كۆرۈش: 241|ئىنكاس: 3

بىكەت باشلىقلىرىغا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھۆرمەتلىك بىكەت باشلىقىغا:
تېما تەستىقلىغۇچىلار بۇ تېمىنى تەستىقلىمىغان تەقدىردىمۇ باشتىن ئاخىر تەپسىلى ئوقۇپ توغرا مۇئامىلدە بولشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن بۇ تور بەتكە يېڭىدىن تىزىملىتىپ كىرگەن، ئادەتتىكى بىر ئەزا بولىمەن. مەن گەرچە بۇ تور بەتكە يېڭى ئەزا بولساممۇ، لىكىن بۇ يەردە بىكەت باشلىقىغا تەكلىپ بېرىپ تۇرۇپتىمەن. تېمىلار ھەققىدە بىر قانچە تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرمەكچىمەن. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.
1. تىللا تۈزۈمى ھەققىدە
تور بىكتىڭلاردىكى كۈندە بىر تىللا ئارقىلىق تىللاغا جىددى ئىھتىياجى بارلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش پىلانى ئىنتايىن ئەتراپلىق ۋە مۇۋاپىق پىلان بوپتۇ. تەكلىپىم ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىللا سىتىۋىلىش ئىقتىدارى قوشقىلى بولارمۇ؟ بانكا ھېسابات نومۇرى ياكى پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق تىللا سېتىۋالغىلى بولىدىغان قىلغىلى بولارمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭغا يەنە بىر ئاز تەرەققىيات ۋە ۋاقىت پۇرسىتى كېتىدىغانلىقى ئىنىق.
2. تېما سېتىۋىلىش ھەققىدە
مەن ئالدىنقى قېتىم بىر قانچە دوستۇمنىڭ تېما سېتىۋىلىش ئۈچۈن تىللا سەرپ قىلغانلىقى، لىكىن ئاخىرىدا لازىملىق ماتىرىيالنى چۈشۈرەلمىگەنلىكى ياكى چۈشۈرسىمۇ تېما بىلەن بىردەك بولمىغان ماتىرىيال چۈشۈرۈپ قويۇپ، ھەقىقىي لازىملىق نەرسىنى تاپالمىغاننىڭ ئۈستىگە تىللا تۈگەپ كىيىنكى نەرسىنى چۈشۈرۈشكە ئامال قىلالمىغانلىقىنى ئېيتىپ زارلىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. شۇڭا مېنىڭ تەكلىپىم، ھەقلىق تېمىلارغا چوقۇم سەمىمىي ھالدا ئىنىق چۈشەنچە بېرىلىشىنى، مومكىن بولسا، سېتىۋىلىشتىن ئاۋۋال كۆرۈنمە رەسىمىنى كۆرۈپ باققىلى بولىدىغان قىلغىلى، ۋە ياكى شۇ ماتىرىيالنى چۈشۈرىدىغان ۋاقىتتا ئاندىن تىللا تۇتۇپ قالىدىغان قىلىغىلى بولارمۇ؟
ئەڭ ئاخىرىدا بىكەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ تېمامنى توغرا چۈشىنشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-4 20:38:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز؟ مۇنبىرىمىزگە يېڭىدىن كىرىپسىز ، قەدەم مۇبارەك ، خوش بولدۇق دائىم كىرىپ تۇرغايسىز ! گەئرچە مەن بېكەت مەسئولى بولمىساممۇ ئالى باشقۇرغۇچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن قارىشىمنى دىيىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
يېڭىدىن كىرىپلا ياخشى تەكلىپ بېرىپسىز ، ھەم مۇنبەردىكى ياخشى بولغان ھەم ياخشى بولمىغان تەرەپلەرگە تەكلىپ پىكىر بېرىپسىز ،
1- تىللا تۈزۈمى ھەققىدە بەرگەن تەكلىپىڭىز ، تەكلىپىم ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىللا سىتىۋىلىش ئىقتىدارى قوشقىلى بولارمۇ؟ بانكا ھېسابات نومۇرى ياكى پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق تىللا سېتىۋالغىلى بولىدىغان قىلغىلى بولارمۇ؟ دەپسىز بۇ قاراش سىزچە تڭغرىدەك قىلسىمۇ مەنچە بولغاندا توغرا ئەمەس دەپ ئويلايمەن ، پۇلغا ھەردانداق مەرسىنى سېتىۋالغىلى بولسىمۇ بۇ يەردە ئېيتىلۋاتقىنى مۇنبەرنىڭ تېمىلارنى تىللالىق قىلىشى پۇل تېپىش ئەمەس ، بۇنىڭدىن مەقسەت ھەممىمىز ئۆزىمىزدىكى ماتىرياللارنى يوللاش ، يوللاش ئارقىلىق تىللا توپلاپ ،ئاتىريال ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان .چۈنكى بۇ مۇنبەردىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇتقۇچى ،ھامان ھەممىمىزدە بىر بىرىمىزنىڭكىگە ئوخشاشمايدىغان نادىر ماتىرياللىرىمىز بولۇشى مۇمكىن .
2-تېما سېتىۋېلىشقا كەلسەك يېقىندىن بۇيان بەزى بوشلۇقلارنىڭ تاقىلىپ قېلىشى ۋە ياكى بەزىبىرلىرىمىزنىڭ بىخەستەلىكى تۈپەيلى سىز دىگەندەك ئەھۋاللاردىن مۇستەسنا ئەمەس ، باشقۇرغۇچىلارمۇ ئىمكان بار تېما يوللىغاندا شۇ تېما ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىشنى تېما چۈشۈرمەكچى بولغانلار شۇ چۈشەنچىگە قارىتا ئۆزىگە كېرەكلىك ماتىريال تېپىۋالسا دىگەننى  تەشەببۇس قىلىپ كېلۋاتىمىز ، بۇ ھەقتە مۇكەممەل بىر  تۈزۈم ئورناتساق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قارايمەن . باشقيرغۇچىلارمۇ بەزىدە تەھرىرلەپ قويساقمۇ ،بەزىدە ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى تەھرىرلەپ بولالمايدىكەنمىز .
رەھمەت سىزگە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلەيلى !
ۋاقتى: 2015-2-5 01:41:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس.
ۋاقتى: 2015-2-5 15:16:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرى خانىم دىگەندەك؛ بۇ توردىكىلەر ئاساسەن ئۇقۇتقۇچىلار.بىر- بىرىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنۇتۇش . شۇ ئارقىلىق ۋاقىتنى تىجەپ ئۇقۇغۇچىلار بىلەن كوپرەك بىللە بۇلۇپ.تەربىيەلاش ئۈنىمىگە يىتىشنى مەخسەت قىلغان .ئەگەر سىز كوزلىگەن مەتىرياللارنى چۈشۈرەلمىگەن ياكى تىما بىلەن ماتىريال ئوخشاش بولمىغان بولسا چچ  ئارقىلىق يوللاپ بەرسىمۇ بۇلىدۇ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش