ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ -يىلى 2-مەۋسۈمدە ئېلىنىدىغان تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى
(9-يىللىق قوش تىل سىنىپلار ئۈچۈن) (ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەكتىن- جۈملىنىڭ باش بۆلەكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
1.توغراجاۋاپنى تاللاڭ (14نۇمۇر) (1) «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»ناملىق ئەسەردە ئاساسلىقى ( ) A.ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان مېھرىبانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. B.شاھ قىزىنىڭ تاش يۈرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان. C.پەرزەنتىگە كۆيۈمچان، ئەمما ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلالايدىغان قەيسەر، ۋەتەنپەرۋەر ئانا ئوبرازى يارىتىلغان. D.ئوغۇلنىڭ ۋاپاسىزلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. (2) تۆۋەندىكى سۆزلەر ئىچىدە «چۈشكۈن» دېگەن سۆزگە مەنىداش بولمايدىغىنى ( ) A.قونالغۇ ؛ B.ئۆتەڭ ؛ C.ئارامگاھ ؛ D.زەئىپ (3) «تۈلكە ئۆز ئىنىغا ئۈرسە ، قۇتۇر بولۇر» دىگەن جۈملە ھەققىدە ئىيتىلغانلاردىن خاتاسى ( ) A . بۇ بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ ، شەرت بېقىندىلىق جۈملە تۈرىگە تەۋە. B. بۇ جۈملە ئارقىلىق ئاپتۇر تۈلكىنىڭ خاراكتىرىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن. C.«ئىنى» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئۇۋىسى ، ماكانى دىگەنلىكتۇر D.بۇ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» دىگەن ئەسەرنىڭ باش قىسىمىغا بىرىلگەن ئىپىگىرافتۇر . (4) «دوزاقنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك جايلىرى ئۇلۇغ مەنىۋىلىكنى سىناش پەيتلىرىدە بىتەرەپ تۇرۇۋالغان ئادەملەرگە قالدۇرۇلغان.» دېگەن جۈملە ھەققىدە ئېيتىلغان قاراشلاردىن خاتاسى( ) A.بۇ تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئاددى جۈملە، مەزمۇن جەھەتتىن بايان جۈملە. B. «بىتەرەپ دېگەن سۆز ياسالما سۆز بولۇپ، باش مورفىمىسى كەينىدە كەلگەن، C. بۇ جۈملىنىڭ ئىگىسى ئىسىم سۆزتۈركۈمىگە، خەۋىرى شەخىسسىز پېئىلغا تەۋە. D. بۇ جۈملىدە شەخىسسىز پېئىلدىن ئۈچى بولۇپ، ئىككىسى سۈپەتداش، بىرى رەۋىشداش. (5)«شۇ تۇپراق تۈسى بار تېرەمدە مېنىڭ، سۈرتىمەن سۆيۈنۈپ كۆزۈمگە قەۋەت.» دېگەن مىسرادىكى «تۈسى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ( ) A. ئىزى؛ B. رەڭگى؛ C. مۇھەببىتى؛ D. پۇرىقى (6)«شۇنداق ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن»دېگەن شېئىر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى ( ) A.بۇ شېئىردا مەلۈم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلغان بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ ھىجران ئازابى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. B.بۇ شېئىرنىڭ ئاپتۇرى ئابدۇرېھىم ئابدۇللا كەلپىن ناھيىسىدە تۇغۇلغان. C.بۇ شېئىردا ئۆز ۋەتىنىدىن يۈز ئۆرۈگەن بىر كىشىنىڭ ۋاپاسىزلىقى تەنقىد قىلىنغان. D.بۇ شېئىردا ئىنسان ئۈچۈن ۋەتەنسىزلىكتىن ئارتۇق بەخىتسىزلىك بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (7) جۈملە بۆلەكلىرى توغرىسىدا ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى ( ) A.جۈملە تۈزۈلۈشىدە ئىگە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.ئىگە جۈملىنى تەشكىللەشتىكى تۈگۈن ھېساپلىنىدۇ. B.جۈملە تۈزۈلۈشىدە خەۋەر بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، خەۋەرسىز جۈملە تۈزۈلمەيدۇ. C.خەۋەر ھەر قانداق ئەھۋالدا جۈملىنىڭ ئاخىردا كېلىدۇ. D.بەزى جۈملىلەردە جۈملىنىڭ خەۋىرى يوشۇرۇن كېلىدىغان ياكى چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
2-سۇئال بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ.
سۇئالنىڭ تۇلۇق مەزمۇنىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ 9-yillk kox til adabiyat intahan.doc
|