| مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2013-2014ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق سىنىپلارنى تورلاشتۇرۇش،باشقۇرۇش خىزمىتى پىلانى 1.ئۇمۇمى ئەھۋال : مەكتەپمىزدە 9 سىنىپ، 345 نەپەر ئۇقۇغۇچى، بىرنەپەر مەكتەپ مۇدىرى، 25نەپەر ئۇقۇتقۇچى باربۇلۇپ، 2012-يىلى 7-ئايدا مەكتىپمىزنىڭ 7سىنىپنى تۇرلاشتۇرۇش ئۇقۇتۇش ئۈسكۈنلىرى سەپلەندى، يەنى بىر يۈرۈش كومپيوتىر ۋە بىر تېلىۋىزۇر سەپلەنگەن بۇلۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان مەكتپمىزدە كۆپ ۋاستىلىق ئۇقۇتۇش مەنبەلىرى دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىلىپ ، مەكتەپمىزنىڭ ئۇقۇتۇش سۈپىتىدە بىرقەدەر يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى. 2. ئالدىنقى ماۋسۇمدا ساقلانغان مەسىللەر: (1). سىنىپنى تۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پىلانىنى ياخشى تۈزۈشكە ئەھمىيەت بەرمىدىم. (2). سىنىپنى تۇرلاشتۇرۇش، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كومپىيوتىردىن پايدىلىنىپ دەرس ئۈتۈشكە سەل قارىدىم. (3). ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ توردىن پايدىلىنىپ دەرس ئۈتۈشكە، كومپىيوتىر بىلىمى بۇيىچە تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرەلمىدىم. (4). سىنىپنى تۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنڭ ئىشلىتىش خاتىرسىنى قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىدىم. 3. كونكىرىت ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر: كومپىيوتېر ئۇچۇر تورى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۇگۈنكى دەۋىردە، مائارىپنىڭ ئۇچۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەلىپى شۇنداقلا نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئىھتىياجى، مەكتىۋىمىز يوقىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن، زامانىۋى كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى مەكتىۋىمىزنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرى قىلىپ بېكىتىپ، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش تورىدىن پايدىلىنىپ مائارىپ بايلىقلىرىنى قولىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ. (1). سىنىپنى تۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پىلانىنى ياخشى تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. (2). ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ توردىن پايدىلىنىپ دەرس ئۈتۈشكە، كومپىيوتىر بىلىمى بۇيىچە تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ. (3). قەرەرلىك ھالدا ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ توردىن دەرىسلىك چۈشۈرۈپ دەرىسنى ئۆتەلەيدىغان بىلىمگە ئىگە قىلىنىدۇ . (4). قەرەرلىك ۋە قەرەرسىز ھالدا ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ ئىچىدىكى كومپىيوتىر، تېلىۋىزۇر تەكشۈرۈلىدۇ. 4. تۈزۈم تەدبىرلەر: بۇ ئوقۇش يىلىدا تەلىم-تەربىيە ئەمىلىيىتى جەريانىدا، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ئۇقۇمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تۈزۈم تەدبىر تۈزۈلۈپ چىقتى: (1). خەنزۇتىلى، قوش تىل ماتېماتىكا دەرىس ئۇقۇتقۇچىسى چۇقۇم بىر ھەپتىدە كەم دىگەندە بىر قېتىم، قۇشۇمچە پەن دەرىس ئۇقۇتقۇچىسى چۇقۇم بىر ئايدا 2 قېتىم كومپيۇتىردىن پايدىلىنىپ دەرىس ئۈتۈش كىرەك. ئەگەر بۇنداق قىلمايدىكەن شۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ يىل ئاخىرىدا سىناپ تاكشۈرۈش نۇمۇرىنى بىر قرتىملىقى ئۈچۈن 5 نۇمۇر تارتىلىدۇ. (2). قەرەرلىك ۋە قەرەرسىز ھالدا ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ ئىچىدىكى كومپىيوتىر، تېلىۋىزۇر لارنىڭ تازلىقى تەكشۈرۈلىدۇ. ئەگەر قايسى تەكشۈرۈلگە ۋاقىتتا قايسى سىنىپنىڭ تازلىقى ياخشى بولمىسا، بىر قېتىم تەكشۈرۈشتە .0.2 نۇمۇر تارتىلىپ ۋە شۇ سىنىپ مۇدىرنىڭ يىل ئاخىرىدا سىناپ تەكشۈرۈشكە چېتىلدۇرۇپ نۇمۇر تارتىلىدۇ. (3). ھەر قايسى پەن ئۇقۇتقۇچىسى چۇقۇم يۇقاردا دىيىلگەندەك سىنىپلارنىڭ سىنىپلارنى تورلاشتۇرۇش ئىشلىتىش خاتىرسىنى ۋاقتىدا قالدۇرۇلمىسا بىر قېتىم كەم تۇلدۇرۇلسا 0.1 نۇمۇر تارتىلىپ ۋە شۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ يىل ئاخىرىدا سىناپ تەكشۈرۈشكە چېتىلدۇرۇپ نۇمۇر تارتىلىدۇ. 5. يىتىدىغان نىشان: (1). كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتى تۈزۈمىگە تۇلۇق رىئايە قىلىدۇ. (2). كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت پاكىز تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. (3). ھەر قايسى سىنىپلاردىكى كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرىنى ئىشلىتىش خاتىرسى ۋاقتىدا تۇلۇق قالدۇرۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. (4). ماۋسۇم ئاخىرىدا مەكتەپتىكى 45 ياشتىن تۆۋەن ئۇقۇتقۇچىلىرى كومپيۇتىردىن پايدىلىنىپ دەرىش ئۈتۈلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىنىدۇ. (5). مەكتەپتىكى 45 ياشتىن تۆۋەن ئۇقۇتقۇچىلار سىنىپتىكى توردىن پايدىلىنىپ دەرىسلىك چۈشۈرەلەيدىغان ۋە كومپيوتىر دىن پايدىنىلىپ دەرىس لايىھەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىنىدۇ.
|
|