كۆرۈش: 218|ئىنكاس: 0

ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى {تاللىما 3- 5-كىتاپ} ئىمتىھان ۋاقتى: 120 مىنۇت    تولۇق نومۇرى: 100
تولۇق 2-يىللىقلار ئۈچۈن
سوئاللار        Ⅰ        Ⅱ        Ⅲ        Ⅳ        Ⅴ        جەمئىي نومۇرى
ئالغان نومۇرى                                               




ئالغان نومۇرى       
تەكشۈرگۈچى       
Ⅰ تاللاش سوئالى: (ھەر بىر تارماق سوئالغا 2 دىن، جەمئىي 20 نومۇر بېرىلىدۇ)
تۆۋەندىكى ھەر بىر تارماق سوئالغا بىرىلگەن تۆت خىل جاۋاب ئىچىدە پەقەت بىرسىلا سوئالنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن، سىز توغرا دەپ قارىغان جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى جەدۋەلدىكى ماس كاتەكچىگە تولدۇرۇڭ.
سوئاللار        1        2        3        4        5        6        7        8        9        10
جاۋابى                                                                               



1.«سەيشەنبە كۈنى چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتىدا» ناملىق ھېكايە ھەققىدىكى خاتا جاۋاب:
A. بۇ ھېكايىدە بىر ئانىنىڭ ناتونۇش شەھەردە «ئوغرى» دېگەن گۇمان بىلەن ئېتىۋېتىلىپ دەپنە قىلىۋېتىلگەن ئوغلىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ئۈچۈن قىلغان سەپىرى ۋە پوپتىن قەبرىستانلىقنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىش جەريانى يېزىلغان  B.بۇ ھېكايىدىكى ئانىنىڭ تەمكىن، قەيسەرلىكىنىڭ سەۋەبى، بىرى ئۇ ئانا ئىنتايىن شۈكۈرچان، رېئاللىققا يۈزلىنەلەيدىغان ئايال. يەنە بىرى ئۇنىڭ ئوغلى پەقەت گۈمان بىلەنلا ئوغرى دەپ قاالدى. ئۇ ھەرگىزمۇ ئانىسىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىش قىلمىدى C.بۇ ھېكايىدىكى ئىدىيەنى يەنىمۇ چۇڭقۇرلاپ تەھلىل قىلساق، نامراتلىقنىڭ كىشىلەرگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك، غەم-قايغۇ، تاساددىپىيلىق، ئۇقۇشماسلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، بارلىق تىراگىدىيەنىڭ باشلىنىشى نامراتلىق بولىدىغانلىقىدەك ئىدىيە يورۇتۇپ بىرىلگەن D. بۇ ئەسەردىكى ئانا ئىنتايىن سوغۇق بولغان سەيشەنبە كۈنى يولغا چىققان.
2. تۆۋەندىكى ئەدەبىي تېكىستلەر ھەققىدە ئېيتىلغان توغرا قاراش:
A.«چىلەككە مىنىپ كەلگەن ئادەم» ناملىق ئەسەردە ھەم خىيالى، ھەم رېئالىستىك تۇرمۇش تەسۋىرى ئارقىلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى رەھىمسىزلىك، ياتلىشىش ھەم تەنھالىقتىن ئىبارەت پاجىئەلىك قىسمەت ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن  B.«ئۆچكە زىلات» ناملىق ئەسەردە ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت، ھەمنىپەس، تەقدىرداشلىق مۇناسىۋىتى ئىپادىلەنگەن C.«سۇبا» ناملىق ھېكايىدە ئاپتۇر سۇبانىڭ قەلبىنىڭ ئىنتايىن نازۇك ھەم پاك ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە سۇبانىڭ تەبئىت بىلەن ئۈنسىز سىردىشىشلىرىنى يېزىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن D.«سەيشەنبە كۈنى چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتىدا» ناملىق ئەسەردە، بىر دادىنىڭ ئوغرى دېگەن گۇماندا ئۆلتۈرۈلگەن ئوغلىغا بولغان چۇڭقۇر مۇھەببىتى ھەم  ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىگە  بولغان ئېچىنىشى، قايغۇسى ئىپادىلەنگەن.
3.«ئوربىتا» ناملىق پوۋىستتىن پارچە ۋە ئاپتۇرى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى خالىدە ئىسرائىل بولۇپ، ئەسەرگە ئاپتۇرنىڭ ئۆزگىچە ھېس-تۇيغۇسى، باھاسى، دۇنيا قارىشى سېڭدۈرۈۋېتىلگەن. بولۇپمۇ، «ۋەقەنى سۇسلاشتۇرماسلىق، تېمىنىڭ جىددى توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان دوقمۇشلىرىدىن لىرىك يول بىلەن ئۆتۈپ كەتمەسلىك» ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ ئەسەردىكى ئۆزگىچە خاسلىقى ھېساپلىنىدۇ.
B. ئاپتۇر بۇ ئەسەردە شەھەر تۇرمۇشىدىكى چاكىنا، بىمەنە، شەخسىيەتچىلىك، ۋاپاسىزلىق سەۋەبىدىن ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ بەرباد بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى خىيانەت، نەپرەت، ئۆچمەنلىك ئىگىلىگەنلىكىدەك تۇرمۇش تىراگىدىيىسىنى تەسۋىرلىگەن.
C. خالىدە ئىسرائىل 1952-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ «تىمتاس شەھەر»،«قۇملۇقنىڭ چۈشى»،«ھاڭگىرت كۆلى»،«رەڭدار قۇيۇن»... قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان داڭلىق يازغۇچىدۇر.
D. ئەسەر ماۋزۇسى«ئوربىتا» سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولۇپ. ماھىيەتتە ئۇ بىر ئائىلىنى كۆرسىتىدۇ.
4.تۆۋەندىكى قاراشلاردىن توغرىسى:
A. جامائەتچىلىك ۋە قوشنىدارچىلىق ئادەتلىرى مەنىۋىي فولكلورغا تەۋە  B.«يامان بولىدۇ» قاراشلىرى ئىجتىمائىي فولكلورغا تەۋە  C. ئەپسانە-رىۋايەتلەر ماددى فولكلورغا تەۋە D. ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى ئەدەبىيات-سەنئەت فولكلورىغا تەۋە
5.رىۋايەتلەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى بىلىملەردىن خاتاسى:
A. رىۋايەتلەر ئاۋامنىڭ بى خىل كۆڭۈل ئېچىش شەكلى، كىشىلەر قىزىقارلىق رىۋايەتلەردىن مەنىۋى ئۇزۇق ئالىدۇ  B.رىۋايەتلەردە خەلقىمىزنىڭ ئەمگەكچانلىق، باتۇرلۇق، چېچەنلىك، ئادىللىق، ساددىلىقتەك ئىسىل پەزىلەرلەرنى يېتىلدۈرگىلى ھەم تەشەببۇد قىلغىلى بولىدۇ  C. رىۋايەتلەردە ئاجىز، نامرات كىشىلەر ھامان ئەۋلىيالارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. ئەمما مۇرادىغا يېتەلمەي تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.  
D. خەلقىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىمۇ رىۋايەت ئارقىلىق ساقلىنىپ بىزگىچە كەلگەن. يېزىقى يوق مىللەتكە نىسبەتەن رىۋايەت ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم ئامىلدۇر.
