ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2014-يىلى 2-مەۋسۈملۈك 8-يىللىق ئىدىيە- ئەخلاق چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى
1.فىرانسىيە زۇڭتۇڭى شىراك فىرانسىيەنىڭ تەرەققىيات ئېستىقبالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىگەن:‹‹بىلىم فىرانسىيەنى رومانتىكلاشتۇردى،ئىقتىسادفىرانسىيەنى بېيىتتى،پەقەت مائارىپلا فىرانسىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ قۇدرەت تاپقۇزالايدۇ››.دۇنيادا تەڭدىشى يوق بىرىنچى باي ،ئامېرىكا مىكرو سوفىت شىركىتىنىڭ باش لېدىرى بېل گايتىسمۇ :‹‹كەلگۈسى ئون يىلدا مائارىپ باي-كەمبەغەللىكنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولىدۇ››دىگەن.بۇنىڭدىن شۇنى تونۇپ يېتەلەيمىزكى ،مائارىپنىڭ يەتمەكچى بولغان ئاساسىي نىشانى : A:ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. B:بىلىم ۋە تەجرىبە ئۆگىتىش. C:كەمبەغەلنى بايغا ئايلاندۇرۇپ ،تېخىمۇ كۆپ بېل گايتىسلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش. D:ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىپ ،ھەممە كىشىنى ئالىم بولۇش ئارزۇسىغا يېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش. 2004.2. -يىلدىن باشلاپ بىر قىسىم جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى باشقا جايلاردىن شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپكە كىرىشىگە قويۇلىدىغان چەكلىمىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇنداق قىلىش: ( ) A:شەھەرلەردىكى ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى باراۋەر مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىدۇ. B:شەھەرلەردىكى ئىشلەمچىلەرنى مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمان قىلىدۇ. C:شەھەرلەرنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىپ،مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ. D:دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ،دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىدۇ. 3.بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ:‹‹ئۆگىنىش تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ،بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ›،مائارىپ توغرىسىدىكى بۇ ئەقلىيە سۆزگە بولغان تۆۋەندىكى چۈشەنچىلەردىن خاتاسى : A:مائارىپ بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. B:ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغاندىلا،تەقدىرى ياخشى بولىدۇ. C:مائارىپ كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ ،ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ ،ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە باشلايدۇ. D:مائارىپ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى بەختىيار تۇرمۇشىغا ئۇل سالىدۇ. 4.مەلۇم كۆمۈر كاننىڭ خوجايىنى ئىشچىلار بىلەن ‹‹ھايات-ماماتلىق توختام ››ئىمزالاپ ،‹‹كاندىكىلەر ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلارغا مەسئۇل بولمايدۇ››دەپ بەلگىلىگەن .بۇنداق ‹‹زوراۋانلىق ››خارەكتېرىدىكى توختامدا كان ئىشچىلىرىنىڭ ( ) نەزەرگە ئېلىنمىغان. A:جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى . B:ساغلام ياشاش ھوقۇقى . C:كىشىلىك قەدىر-قىممىتى . D:ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقى . 5.كىشلىك ھوقۇقتىكى يادرولۇق ھوقۇق: ( ) A:ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت ھوقۇقى. B:سۈرەت ھوقۇقى . C:جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى . D:نام –شۆھرەت ھوقۇقى . 6.ئىنسانىي ئىززەت –ھۆرمەت توغرىسىدا ئېيتىلغان تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى: A:ياش-قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمەت ھوقۇقى بولىدۇ.قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت ھوقۇقى بولمايدۇ. B:جىنايى جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەرنىڭ ئىنسانىي ئىززەت -ھۆرمەت ھوقۇقى بولمايدۇ. C:ھەر بىر كىشىنىڭ باشقىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھۆرمىتىگە ئېرىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ. D:ئىنسانىي ئىززەت –ھۆرمەت ھوقۇقى ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتە ئىپادىلىنىدۇ . 7.مەلۇم شىركەت زۇبەيدەنىڭ ماقۇللىغىنى ئالمايلا ئۇنىڭ بىر پارچە سۈرىتىنى ئېلانغا ئىشلەتكەن .بۇ خىل قىلمىش : ( ) A:زۇبەيدەنىڭ سۈرەت ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەنلىك . B:زۇبەيدەنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەنلىك . C:پۇقرالارنىڭ نام- شۆھرەت ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەنلىك . D:پۇقرالارنىڭ شەخسىي سىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەنلىك . 8.تۆۋەندىكى پۇقرالارنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا كىرىدىغىنى : ( ) A:باشقىلارنى ئاشكارا تىللاش . B:چولپانلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كارۋىتىغا چاپلىۋېلىش . C:نامسىز خەت يېزىپ ،مەلۇم رەھبەرنىڭ پارە ئېلىش پاكىتىنى پاش قىلىش . D:مەلۇم بىر ئورۇننىڭ خزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان خادىملارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىشى. 9.مەلۇم بىر گېزىتخانىنىڭ مۇخبىرى مەشھۇر بىر ئەدىبنىڭ ئۆي ئادرېسىنى گېزىتتە ئېلان قىلىۋېتىپتۇ. بىردىنلا ،نۇرغۇن كىشى ئەدىبنىڭ ئۆيىگە ئۇنى زىيارەت قىلىشقا كېلىپ ،ئەدىبنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپتۇ. بۇ مۇخبىرنىڭ ھەرىكىتى باشقىلارنىڭ ( )غا دەخلى –تەرۇز يەتكۈزگەن . A:شەخسىي سىر ھوقۇقى . B:ساغلام ياشاش ھوقۇقى . C:نام -شۆھرەت ھوقۇقى . D:تۇرالغۇ ئۆيى دەخلى –تەرۇزغا ئۇچرىماسلىق ھپقۇقى . 10.تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردىن شەخسىي سىرغا كىرىدىغانلىرى : ①شەخسنىڭ جىسمانىي كەمتۈكلىكى . ②شەخسنىڭ پىسخىك پائالىيىتى . ③شەخسنىڭ خەۋەرلىشىش مەخپىيەتلىكى .
13.قىسقىچە جاۋاب بېرىڭ ؟ ( 18نومۇر )
تۇلۇق كۆرۈش ئۈچۈن چۈشۈرۈڭ: 2014-yil 8-yillik qaraklik soal1426821328191.doc |