| يۇمۇرلار قىززىقمىكەن بىر جۈپ ياش توي خىتى ئىلىش ئورنىغا كەپتۇ -تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشلەرنى تۈگەتتىڭلارمۇ ........... -تۈگەتتۈق ، ئۇنىڭ ئۆيى ، ماشىنىسى ھەممىسى تەل ئىكەن . مەن سىلەردىن دوختۇرخانا تەكشۈرتىشىنى سوراۋاتىمەن . - تەكشۈرۈتتۇق ، بالا ئوغۇل ئىكەن . سىز مىنى قوغلاڭ بىر كۈنى كەچتە بىر چىرايلىق قىز ئۈرۈمچىدىكى 4- دوختۇرخانا يەنى ساراللار دوختۇرخانىسى يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتسا ، قىپ - يالىڭاچ بىر ئەر قوغلاپ كىلىۋاتقىدەك ، ئۇ قورۇققىنىدىن جىنىنىڭ بىرىچە قىچىپتۇ . ھىلىقى ئەرمۇ كەينىدىن داۋاملىق قوغلاپتۇ . بىر چاغدا ئۇ قىز ھىچ يەرگە قاچقىلى بولمايدىغان يەرگە كىلىپ قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ ، يىغلاپ تۇرۇپ . ھىلىقى ئەرگە مىنى نىمە قىلسىڭىز قىلىڭ ، لىكىن ئۆلتۈرىۋەتمەڭ . دەپ يالۋىرىپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان ئەر ئۇنىڭغا قاراپ ھىجىيىپ تۇرۇپ ، گىپىڭىز راست بولسا ھازىردىن باشلاپ مىنى سىز قوغلاڭ . دىگۈدەك . مۇلازىمەت رايۇنىدا ئەمەس تاڭ سىڭ سۇنۋۇكۇڭنى ھەيدىۋەتكەندىن كىيىن قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ - دە . جۇباجىنى سۇنۋۇكۇڭنى قايتۇرۇپ كىلىشكە بۇيريپتۇ . ئەمما سۇنۋۇكۇڭ قايتىپ كىتىشكە زادىلا ئۇنىماپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان تاڭسىڭ غەزەپلەنگىنىدىن ، چەمبىرەك ئەپسۇنىنى ئوقۇپتۇ . بىر ھازادىن كىيىن كۆكتىن بىر گۈزەل قىزچاقنىڭ ؛ -كەچۇرۈڭ سىز چاقىرغان ئابونت مۇلازىمەت رايۇنىدا ئەمەس ،- دىگەن يىقىملىق ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
|
|