6. تۆۋەندە بىرىلگەن ئىدىيوملارنىڭ مەنىسىنى توغرا ئىزاھلاپ بېرەلىگىنى:
A.«باشتا تۈگمەن چۆرگىلىمەك» دېگەن ئىدىيۇمنىڭ مەنىسى ــ توختىماي ئىشلىمەك، بىر ئىشنى يېنىش-يېنىشلاپ قىلماق دېگەنلىك بولىدۇ  B.«تامىقىدىن ئىلىنماق» دېگەن ئىدىيۇمنىڭ مەنىسىنى ــ نەپسانىيەتچىلىكتە قولغا چۈشمەك؛ تۇيۇقسىز ئىسكەنجىگە چۈشمەك دېگەن مەنىدە چۈشۈنىشكە بولىدۇ.
C.«ھۆل خىشقا دەسسىمەك» دېگەن ئىدىيۇمنىڭ مەنىسى ــ  سۇغا چىلانغان خىشقا دەسسەش دېگەنلىك تۇر. D.«ساپىقىدا پىشىپ قالغان» دېگەن ئىدىيۇمنى خەلق ئارىسىدا سېسىپ كەتكەن، نامى چىقىپ كەتكەن دېگەندەك مەنىلەردە چۈشىنىشكە بولىدۇ.
7.تۆۋەندىكى پارچە ھەققىدە ئېيتىلغان خاتا ھۆكۈم:
A. «بۇ گۆر سىزنىڭ  سىڭلىڭىزنىڭ ئىكەن. بۇ بالا شۇ گۆردە تۇغۇلۇپتۇ، ئەمدى سىز بۇنىڭغا نېمە دەپ ئىسىم قويماقچى؟!» بۇ پارچە «ئەمىر گۆر ئوغلى» دېگەن چۆچەكتىكى قەمبەر ۋېلى بوۋاينىڭ تىل تەسۋىرىدۇر. B.«سەن نېمىسەن؟ ئادەممۇ ياكى دېۋە ياكى جىنمۇ سەن؟! بۇنداق ھەيۋە بىلەن بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟» دېگەن پارچە «ئەمىر گۆر ئوغلى» چۆچىكىدىكى ئەھمەدخاننىڭ تىل تەسۋىرىدۇر. C.«ئىگىسىز مال يوق، تىكەنسىز يول. سەن گۆر ئوغلى دېگەن ئوغرى كىشىنىڭ يۇرتىغا كېلىپ تېنىچ كەتمەي، بالامنى ئېلىپ قېچىپسەن» بۇ پارچە «ئەمىر گۆر ئوغلى» چۆچىكىدىكى دانىياتنىڭ تىل تەسۋىرىدۇر  D.«ئەي ئاچا! بۇ يىغلايدىغان ۋاقىت ئەمەس! تۇر ئورنۇڭدىن، مەن سېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكىلى كەلدىم.» بۇ پارچە «ئەمىر گۆر ئوغلى» چۆچىكىدىكى گۆر ئوغلىنىڭ تىل تەسۋىرى بولۇپ، ئۇنىڭ باتۇر، قەيسەر خارەكتىرىنى كۆرەلەيمىز.
8. لەتىپە، چاقچاق، لاپ ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. لەتىپە، چاقچاق، لاپلار كۈلكە ئارقىلىق خەلققە زوق ۋە تەربىيە بىرىشنى، تۇرمۇشىمىزدىكى تۈرلۈك ئىللەت ۋە رەزىللىكلەرنى قامچىلاشنى، تۈرلۈك مەشرەپ، توي ۋە شادلىق يىغىلىشلىرىنى كۈلكە ئارقىلىق قىزىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئوخشاش دەپ قاراشقا بولىدۇ  B. چاقچاق لەتىپە بىلەن قوشماق ژانىر بولسىمۇ، ئۇ تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس شەكىل ۋە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ كەلگەن، يەنى ئۇنىڭ تارقىلىشى تېخىمۇ كەڭ، پىششىقلانغان، ھاياتى كۈچى ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.
C. چاقچاق ئادەتتە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەملەر ئارىسىدا قانات يايىدۇ، ئۇ كىشىلەردە ئىختىيارسىز كۈلكە قوزغاشنى مەقسەت قىلىدۇ  D. لاپ ئەسلى چاقچاققا مەنسۇپ بولسىمۇ، ئاستا-ئاستا مۇستىقىل تۈرگە ئايلانغان. لاپ پارىسچىدىكى«لاج» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، « سۆز، تەرىپ، ماختىنىش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
9. رېئالىستىك چۆچەك ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى ھۆكۈملەردىن توغرىسى:
A. رېئالىستىك چۆچەكلەردە كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى ئومۇملاشتۇرۇش يولى ئارقىلىق كىشىلەرنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ  B. رېئالىستىك چۆچەكلەرنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ئۈستۈن بولىدۇ، رېئال ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ  C. رېئالىستىك چۆچەكلەردە كىشىلەرگە مەنىلىك ھايات كۆچۈرۈش ھەققىدە سەمىمىي مەسلىھەت بىرىلىدۇ. «تۇغقانلىق رىشتى» دېگەن چۆچەكتە ئۇنداق مەسلىھەت بېرىلمىگەن. D. رېئالىستىك چۆچەكلەردە ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئاساس قىلىنىپ، كىشىلەرگە ئەھمىيەتلىك بولغان پىكىر يورۇتۇپ بېرىلىدۇ
10. خەلق داستانلىرى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
A. تارىخىي داستانلاردا بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر، ئۇلارنىڭ ئىپتىدائى ئېتىقادى، قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلەر ئەكس ئەتتۈرلىدۇ  B. قەھرىمانلىق داستانلىرىدا مەلۇم بىر شەخسىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى، زامان ۋە ماكان ئېنىق يېزىلىدۇ، ھەم نەسىرىي، ھەم نەزمىي شەكىلدە يېزىلىدۇ  C. خەلق داستانلىرىدا خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى، كۈرىشى، تارىخي، مەشھۇر قەھرىمانلار، قىز-يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى، ئۆرپ-ئادەت، قەدىمقى ئەپسانە –رىۋايەتلىرى، ئېتىقاد-چۈشەنچىلىرى روشەن ۋە جانلىق ئىپادە قىلىنىدۇ  D. خەلق داستانلىرىنىڭ ھەجمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، مۇكەممەل ھېكايە سۇژىتى، پىرسۇناژ ئوبرازى يارىتىلمايدۇ
ئالغان نومۇرى       
تەكشۈرگۈچى       
Ⅱ بوش ئورۇن تولدۇرۇش سوئالى: (ھەر بىر بوش ئورۇنغا 1دىن جەمئىي 10 نومۇر بىرىلىدۇ)
11. ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن (                     ) داستانلىرى،
(                   ) داستانلار، (                   ) داستانلىرى ۋە (                  ) داستانلىرى دېگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.
12. «ياغاچ ئات» ئۇيغۇر خەلق (                ) گە تەۋە.
13. لاپ (                )، (                   )، (                  ) ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزدا گويا بولىۋاتقان ياكى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار ئىشلاردەك ھېكايە شەكلىدە سۆزلىنىدىغان قىزىقچىلىق تۈرىدۇر. لاپنىڭمۇ (              ) ۋە (               ) شەكىللىرى بار.
ئالغان نومۇرى       
تەكشۈرگۈچى       
Ⅲ قىسقىچە جاۋاب بىرىش سوئالى(15نومۇر)
14. تاۋۇس ئەللىيىن جەمئىيەتتىكى قانداق ئادەملەرگە سىمۋول قىلىنغان؟(5نومۇر)
...............................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................
15. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزى ۋە ھاياتلىق گېنى دەيمىز؟(5نومۇر)
...............................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................
16.مەنىۋىي فولكلور قانداق فولكلور ؟ چۈشەنچە بىرىڭ(5نومۇر)
...............................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................
ئالغان نومۇرى       
تەكشۈرگۈچى       
Ⅳ كۆنۈكمە ئىشلەش ۋە تەھلىل قىلىش سوئالىجەمئىي25نومۇر)
17. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ سوئال تەلىپىنى ئورۇنداڭ (10نومۇر)
«شەرىئەت ھۆكۈمىدە ئوغۇللار ئاتىدىن قالغان مال-دۇنياغا تەڭ ۋارىسلىق قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بۇ قوينى سىلەرگە يا سېتىپ پۇلىنى، يا ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى تەڭ ئۈلەشتۈرۈپ بىرىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن سىلەر قازىخانىغا دەۋالىشىپ كەلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قوي داۋا ھەققى ئۈچۈن قازىخانىدا قالىدۇ»  1› يۇقارقى پارچە قايسى ئەسەردىن ئېلىنغان؟(2نومۇر)
...................................................................................................................................
2› پارچىدىكى سۆزلىۋاتقان كىشى كىم؟ سۆزلىگۈچى نېچۈن بۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ؟(3نومۇر)
...................................................................................................................................
...................................................................................................................................
3› سىزنىڭچە ئاتا- ئانىدىن قالغان مال- مۈلۈك(مىراس)نى چوقۇم تالىشىش زۆرۈرمۇ؟ رېئاللىقنى چىقىش قىلىپ قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ(5نومۇر)
......................................................................................................................................
......................................................................................................................................
............................................................................. .............................................................................................................................................................................................
18. «خانمۇ ئاپىسىنىڭ بېشىنى تاراپ قويمايدىغان بولىۋالدى. نۇرى، تۇرىلاغۇ قۇيرۇق تۇتقۇزمايدۇ. بولمىسا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ ئانا باققان، ئويقۇسىدىن كېچىپ سوغۇق بۆشۈكنى قۇچاقلاپ يۈرۈپ زاكىسىدىن ئايرىپ قاتارغا قوشقان. بالا دېگەن بىكۆيۈم بولىدىغان ئوخشايدۇ.
1› بۇ پارچە كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ ئەسەر ژانىرى نېمە؟(4نومۇر)
...................................................................................................................................
2› يۇقۇرىقى سۆزلەرنى كىم كىمگە ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ؟ بۇ پارچىدا قايسى خىل خارەكتىر سېلىشتۇرما قىلىنغان؟(6نومۇر)
...................................................................................................................................
...................................................................................................................................
3› ئاستى سىزىلغان جۈملىدىكى قاراشقا قانداق قارايسىز؟(5نومۇر)
...................................................................................................................................
...................................................................................................................................
ئالغان نومۇرى       
تەكشۈرگۈچى       
Ⅴ يېزىقچىلىق سوئالى30نومۇر)
تۆۋەندىكى ماتېرىيال مەزمۇنىغا ئاساسەن ماقالىنى داۋاملاشتۇرۇڭ. ماۋزۇنى قويۇپ بىرىڭ.
                                                                ..............................
  ئەجدادلىرىمىز ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئويناپ تاكى بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بالىلار ئويۇنلىرى 100دىن ئاشىدىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھازىر بالىلىرىمىز ئىچىدە بۇ ئويۇنلارنى بىلىدىغانلار، ئوينايدىغانلار ئازلاپ كەتمەكتە. تەتىل كۈنلىرىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ «رېجىمى»دا باش كۆتۈرمەي ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان، «ئېشىنچا» ۋاقىتلىرىدا تېلېۋىزوردىن كارتون فىلىم كۆرۈش ۋە كومپيۇتېردا نېرۋىلارنى غىدىقلايدىغان ئويۇنلارنى ئويناشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرىدىغان «يېڭى ئېرانىڭ بەختىيار بالىلىرى» ئىچىدە، ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى ئويناشنى بىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك بولسا كېرەك. شۇنداق بولغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر، پەرزەنتلىرىمىز ئارىسىدا................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................... ................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................. ..............................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش