كۆرۈش: 416|ئىنكاس: 0

جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى
مەكتۋىمىز يوقرى دەرىجىلك ئورۇنلارنىڭ مۇناسۋەتلك ھۆججەتلىرنىڭ رۇھىنى ئاساس قىلىپ مەكتەپ ھويلسنىڭ بىخەتەرلكىگە كاپالەتلىك قىلىپ بىخەتەر ئوقوتۇش ئېلىپ بىرىشقا ئاساس سېلىپ تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۈۋەندىكچە لاھىيە تۈزدۇق:
1.        ھەر ماۋسۇم بېشىدا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا قاتناش،يۇقۇملۇق كىسەل ، سۇ ، توك ، يەر تەۋرەش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆزىنىڭ ھاياتىغا ئۆزى كاپالەتلىك قىلىپ ، ئۆزىنى ئۆزىنى قوغداش بىلىملىرىدىن قىسقىچە ساۋات سۆزلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى بۇ جەھەتتە مۇئەييەن بىلىم ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىمىز .
2.        سىنىپ يىغىنى سىنىپ مۇدىرىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ ، ھەپىتىدە بىر قېتىم تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان ھادىسلەر ، مەسىلەن : قاتناش ، ئوت ، توك قاتارلىق ئىشلاردا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لىكسىيە سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، بۇ جەھەتتە بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئاڭ تۇيغۇسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ .
3.        مەكتەپ بويىچە سىنىپنى بىرلىك قىلىپ ، تۇيۇقسىز ھادىسە يۈز بەرسە قانداق قىلىش كىرەك دىگەندەك تېمىنى چۆرىدەپ مانىۋىر ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردا ئەمىلى بولغان ئۆز – ئۆزىنى قۇتقۇزىدىغان ئىقتىدارنىڭ يىتىلىشىگە ياخشى ئاساس يارىتىمىز .
4.        جىددىي ئىشلاردا خەتەرنىڭ زىينىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ ، قۇتقۇزۇش خىزمىتنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان خىزمەت تۈزۈمى ۋە تەدبىر ئورنتىلىپ ئاۋۋال مەلۇم قىلىش ئاندىن قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى جىددىي تەشكىللەپ ، قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپ ، نەخ مەيداننى ۋاقتىدا كونتىرول قىلىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتنى قانات يايدۇرىمىز .
5.        ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ ، مەكتەپ ئۆزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىمكانىيتى تۆۋەن بولسا ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش  بىلەن بىرگە يۈز بەرگەن ھادىسىنىڭ تۈرىگە ئاساسەن 119 ، 120 ، 110 تېلىفۇنلىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنى جىددىي ئەھۋال مەلۇم قىلىپ ، قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىمىز .
6.        مۇقۇملۇق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت بولىدىغان ئەھۋاللارنى تېزدىن بايقاپ ، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن مەكتەپ ئىچى ۋە ئەتراپىنى كۆزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ بايقىغان ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ ، ساغلام ئوقۇ – ئوقۇتۇش مۇھىتىنى يارتىپ ، كوللىكتىپ ھالدا ھادىسىگە ئۇچرايدىغان ، تورغا خۇمار بولۇپ ئېزىپ كىتىدىغان ، جىسمانىي بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئالىدىنى ئېىلىشقا ، خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقى ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز .
7.        ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا كوللىكتىپ ئايرىم شەكىلدىكى تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، پىسخىك ساغلاملىق توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلەپ ، بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە قىلىمىز .
8.        ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالايمىز .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش