كۆرۈش: 564|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]


بىلىمگە بېقىپ ئىززەت، ئۇستىغا بېقىپ شاگىرت.
    بىلىملىكنىڭ ھۆرمىتى زور، بىلىمسىزنىڭ ھەسرىتى.
    بىلىمدىن ئايرىلغان توزار، ھورۇنلۇقتىن ئايرىلغان ئۇزار.
    ئالىم يۇرتنىڭ شاھى.
    بىلىم ئىزدىنىشتىن كېلىدۇ، بەخت كۈرەشتىن.
    بىلىم كۈندە كېرەك، چىراغ تۈندە كېرەك.
    بىلىمسىزدە پەم يوق، تۇزسىز تائامدا تەم.
    بىلىمسىزنىڭ قىممىتى بولماس، شەپقەتسىزنىڭ ھىممىتى.
    بىلىمسىز بولسا كىشى، توغرا چىقماس ھېچ ئىشى.
    بىلىكىڭگە ئىشەنگۈچە، بىلىمىڭگە ئىشەن.
    بىلىملىك سۆزلىسە ئالقىش، بىلىمسىز سۆزلىسە قارغىش.
    بىلىمى تۇرۇپ ئىشلەتمىگەن، يەپ سىڭدۈرمىگەن تاماق.
    بىلىملىكنىڭ كۆڭلى گۈلىستان، بىلىمسىزنىڭ كۇڭلى گۆرىستان.
    قۇش قانىتى بىلەن ئۇچار، ئادەم بىلىمى بىلەن.
    تىل بىلگەن يولدىن ئازماس، ئەقىل بىلگەن چۆلدە.
    پىلدەك دۇنيادىن، قىلدەك بىلىم ياخشى.
    ئالىمسىز بولسا زامان، قاراڭغۇلۇقتا قالۇر جاھان.
    ئالەمنىڭ چىرىغى كۈندۇر، ئادەمنىڭ چىرىغى بىلىمدۇر.
    شۆھرەت ئىزدىگۈچە، بىلىم ئىزدە.
    ئوقۇغان ئوڭ بولۇر، ئوقۇمىغان توڭ بولۇر.
    مالسىزلىقتىن، ئاڭسىزلىق يامان.
    ئادەم نامى ئىلىم بىلەن، ئاتنىڭ نامى يەم بىلەن.
    كۆكتە ئۇچقاننىڭ ھۈنىرى بار.
قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن سابىرجان سىيىت رەتلىگەن

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-13 22:53:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمگەكچان خەلىقىمىزنىڭ ئىسىل دۇردانىللىرى ئەجەپ ئىسىل مەنالارنى ئۈزىگە مۇجەسسەملىگەن ھە ! بارىكاللا
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش