بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-24 22:47
سەن ، شىئېر ۋە مەن  ئابدۇرېيىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق) يۇيۇندۇم بەخىتنىڭ لەھزىدە بىر رەت، خوشاللىق ئىچىدىن ئۈلۈمنى ئىزلەپ. مەن سىنى شىئېرغا ئايلاندۇرسام گەر، قالىدۇ خالايىق لىۋېنى چىشلەپ.  يۇيۇندۇم كۈتۈشنىڭ لەھزىدە بىر رەت. بىلەمسەن بۇ كۈتۈش كىملەردىن قالغان؟ كۈتۈشنىڭ كۈزىدە شىئېر يازىمەن، شىئېرسەن ھېچكىممۇ يېزىپ باقمىغان.  يۇيۇندۇم ھېجراننىڭ لەھزىدە بىر رەت، شىئېرسىز ئۆتمىدى سەنسىز ھەر كۈنۈم. قەبرەمنىڭ سىرتىدا قىلدىم مەن دۇئا، تەبەسسۇم قىلغاندا مەن ئۈچۈن ئۈلۈم.  يۇيۇندۇم ئازاپنىڭ لەھزىدە بىر رەت، يەنىلا ھېجىيىپ يۈرگىنىم يۈرگەن. گاھىدا شىئېرسىز قالساممۇ مۇزلاپ، تاۋۇتقا خوش دىمەي كېتىمەن قەستەن......  2015-يىلى 24-فېۋرال ئاقسۇ ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى. |