كۆرۈش: 464|ئىنكاس: 2

بىر يۈرۈش ياخشى بولغان ماقال-تەمسىللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جاپاردىن قوقمىساڭ قوي قىل،
چىقىمدىن قوقمىساڭ توي قىل.
خۇتۇن ئالمىسام تالادا قالدىم،
خۇتۇن ئالمىسام بالادا قالدىم.
ياخشى خۇتۇن سەھەر تۇرۇپ بېشىنى تارايدۇ،
يامان خۇتۇن ۋاقچە تۇرۇپ ئېرىنى ساۋايدۇ.
ياخشى خۇتۇن تۇل ئەمەس،
قۇناقلىقتا ماڭغان يول ئەمەس.
بىر كۈنلۇك سەپەرگە چىقساڭ،
بىر ئايلىق ئۇزۇق ئال.
ئۆزۇمدە بارمىدى،ئالەمدە يوق،
كىشدە بارنىڭ پايدىسى يوق.
ئات قەدرىنى بىلمەس پىيادە ماڭمىغىچە،
ئاچ قەدرىنى بىلمەس ،ئاچ قالمىغىچە.
بار چاغدا ھەپىرەڭ ،
يوق چاغدا زەپىرەڭ.
ئالتۇن ئالسام جا چىقتى،
قارچۇغا ئالسام سا چىقتى.
ئالماقنىڭ بەرمىكى بار،
چىقماقنىڭ چۈشمىكى بار.
بېخىل چىشلەپ ياتار،
كەمبەغەل ئىشلەپ ياتار.
يۇلغۇن چېچىكى سايدا ،
تاز خۇتۇنغا ئەر قايدا.
خېنىمنىڭ كۆڭنى تىندى،
سۇ ئەكىلىدىغان قاچىسى سىندى.
قىز سۇراپ كېلىش ئەيىپ ئەمەس،
پۈتۈشەلمەي چىققان غەۋغا ئەيىپ.

كۆلى بارنىڭ غازى بار،
قىزى بارنىڭ غازى بار.
بۇلبۇلسىز باغنىڭ پەيزى بولماس،
مۇھەببەتسىز ھاياتنىڭ لەززىتى بولماس.
ياڭاقنىڭ سۇنغىسى كەلسە تاشقا تېگەر،
قېرى خۇتۇننىڭ ئۆلگىسى كەلسە ياشقا تېگەر.
كۆز كورمىسە، كۈڭۈل سۆيمەيدۇ.
كەتمىنىڭنى ساپلىق قىل،
قىزىڭ بولسا ياتلىق قىل.
چاۋا – چاتقال ئوتۇن بولماس،
كۆپ نىكاھلىق خۇتۇن بولماس.
تۇغماس خۇتۇننىڭ ئۆيى يوق.
ئاۋۋال ئادەم بول،
ئاندىن ئۆيلۇك بول.
قىزنىڭ سۆيگۈسى قىرىق يىل بۇلىدۇ.
مەن كۈيەرمەن بالامغا،
بالام كۆيەر بالىسىغا.

ئانىنىڭ كۆڭنى بالىدا،
بالىنىڭ كۆڭنى تالادا.
بالاڭنى كۆر، بەختىڭنى كۆر.
قۇشقاچقا تۈشۈك ياخشى،
بالىغا بۈشۈك ياخشى.
سۈيىنى ئىچكەن سۇغا تۈكۈرمە.
ئىشچان ئىشلەپ ھارماس،
ھۇرۇن ئۇخلاپ ھارماس.
قىز تەرەپتىن خەۋەر يوق،
ئوغۇل تەرەپتىن ناغرا چاپتۇ.
ئىككى ئاياغ بىر ئۈتۈككە سىغماس،
ئىككى سۆيگۈ بىر كۇڭۇلگە سىغماس.
ئەسكى خۇتۇن ئالغىچە،
بويتاق ئۆتكىن ئۆلىگىچە.
ئوغۇل ئاتىسىنى دورايدۇ،
قىز ئانىسنى دورايدۇ.
ئوغلۇڭ ئاشىقچىلىق قىلسا كۆككە باق،
قىزىڭ ئاشىقچىلىق قىلسا يەرگە باق.
ئوغلى بارنىڭ ئۇزى بار،
قىزى بارنىڭ ئىزى بار.
قىزىمنىڭ بالىسى قىزىلگۈل كۆرۇنەر،
ئوغلۇمنىڭ بالىسى ئوغرى تىكەن كۆرۇنەر.
ئائىلىنىڭ يىلتىزى بالا.
قۇرساقنىڭ ئاچقىنى ،
ئەقىلنىڭ قاچقىنى.
ئانا ئايغىدا جەننەت بار،
ئاتا ئايغىدا دۆلەت بار.
ئاتا دۇئاسىدا باغ كۆكلەر،
ئانا دۇئاسىدا ئەل كۆكلەر.
ئالىم بولماق ئاسان،
ئادەم بولماق قىيىن .
تەبىيە قاتتىق بولسا،
مېۋسى تاتلىق بولار.
ئەخلاقسىز بالا،
مۈڭگۈزسىز كالا.
چىۋىن دېگەن مەينەت نېمە،
ئۇ قونغان نەرسىنى يېمە.
ئوپكىنىڭ دورىسى چامغۇر،
چىشنىڭ دورىسى ئامبۇر.
سەھەر قوپقان سالامەت،
ۋاقچە قوپقان پالاكەت.
بېلىمنى ئاغرىتقان گېلىم.
كېسەل بولغاندا قاقشىغىچە،
ساق چاغدا سەۋەپ قىل.
ئوسمىنىڭ قېنىقى قاشتىن،
ئادەمنىڭ قېرىسى ياشتىن.
ئاغرىق نەدىن كېلۇر،
ئىلغىماي يىگەن ئاشتىن.
ئامال تاپقاندىن ئەجەل قېچىپتۇ.
كۆڭۇلنى ياشناتقان ناۋا،
ھاياتنى ياشناتقان ھاۋا.

ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا،
ئالتۇن قاچىدا سۇ ئېچەرسەن.
چىش ئاغرىقى مىڭىنى يەيدۇ،
قولاق ئاغرىقى تېڭىنى يەيدۇ.
ئۈجمە يىگەن سەھەر يېسۇن،
چۈشتە يېگەن زەھەر يېسۇن.
خۇتۇن خەقنىڭ نالىسى تۇلا،
ئىش ئۇقماسنىڭ بانىسى تۇلا.
ئالدىماققا بالا ياخشى،
خۇدا ئۇرسۇن قاقباشنى.
خۇتۇن ئالساڭ يېقىندىن ئال،
گۆش ئالساڭ بېقىندىن ئال.

بىتەلەيگە سۇ كەلسە،
ئاللا كۇدىن يار كەتتى.
ئوتتۇز كۇن رۇزىنىڭ بىر كۇن ھىيتى بار.
ھۈنەر ، قىلسا ئۈنەر.
يەڭگەمنىڭ ئېشىنى ئوخشايقان،ئاكامنىڭ ئوتيېشى.
ئاتا – ئاناڭ بار بولسا،مىنىڭ قويۇڭ تاغدا.
تەن – ساقلىق ،
زور بايلىق.
تىلى مايماق ،
دىلى مايماق.
زەيلىك يەرگە ئوسا بىكار،
تۇغماس خۇتۇنغا ئوسما بىكار.
دۇنيا كېتەر بوشلۇقتىن،
ئىمان كېتەر خۇشلۇقتىن.
قارىغۇ تۇتۇۋالغاننى قويۇپ بەرمەس،
گاس ئاڭلىغاننى قويۇپ بەرمەس.
يەر يارىماس ئەمەس،
ئەر يارىماس.
قوناق تېرىسام قۇناق بولدى،
كېۋەز تېرىسام شادا بولدى.
چاپقىلى كەتمەن ياخشى،
كىيگىلى خام چەكمەن ياخشى.
ئوغلىڭنى مىراپ قىلغۇچە،
ئېچىقىڭنى باش قىل.
كالا ئۇيىنىڭ ئوبدىنى ۋاخان كېلۇر،
ئادەمنىڭ ئوبدىنى دېھقان كېلۇر.
دېھقاننىڭ باقىدىغىنى قوي بىلەن كالا.
قانچىلىك ئۇخلىساڭ، شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن.
ھەرىكەت بەرىكەت،
بىكارچىدىن نېرى كەت.
بىرنى بىر كىم بېرەر،
كۆپنى ئەمگەك بېرەر.

يەرنىڭ قەدرىنى سۇ بىلەر.
تېرىغان خامان ئالار،
تېرىمىغان ئارمان قىلار.
ئېشچان ئېشىنى يەر،
ھۇرۇن بېشىنى يەر.
بېقىپ يەي دېسەڭ، مال قىل،
يېتىپ يەي دېسەڭ تال قىل.
مال باقساڭ ، يەمنىڭ غېمىدە بول،
ئۆي سالساڭ دەمنىڭ غېمىدە بول.
   
قوي ئالساڭ، قۇلاق ئال،
ئات ئالساڭ تۇياق ئال.
ئوتۇن يېغقان كۈل يىغۇر،
ئوت – خەس يىغقان پۇل يىغۇر.
باققالنىڭ ئالدى ياخشى،
قاسساپنىڭ كېينى ياخشى.
باققالغا يۇلۇقار- ياڭاقنىڭ پىچىكى،
تىۋىپقا يۇلۇقار گۈلنىڭ چىچىكى.
كۆچەت تىك – سايىسى بالاڭغا.
تال – باراڭغا ئال.
تال سالمىغان ئەر،
ئاخىرى پۇشايمان يەر.
باغ – باغۋەن بىلەن ،
بولىسا ئوغرى تىكەن.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-16 23:23:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ماقال -تەمسىللەرنى مەن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ،ھەقىقەتەن ساقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك ماقال - تەمسىللەركەن بۇ .
ۋاقتى: 2015-2-18 20:08:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خۇتۇن سەھەر تۇرۇپ بېشىنى تارايدۇ،
يامان خۇتۇن ۋاقچە تۇرۇپ ئېرىنى ساۋايدۇ          ---- بۇ ماقال -تەمسىل ماڭا بەك ياقتى  رەخمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش