مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 394|ئىنكاس: 1

ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ تەلىم – تەربىيەدىكى ئەھمىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

12

دوست

515

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
178 سەر
تىللا
11 دانە
تۆھپە
63 سەر
شۆھرەت
85 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 23:49:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ تەلىم – تەربىيەدىكى ئەھمىيىتى ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى

ئامرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك زرڭتۇڭى لىن كىن مۇنداق دىگەن: ‹‹ھەممە ئادەم ماختاشقا ئىھتىياجلىق، سىز ۋە مەنمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس››. ئامرىكا زۇڭتۇڭى بوشنىڭ ئانىسى دائىم ئۇنىڭغا مۇنداق دەيتتى: ‹‹ئوغلۇم، سەن ئەڭ قالتىس، سەن كەلگۈسىدە دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئادەم بولىسەن، سەن ھەممدىن ئۇلۇغ!››.

شۇنداق،تەلىم-تەربىيە ئىلھام بىرىشتىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا كىشىلەر تەلىم-تەربىيە دىمەك، ‹‹ئىلھام بىرىش سەنئىتى›› دىمەكتۇر دەيدۇ. ئۇنداقتا ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ تەلىم-تەربىيەدىكى رولى قانداق؟

1.    ئىلھام بىرىش -ئادەمنىڭ مۇۋەپىقىيەت قازىنىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ

ئىلھاملاندۇرۇش - ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە ئالغا ئىلگىرلەش جەريانىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەلۇم بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلغان تەلىم-تەربىيە جەريانىدۇر.

تارىختا ئۆتكەن مۇۋەپىقىيەت قازانغان نۇرغۇن كىشىلەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، قىيىنچىلىقتا قالغاندا باشقىلارنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشىغا ئىرىشكەن. ئامرىكلىق مەشھۇر ئەدىب فۇسان ئەسلىدە تاموژنىدا خىزمەت قىلاتتى. بىركۈنى ئۇ ناھايىتى قايغۇرغان ھالدا ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ئايالى سوفىيەگە تاموژنىدىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن سوفىيە ناھايىتى خۇشال ھالدا فۇسانغا:》ھازىردىن باشلاپ كىتابىڭىزنى خاتىرجەم يازالايدىغان بولدىڭىز!《 دەيدۇ. فۇسان بولسا ئايالىغا:》شۇنداق، ھازىر كىتاب يىزىشقا ۋاقىت چىقتى، لىكىن پۇل بولمىسا تۇرمۇشىمىزنى قانداق ئۆتكۈزىمىز؟《دەيدۇ. سوفىيە تارتمىنى ئىچىپ بىر سىقىم پۇلنى قولىغا ئىلىپ فۇسانغا، ‹‹مەن سىزنىڭ تالانىت ئىگىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەتتىم، شۇنداقلا ھامان بىركۈنى مەشھۇر ئەسەر يازالايدىغانلىڭىزغا ئىشىنەتتىم. شۇڭلاشقا ھەركۈنلۈك تۇرمۇش خىراجىتىمىزدىن بىرقىسىم پۇللارنى تېجەپ يىغىپ قويغان ,ھازىر بۇ پۇللار بىزنىڭ بىريىل ئىشلىتىشىمىزگە يىتىدۇ›› دەيدۇ. ئايالىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى ئارقىسىدا فۇسان ئاخىرى ئامرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر رومان ‹‹قىزىل خەت›› نى يىزىپ چىقىدۇ. يەنە مىسالغا ئالىدىغان بولساق، 19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەنگىلىيەلىك بىر ياش بالا يازغۇچى بولۇش خىيالىدا بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىشلىرى پەقەت ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. ئۇنىڭ دادىسى قەرزىنى قايتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە قامىلىدۇ، ئۇ 4يىلغىچە ئوقۇشتىن قىلىشتىن سىرت كۈندە دىگۈدەك ئاچ-يالىڭاچلىقنىڭ دەردىنى تارتىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ بىر خىزمەت تاپىدۇ، ئۇنىڭ خىزمىتى ناھايىتى قاراڭغۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئاياغ مېيىغا باھاسىنى چاپلاش بولۇپ، كەچتە چاشقانلار يۈگۈرۈپ يۈرىدىغان قاراڭغۇ ئامباردا بىرنەچچە بالا بىلەن بىللە ئۇخلايدۇ، ئۇ مۇشۇ مال ئامبىرىدا يازغان ئەسىرىنى نەشىرگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قايتۇرۋىتىلىدۇ. ئاخىرى بىر مۇھەررىر ئۇنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى ئىتىراپ قىلىپ ئۇنى ماختايدۇ. بۇ ماختاش ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ ھەم بۇنىڭدىن ناھايىتى چوڭ ئىلھامغا ئىگە بولىدۇ-دە، ئۇنىڭ ئەسەر يىزىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىدۇ. ئاخىرى ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى بولۇپ چىقىدۇ. مۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.

ئامرىكىلىق مەشھۇر شەخىس بولۇمۇ ئون نەچچە يىل تەتقىقات ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق مۇنداق يەكۈن چىقارغان: پەقەت مۇۋاپىق بولغان ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانساق %95دىن ئارتۇق ئوقوغۇچىنى يەتمەكچى بولغان نىشان بويىچە تەربىيلىگىلى بولىدۇ.

ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئوقوغۇچىلارغا مۇۋەپىقىيەت قازىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىشىمىز، ئوقوغۇچىلارغا مۇۋەپقىيەت قازىنىشىنىڭ تەمىنى ھىس قىلدۇرىشىمىز، مۇۋەپقىيەتتىن كېيىنكى خۇشاللىقنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئوقوغۇچىلارنىڭ روھى-قىياپىتى ئەركىن-ئازادە بولۇپ، ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ. شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىمۇ ئۆزىگە-ئۆزى ئىلھام بىرىپ، توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەيدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ.

2.   ئوقوغۇچىلار ئىلھاملاندۇرۇش ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلىدۇ

ئىلھانلاندۇرۇش، ماختاش سادالىرى ئىچىدە ئوقوغۇچىلار ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. ئەركىن-ئازادە موھىت ئىچىدە ئۆزى-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە مۇكەممەللەىشتۇرىدۇ. بۇخىل ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ماختاش ئوقوغۇچىلارنىڭ ساغلام بولغان خاراكتىرىنى يىتىلدۈرۈش، ئادەمنى ئاساس قىلىش تەربىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىنتايىن پايدىلىق، بۇ يەنە يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ۋە يېڭى دەۋىردىكى مائارىپ تەشەببۇس قىلىۋاتقان تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ بىرىدۇر.

ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

(1)تىل ئارقىلىق ئىلھام بىرىش ئۇسۇلى:

ئوقوغۇچىلار بىر ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلىغاندا ياكى دەرسخانىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاندا، ئوقۇتقۇچى تىل ئارقىلىق ئىلھام بىرىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالدىدا سىزنىڭ دىگەن بىرەر ئېغىز ئىلھاملاندۇرۇش سۆزلىرىڭىز ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدۇ. مەسلەن: ‹‹سىزنىڭ پىكىرىڭىز ناھايىتى يېڭى ئىكەن››،‹‹سىزنىڭ ئىپادىلىشىڭىز نېمە دىگەن ياخشى!››،‹‹سىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىگەنلىگىڭىز ئۈچۈن چاۋاك چالايلى!››،‹‹سىز سىنىپىمىزدىكى كىچىك يازغۇچى››،‹‹سىز نېمە دىگەن ئەقىللىق››،‹‹سىزنىڭ جاۋابىڭىز قالتىس بولدى››دىگەندەك ئىلھاملاندۇرۇش سۆزلىرى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆز-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى موھىم ئامىلنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇتقۇچى ئايرىم سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بەرسە بولىدۇ. مەسلەن: ‹‹ئوقوغۇچىلار بىرقسىم مەسىللەرنى ھەل قىلالمىغاندا؛ مەلۇم بىر مەسلىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقاندا؛ ئائىلىسىدە ياكى مەكتەپتە ئىقتىسادىي ياكى مەنىۋىي جەھەتتە زەربىگە ئۇچراپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىگە ئىھتىياجلىق بولغاندا، ئوقۇتقۇچى ئۇلارغا ئىلھام-مەدەت بىرىپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىقنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، پەقەت تىرىشىپ ئىزدەنسىلا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تىپىپ چىقىشقا بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ بالىلار باغچىسىدىكى ئوقوغۇچىلار، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ئىلھاملاندۇرۇشقا تېخىمۇ موھتاج. تىل ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، مۇكاپات بويۇمى تارقىتىش ھاجەتسىز. شۇڭا ئوقۇتقۇچى مۇۋاپىق بولغان ئىلھاملاندۇرۇش سۆزلىرىنى ئىشلەتسىلا كۇپايە.

مىسال: ئانىڭىز سىزگە ئىشىنەتتى

بىر ئانا تۇنجى قېتىم بالىلار باغچىسىدىكى ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇئەللىم ئۇنىڭغا: ‹‹سىزنىڭ ئوغلىڭىزنىڭ جىم ئولتۇرالمايدىغان كىسىلى بار بولسا كېرەك، ئۆز ئورنىدا 3مىنۇتمۇ جىم ئولتۇرالمايدۇ›› دەپتۇ. ئۆيگە قايتىپ كىتىۋاتقاندا بالىسى ئۇنىڭدىن مۇئەللىمنىڭ نېمىلەرنى دىگەنلىكىنى سوراپتۇ. ئانىسى ئۇنىڭغا: ‹‹مۇئەللىم سىزنى ماختىدى. سىزنى ئەسلىدە 1مىنۇتمۇ جىم ئولتۇرالمايتتى، ھازىر 3مىنۇتقىچىمۇ مىدىرلىمايدۇ دىگەنتى، باشقا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ماڭا ناھايىتى ھەۋەس بىلەن قاراشتى، چۈنكى سىنىپىڭىزدىكى بىرنەچچە بالا ئالغا ئىلگىرلەپتۇ. سىزمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىكەنسىز›› دەپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە بۇ بالا مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ كارتۇن فىلىم كۆرۈپتۇ.

بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە، ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇئەللىم ئۇنىڭ ئانىسىغا: ‹‹بۇ قېتىمقى ماتىماتىكا ئىمتىھانىدا بالىڭىز ئارقىدىن سانىغاندا 3-بولۇپتۇ، سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ ئەقلىي-قابىلىيىتىدە مەسىلە بارمىكىن دەپ گۇمانلىنىۋاتىمىز، ئەڭ ياخشىسى سىز ئۇنى پىخسىك دوختۇرىغا كۆرسىتىپ بىقىڭ›› دەپتۇ. ئۆيگە قايتىپ كىتىۋاتقۇچە بالىسىنىڭ ئالاقىزادە بولۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: ‹‹بالام، مۇئەللىم سىزگە چەكسىز ئىشىنىدىكەن، ئۇ سىزنى دۆت ئەمەس، پەقەت دەرسنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاپ، كۆپىرەك مەشىق قىلسىلا پارتىدىشىدىن ئىشىپ كىتىدۇ››دەپتۇ. ئانا بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا ئوغلىنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەن كۆزلىرىنىڭ بىردىنلا چەكسىز ئۈمىدكە تولۇپ چاقناپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپتۇ.

بالا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، بىر قېتىملىق ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇئەللىم ئۇنىڭ ئانىسىغا: ‹‹ئوغلىڭىزنىڭ ھازىرقى نەتىجىسىدىن قارىغاندا نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتەلىشىدە ئۈمىد يوق›› دەپتۇ. ئانا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ كىتىۋاتقاندا ئوغلىغا: ‹‹سىنىپ مۇدىرىڭىز سىزدىن ناھايىتى رازىكەن، پەقەت يەنىمۇ تىرىشسىڭىز نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتىشىڭىزدە گەپ يوق›› دەپتۇ.

تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندە، بالا چىڭخۇا ئۇنۋىرىستىتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئانا ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا كۆزىگە ياش ئىلىپ ئوغلىغا: سىزگە ئىشىنەتتىم، سىز ئانىڭىزنى نائۈمىد قويمىدىڭىز›› دەپتۇ.

(2) مۇكاپات بىرىش ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى:

مۇكاپات بىرىپ ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى- تىل ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىدىن قىلىپلاشقان، يۈز-تۇرانە ئىلھام بىرىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلارغا بىرتال كىچىك قىزىل گۈل، يۇلتۇز مۇكاپات بىرىش ياكى شەرەپ تاختىسىغا چىقىرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىلھاملاندۇرسا ياكى مەقسەتلىك ھالدا ئەھمىيەتلىك بولغان پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ مۇسابىقە ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئىرىشكەن ئوقوغۇچىلارغا مۇكاپات بويۇمى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، ئاكتىپلىقىغا ئىلھام بەرسە بولىدۇ. مۇكاپات بويۇمى بىرەر دەپتەر، بىرەر ئۆچۈرگۈچ، بىرەر پارچە لۇغەت بولسىمۇ ئوقوغۇچىلارغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ ئىھام مەدەتتۇر.

مىسال: ئوقوغۇچىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان سۆيۈش.

بىر قىزچاق ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى بوپتۇ. ئۇ ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، قەيەرگىلا بارسا كىشىلەرنىڭ كۆزىنى چاقنىتىۋىتىدىكەن. ئۇنىڭ ئوقوغۇچىلىرى بولۇپمۇ ئوغۇل ئوقوغۇچىلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ياقتۇرۇشىنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدىكەن.

مۇئەللىم سىنىپدىكى لوس ئىسىملىك بىر ئوغۇل ئوقوغۇچىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆزگە كۆرىنەرلىك بولۇپ، ناھايىتى ئىنتىزامچان ئىكەن. مۇئەللىم ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئۇنى نوتۇق سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ ھەم مۇراسىمدا ئۇنى سۆيۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا مۇۋەپقىيەت تىلەپتۇ.لىكىن مۇئەللىمنىڭ بۇ ئىشىغا تۆۋەن يىللىقتىكى بىر ئوغۇل ئوقوغۇچى ناھايىتى ھەسەت قىپتۇ دە، مۇئەللىمگە: ‹‹مېنىمۇ بىرنى سۆيۈپ قويسىڭىز قانداق؟››دەپتۇ. مۇئەللىم ناھايىتى تەئەججۈپلىنىپ ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈنلىكىنى سوراپتۇ. ئۇ ئوقوغۇچى مۇئەللىمگە ئۆزىنىڭ لوستىن قىلىشمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مۇئەللىم ئاڭلىغاندىن كېيىن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئۇنىڭ بىشىنى سىلاپ تۇرۇپ: ‹‹لوسنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى ھەم ئىنتىزامچان ئەمەسمۇ، ئەگەر سىز لوس بىلەن ئوخشاش كۆزگە كۆرۈنسىڭىز، سىزنىمۇ سۆيۈپ قويىمەن›› دەپتۇ. ھىلىقى بالا خۇشال بولغان ھالدا مۇئەللىمگە: ‹‹ئۇنداقتا گىپىڭىز گەپ ھە!›› دەپتۇ. بالا مۇئەللىمنىڭ ‹‹سۆيۈپ قويىمەن›› دىگەن گىپىدىن ئىلھام ئىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپتۇ ھەم ئۆگىنىش نەتىجىسى بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھەرتەرەپتىن ئەتىراپلىق تەرەققىي قىلىشقا باشلاپتۇ. پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقوغۇچىلار ئۇنىڭ ناھايىتى كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقوغۇچى ئىكەنلىكىنى ھەم ھىلىقى چىرايلىق مۇئەللىمنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئۇنى سۆيۈپ قويغانلىقىنى بىلىدىكەن.

ئۇ بالا ئامرىكا زۇڭتۇڭى خېڭلى دولمىت ئىكەن.

(3) بەدەن ھەركىتى ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش:

بەدەن ھەركىتى ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش - ئوقۇتقۇچىنىڭ بەدەن ھەركىتى ئارقىلىق ئوقوغۇچىنىڭ نەتىجىسى ۋە مۇۋەپىقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ماختاشتىن ئىبارەت بىرخىل ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. ئوقوغۇچىلار دەرسخانىدا سۇئالغا ناھايىتى ياخشى جاۋاپ بەرگەندە، ئوقۇتقۇچى باش بارمىقىنى چىقىرىش ئارقىلىق ماختىغانلىقىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ.

مەلۇم بىر ئوقوغۇچى بىرەر ياخشى ئىش قىلغاندا، پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقوغۇچىلار چاۋاك چىلىپ تەقدىرلىسە بولىدۇ. ئوقوغۇچىلار يۈرەكلىك ھالدا سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجەبلەنگەن كۆز ئىپادىسى ھەم ئوقوغۇچىنىڭ يۈرەكلىك ھالدا سۇئال قويغانلىقىغا بەرگەن كۈلۈمسىرىشى ... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوقوغۇچىغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ ئىلھاملاندۇرۇشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئوقوغۇچىلارنىڭ بىشىنى مىھرىبانلىق بىلەن سىيلاپ قويۇش، ئۇلارنىڭ مۈرىسىگە شاپىلاقلاپ قويۇش قاتارلىقلارمۇ ئوقوغۇچىلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىش، ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشقا مەدەت بىرىدىغان موھىم ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىدۇر.

(4)ئۈلگە كۆرسىتىپ ئىلھاملاندۇرۇش:

بۇ ئۇسۇل كۆپىنچە ھالدا ئوقۇتقۇچى ئەتىراپتىكى ئىلغارلارنىڭ ئادەمنى تەسىرلەندۈردىغان ئىش ئىزلىرىنى ئوقوغۇچىلارغا سۆزلەپ بىرىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئىلھام بىرىدىغان ئۇسۇلدۇر. ئۈلگە كۆرسىتىپ ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئىلغارلارنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ، ئوقوغۇچىلارنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلسا بولىدۇ. ئوقوغۇچىلارنى ئۈلگىلىك شەخىسلەردىن ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرغاندا، تارىختىكى داڭلىق شەخىسلەرنى، مەشھۇر كەشپىياتچىلارنى، ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى، ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ ئىلھام بەرسە، شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقوغۇچىلارنى ئەتىراپىدىكى ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. تۈرلۈك كەسىپلەردىكى ئۈلگىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەر گىنىراللار، ئىنقىلابىي قەھرىمانلار، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلىم-پەن ماھىرلىرى، كەشپىياتچىلار، مەشھۇر ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار، كارخانىچىلار، ھۈنەر-سەنئەتچىلەر، تەنتەربىيە ماھىرلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا قىتېرقىنىپ،ئۆگىنىۋاتقان ئوقوغۇچىلار، ئۆزىنى ئۇنتۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلار، ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقانلار، تىرىشچان، ئىقتىسادچان بولۇپ ئىگىلىك باشقۇرىۋاتقانلار، باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىۋاتقانلار، باتۇر-قەھرىمانلار، ئاغرىققا ئامال، ئۆلۈمگە داۋا تىپىپ كىسەل داۋالاۋاتقانلار قاتارلىق ئىلغار تىپلارنى ئۈلگە قىلىپ ئوقوغۇچىلارغا ئىلھام بەرسە بولىدۇ. ئۈلگە كۆرسىتىپ ئىلھام بەرگەندە ئەمىلى ئەھۋالغا ئاساسەن ئۈلگىلەرنى تىكلەشتە مەقسەتلىك، قاراتملىق بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى، ئوقوغۇچىلار ئارىسىدىن ئۈلگىلەرنى بايقاشقا ،يىتىلدۈرۈشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئىلغار ئوقوغۇچىلارغا ئىلھام بىرىپلا قالماي، بارلىق ئوقوغۇچىلارنىمۇ يىتەكلىگىلى بولىدۇ.

(5) ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىلھام بېرىش ئۇسۇلى:

ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى - ئەمەلىي گەپ قىلىش، ئوبرازلىق، قىزىقارلىق مىساللار ئارقىلىق تەربىيە ئىلىپ بىرىپ، ئوقوغۇچىلارغا ئىلھام بىرىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ۋەتەنپەرۋەرلىك  تەربىيە بازىسى، زامانىۋىلاشقان كارخانا، قەدىمىي ئاسارە-ئەتىقە قاتارلىقلارنى ئىكسىكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنى تەربىيەگە ئىگە قىلىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتنىشىش قىزغىنلىقىغا مەدەت بىرىش، ئۇلارنىڭ  قىتىرقىنىپ ئۆگىنىش، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى تەتقىق قىلىش، تۇرمۇشنى قەدىرلەش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا سەنئەت نومۇرلىرى، كىنو، تېلىۋىزورلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلب تارىنى چىكىش، ئۇلارنىڭ باتۇر، قەھرىمان بولۇش ھىسسياتىنى ئۇرغۇتۇش، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەشكە مەدەت بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۇچرىغان مەسىللەرگە قارىتا  ئەتىراپلىق ئىزدىنىش، ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇش، جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىگەيىتىش كىرەك .

ئوقۇتقۇچى ھەربىر ئوقوغۇچىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدىغانلىقىغا، توختىماي تىرىشىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزۈتۈپ، ۋاقتىدا ئىلھام بىرىشى، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك. ئەگەر سىزنىڭ ئوقوغۇچىڭىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى سىز كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سىلىۋالسىڭىز، ھىچقانداق مەدەت-ئىلھام بىرەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئوقوغۇچىڭىزغا زەربە بەرگەن بولىسىز. ئۇنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش قىزغىنلىقى ۋە ئۈمىدىنى بەربات قىلغان بولىسىز. بولۇپمۇ ئۆگىنشتە ئادەتتىكى ئوقوغۇچى ۋە ئۆگىنشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقوغۇچىلاردا  كۆرۈلگەن ئىلگىرلەش ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ئۇلارغا كونا نۇقتىنەزەر بويىچە قارىماسلىق، ئۇلارنىڭ كەم تەرەپلىرىگىلا ئىسلىۋالماسلىق كېرەك. تېخىمۇ موھىمى ئوقوغۇچىلارنى ماختاش، مۇئەييەنلەشتۈرۈش، قوللاش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئىلھام بىرىش، چۈشىنىش ۋە كەڭچىللىك قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىشەنچ ئىچىدە ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشكە ، ئىلھام-مەدەت ئاستىدا ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەشكە يىتەكلەش كېرەك.

(6) ئۆز-ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى:

ئىلھاملاندۇرۇش – باشقىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىلھامغا ئىگە بولۇش بىلەن ئۆزىنى-ئۆزى ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى ۋە تەرەققىياتى باشقىلارنىڭ ياردەم بىرىشىگە موھتاج. لىكىن ‹‹ئاسمان زىمىنغا تايانغاندىن كۆپ، ئۆزۈڭگە تايانغىنىڭ ياخشى، ئۆزۈڭدە يوق، ئالەمدە يوق›› دىگەندەك ئادەم يەنىلا ئۆزىگە تايانغىنى ياخشى. ئۆز-ئۆزىگە ئىلھام بىرىش ئارقىلىق ئادەم ئۆز-ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. گىرمانىيىلىك خادىم بايلىقنى قىزىپ تەتقىق قىلىپ مۇتەخەسىسى سىپولىنىگىت يازغان 《رىغبەتلىك رىۋايەتلەر》 ناملىق ئەسىرىدە، ‹‹كۈچلۈك بولغان ئۆز-ئۆزىگە ئىلھام بىرىش بولسا مۇۋەپىقىيەت قازىنىشتىدىكى ھەل قىلغۇچ شەرت›› دىگەن. شۇڭا ئوقۇتقۇچى توختىماي ئۆز-ئۆزىگە ئىلھام بىرىشى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقوغۇچىلارنىمۇ ئۆز-ئۆزىگە ئىلھام بىرىشكە يىتەكلىشى كېرەك.

