كۆرۈش: 678|ئىنكاس: 1

ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا قىلىنغان سۆز
ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار رەھبەرلەر  ياخشىمۇسىلەر !  بۈگۈن مەكتەپ پارتىكومى ،مەكتەپ مەمۇريىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن ،مەكتەپ بىرلەشكەندىن كېيىنكى كۆلىمى چوڭ .دائىرىسى كەڭ ،ئەھمىيىتى زور بولغان تۇنجى قېتىملىق ئاتا-ئانىلار سۆھبەت  يىغىنى چاقىرىلدى.  مەن بارلىق سىنىپ مۇدىرلىرىغا ۋاكالىتەن ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتىۋىمىزگە كېلىپ ، پەرزەنىت تەربىيلەش جەھەتتە قىممەتلىك ۋاختىڭلارنى ئاجرىتىپ،ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىغىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ،چوڭ بولغاندىن كېيىن ياراملىق ئادەم بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى .مىللەتنىڭ ئۈمىدى .بالىلار كەلگۈسىنىڭ غوجايىنلىرى .بالىلارنىڭ ئۈنىۋىرسال ساپاسىنىڭ قانداق بولىشى كەلگۈسى تەرەققىياتىمىزنىڭ قانداق بولىشىنى بىۋاستە بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلە. جەمئىيەتنىڭ كۈنسىرى تەرەققى قىلىشى ،خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى رىقابەتنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىشى بىلەن كەلگۈسى جەمئىيەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا قويغان تەلىپى بارغانسىرى يۇقىرىلىماقتا. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ 1-ئوقۇتقۇچى .بالىلارنىڭ بارلىق تەبىيەلىنىش جەريانىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيىسى جۈملىدىن ئائىلە تەربىيىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئائىلە بالىلارنىڭ تۇنجى مەكتىۋى .بالىلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەشتە ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار .ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتكە بولغان مېھىر- مۇھەببىتى شەخسىيەتسىز بولىدۇ.ئۇلار جاپا چىكىش بەدىلىگە پەرزەنتىگە ئەڭ ياخشى تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بىرىشكە رازى .پەرزەنتىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ يۈكسەك ئارزۇسى. ھازىر مەكتىۋىمىزنىڭ شارئىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى شارائىتقا ئىرىشتى .بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ ئەمما بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇتۇش نەتىجىسى ،ئۈگىنىش روھى ،ئەخلاق پەزىلىتى جەھەتتە مەسىلىلەر ساقلانماقتا .مەكتەپ پارتىكومى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىپ تىرىشىۋاتىدۇ .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بارلىق ئەس-يادى بالىلارنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسى ئارقىلىق ئاتا-ئانلارغا جاۋاب قايتۇرۇش. ئەمما بىز ئاتا-ئانىلار مەسئۇلىيىتىمىزنى قانچىلىك ئادا قىلالىدۇق ؟بالىلىرىمىزنىڭ ئۈگىنىشى توغرىلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كۆرۈشتۇقمۇ؟ نەچچە قېتىم تېلپۇن ئۇرالىدۇق؟ بالىلىرىمىز قانچىنچى قەۋەتتە ئوقۇيدۇ بىلەلىدىقمۇ؟ بالىلىرىمىز مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كەلگەندە نىمە دەپ بالىلىرىمىز بىلەن سىردىشالىدۇق؟ بالىلىرىمىزنىڭ روھىي جەھەتتىكى غەم ئەندىشىلىرى ،خوشاللىقلىرىنى ھېس قىلالىدىڭلارمۇ؟ ھەقىقىتەن سىلەرنىڭ تېرىلغۇ ئىشلىرىڭلار بەك ئالدىراش ،يىل بويى ئالدىراش يۈرۈيسىلەر ،بىراق سىلەر شۇنى ھېس قىلىڭلاركى ئاتا-ئانىنىڭ تەسىرى بالىلارنىڭ ئۆمرىدە ناھايىتى مۇھىم .دەۋرنىڭ خىرىسى ئالدىدا بىز زادى قانداق ئاتا-ئانا بولىشىمىز كېرەك ؟چوقۇم بىز ئويلىنىپ كۆرىشىمىز لازىم .ھازىرقى دۇنيا تەرەققى قىلىپ كەتتى .بىز قەيەرلەردە يۈرىۋاتىمىز ؟ 21-ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى .رىقابەت دەۋرى  بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ چۇقۇم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ بانە –سەۋەپ كۆرسەتمەي مەكتەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ ،پەرزەنتلەردىكى مەسىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىپ ،ھازىرقى ئەۋزەل شارائىتنى قەدىرلەپ ياراملىق ئاتا-ئانا بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق ئاتا-ئانىلارغا ئىككى ئېغىز سۆزنى ھەدىيە قىلاي : دۆت ئوقۇغۇچى يوق ،ھۇرۇن ئوقۇغۇچى بار .كۆيۈمسىز ئاتا-ئانا يوق ،ئەمما مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانىلار مەۋجۇت .بىز ھەرگىز مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانىلار بولمايلى !

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-20 12:36:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىراپلىق تۈزۈلگەن پىلانكەن داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش