنى ئوقۇغۇچىلار بىلمەيدۇ ئەمەس بەلكى ئۇلاردا ئۈگۈنىش قىزغىنلىقى ،ئىرادىسى كەم بۇلۇش بىلەن بىرگە غايە ،ئېتىقادى كۈچلۈك ئەمەس. 3)ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى يەنىلا كەمچىل.شۇڭا بۇجەھەتتە بىخەستىلىك قىلىشقا،سەل قاراشقا ھەر گىز بولمايدۇ.يەنى ئوقۇتقۇچىلىمىزنىڭ بولسا تەشۋىقاتقا ،ئەمىلىلەشتۈرۈشكە سەل قاراش،ئۈنۇمگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ،ھوقۇق ،مەجبۇريىتىنى تۇلۇق ئادا قىلماسلىق ئەھۋالى ئېغىر .ئوقۇغۇچىلاردا بولسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بولسا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيسىنى ئاڭلىماسلىق مەكتەپ قائىدە –تۈزۈمىگە ،ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ،ھەركەت ئۆلچىمىگە رىئايە قىلماي سىنىپ،مەيدان ،كاردورلادا قوغلۇشۇپ ئويناش ئارقىلىق ھەرخىل شەكىلدە يارلىنىش ئەھۋالى مەكتىۋىمىزدە مەۋجۇت، يەنەئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ،ئەخلەتنى مەيدان سىنىپلارغا تاشلاش ،ئاشلىقنى ئىسراپ قىلىش ئەھۋالىمۇ ئېغىر . 4)جەمئىيەتتىكى ياشلارنىڭ قانۇن ئۈگۈنىش ئېڭى تۆۋەن .يەنى 80-90-يىللاردا تۇغۇلغان ياشلار ئىچىدە قانۇنغا خىلاپ قىلىشلار ئەڭ كۆپ بۇلۇپ 2007-يىلىدن ھازىرغىچە بۆلگۇنچى،دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ئازدۇرۇىشىغا ئۈچراپ ،ھەق-ناھەق مەسىلىلىرىنى ئېنىق پەرق ئېتىلمەسلىك تۈپەيلى تۈرلۈك تېرولۇق،بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ،،قانۇننىڭ ئىززەت –ھۆرمىتىگە ،ۋەتەننىڭ بىرلىگىگە ،خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا،ياش-ئۆسمۇرلەرنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا ئېغىر تەسىرلەرنى يەتكۈزدى.بۇنداق قانۇنغا خىلاپ ھەركەتلەرگە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنى ھەرگىزمۇ يولماي ئۇلارغا تىگىشلىك جازا بېرىپ كەلمەكتە .شۇڭا ھەممىمىز قانۇن،ئەخلاق بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۈگۈنەيلى!ۋە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى. 3.دۆلىمىز بۇ ھەقتە قانداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. 1)2001-يىلى 1-ئاينىڭ10-كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيەيىغىنىدا يولداش جىياڭزېمىن ‹‹دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىر ۋاقىتتا ،ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىمۇ چىڭ تۇرۇش كېرەك››دەپ ئوتتۇر غا قوغان. 2)2001-يىلى 9.ئايدا گوۋۇيۈەن ‹‹پۇقرالار ئەخلاق قۇرلىشىنى يولغا قويۇش پېراگىراممىسىنى بېسىپ تارقىتىپ،ھەر يىلى 3.ئاينى بۇ ‹‹پېروگىراممى››نى ئۈگىنىش،تەشۋىق قىلىش ئېيى قىلىپ بېكىتكەن. 3)2004-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بەش مىنىستىرلىك ۋە كومتىت ‹‹قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ
ئىديە –ئەخلاق قۇرلىشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر بىرقانچە پىكرى››نى ئېلان قىلغان .2007-يىلنىڭ بېشىدىكى ئىستاتىسكىغا قارىغاندا ‹‹ھازىر دۆلىتىمىزدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر 367مىليۇن بولۇپ،25 ياشتىن تۆۋەن جازاغا تارتىلغانلار ئومۇمئىي ساننىڭ 35پىرسەنتى ئىگىلىگەن. 4) ئاپتۇنۇم راۇنلۇق پارتىكوم 2001-يىلى ھەر يىلى 4-ئاينى قانۇن –تۈزۈم تەشۋېقات ئېيى قىلىپ بېكىتكەن. دىمەك يولداشلار،ساۋاقداشلار يۇقۇرقىلاردىن پارتىيە ۋە دۆلىمىزنىڭ جەمىيەتنىڭ مۇقىملقى ،تەرەققىياتى ئۈچۈن قانۇن ۋە ئەخلاققا رىئايە قىلىشنىڭ تۇلمۇ زۆرۈرلىگىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ .شۇڭا بىز بۈگۈندىن باشلاپ ۋە بۇندىن كېيىن 4-ئاينى مەركەز قىلغان ئاساستا ھەمىمىز ئۆزىمىزگە ماس كېلىغان قانۇن –تۈزۈم ،ئەخلاق بىلىملىرىنى،ماركىسزىلىق ‹‹بەش قاراش››يەنى ماركىسىزىلىق دۆلەت ،مىللەت،تارىخ ،مەدنىيەت،دىن قارىشىدىن ئىبارەت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق››يەنى كۆپ سانلىق مىللەتلەر ،ئازسانلىق مىللەتلەردىن،ئازسانلىق مىللەتلەر كۆپ سانلىق مىللەتلەردىن،ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر بىر-بىرىدىن ئايرىلماسلىقتىن ئىبارەت. ،‹‹تۆتنى تۇنۇش››،يەنى ۋەتننى تۇنۇش،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تونۇش،جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش،جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تونۇش ،‹‹ئالتىگە تەششەكۈر››جوڭگۇ كومپارتىيىسىگە ،جوڭگۇچە سوتسىيالىزىم يۇلىغا،ئىسلاھات ،ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىگە،ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىگە،جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە ،جوڭخۇا مىلەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق تەشەككۈر بىلدۈرۈش بىلىملىرىنى ئۈگىنىشنى كۈچەيتىپ،ئۈگەننى ئۆز ئەمىليىتىمىزگە تەدبىقلاپ،ئۆزىمىدە ۋەتننى ،يۇرتنى سۆيۈش ،قوغداش ئېڭىمىزنى تۇرغۇزۇپ،ياشاۋاتقان جەمىيىتىمىزنىڭ مۇقۇم بۇلىشى،ئوقۇ-ئوقۇش ،تەلىم تەربىيە خىزمىتىمىزدە ئەلا نەتىجە يارىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارتىش ۋە ،سوتسىيالىزىمنىڭ ئەخلاقى،ئەقلى،جىسمانىي،گۈزەللىك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىشكەن ،قانۇن –تەرتىپكە ،ئەخلاققا ئاڭلىق رىئائايە قىلىدىغان ‹‹ئائىلىدە ياخشى بالا››،جەمىئيەتتە ياخشى پۇقرا››،مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› بۇلۇش بىلەن بىرگە ئىرادىسى،ئېتىقادى،غايىسى كۈچلۈك،تىرىشچان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە پۇقرالىرىدىن بولۈش ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش بۇيىل ئاتۇنۇم رايۇنىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى بىخەتەر كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى!
2015-يىلى 4-ئاينىڭ1-كۈنى
|
|