مىسال: ھاياتنىڭ  قىممىتى

دارىلتامدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان بىر بالا دائىم مەيۈسلەنگەن ھالدا مۇدىردىن ‹‹باشقىلار ياقتۇرمايدىغان مەندەك بالىنىڭ ياشىغىنىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟›› دەپ سورايدىكەن. دارىلتام مەسئۇلى كۈلۈپ قويۇپلا باشقا گەپ قىلمايدىكەن. بىر كۈنى دارىلتام مەسئۇلى بالىغا بىر دانە تاشنى تۇتقۇزۇپ: ‹‹ئەتە ئەتىگەن سەن بۇ تاشنى كۆتۈرۈپ بازارغا بىرىپ ساتىمەن دىگىن، لىكىن ئىسىڭدە بولسۇن ھەرقانداق كىشى مەيلى قانچە پۇلغا ئالىمەن دىسىمۇ ھەرگىز ساتما›› دەپتۇ.ئىككىنچى كۈنى بالا تاشنى كۆتۈرۈپ بازارغاابىرىپتۇ، ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن ئادەملەر بۇ تاشقا ھەۋەس قىلىپ، باھاسى توختىماي ئۆرلەشكە باشلاپتۇ.بالا  دارىلتامغا قايتقاندىن كېيىن ئەھۋالنى دارىلتام مەسئۇلىغا ئېيتىپتۇ. مۇدىر كۈلۈپ كىتىپ ئەتە بۇ تاشنى ئالتۇن بازىرىغا ئىلىپ بىرىشنى، لىكىن يەنىلا ساتماسلىقنى ئېيتىپتۇ. ئەتىسى ئالتۇن بازىرىدا بۇ تاشنىڭ باھاسى ئالدىنقى كۈندىكىدىن 10ھەسسە ئىشىپ كىتىپتۇ.

ئاخىرىدا مۇدىر تاشنى ئۈنچە-ياقۇت بازىرىغا ئاپىرىشنى ئەيتىپتۇ. نەتىجىدە تاشنىڭ باھاسى 10ھەسسە ئۆرلەپتۇ. بۇ بالا تاشنى ساتمىغاچقا، ‹‹دۇنيادىكى بىباھا گۆھەر›› گە ئايلىنىپتۇ.بالا ناھايىتى خۇشال ھالدا تاشنى دارىلتامغا ئىلىپ كىلىپ، بۇ ئىشلارنى مۇدىرغائەيتىپتۇ ، ھەم نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولغانلىقىنى سوراپتۇ. مۇدىر كۈلۈپ كىتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ. ‹‹ھاياتنىڭ قىممىتى خۇددى مۇشۇ تاشقا ئوخشاش، ئوخشىمىغان موھىتتا، قىممىتى ئوخشاش بولمايدۇ. كۆزگە ئىلمايدىغان بۇ بىر پارچە تاشنىڭ قىممىتى شۇ يەردىكى، سەن ئۇنى قەدىرلەپ ھىچكىمگە ساتمىغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ قىممىتى ئۆستى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى بىباھا گۆھەرگە ئايلاندى. سەنمۇ خۇددى بۇ تاشقا ئوخشاش، پەقەت ئۆزۈڭنى قەدىرلىسەڭ، ئۆزۈڭنى ھۆرمەتلىسەڭ، ھاياتىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك بولىدۇ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

6

تېما

14

دوست

1788

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
341 سەر
تىللا
58 دانە
تۆھپە
444 سەر
شۆھرەت
393 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 13:07:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ،بۇتىمىنى پات-پات ئوقۇپ تۇرمىسام بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.
ئادەم ياشلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تۇغرا نىيەت ۋە ياخشى ئەخل ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:42, Processed in 0.181670 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش