كۆرۈش: 413|ئىنكاس: 2

ئولتۇراق رايۇنلاردا ماشىنا توختىتىش ھەققى يىغىش قانۇنغا خىلاپ

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئولتۇراق رايۇنلاردا ماشىنا توختىتىش ھەققى يىغىش قانۇنغا خىلاپ
12-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ 12-نۆۋەتلىك 4-ئومومىي يىغىندا ئۈرۈمچى شەھەردىكى كۆپ قىسىم سىياسى كېڭەش ئەزالىرى ئولتۇراق رايۇندىكى خۇجىلىق شىركەتلىرىنىڭ ئۆي ئىگىسىدىن ماشىنا توختىتىش ھەققى يىغىش مەسلىسىنى ئىنكاس قىلدى. سىياسى كېڭەش ئەزالىرى ئۆي ئىگىسىنىڭ روخسىتىسىز مەجبورى ھالدا ماشىنا توختىتىش ھەققى يىغىش قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىياسى كېڭەش ئەزاسى جاۋ ۋېيدۇڭ" جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى مال-مۈلۈك قانۇنى" نىڭ 73-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا ئولتۇراق رايۇن ئىچىدىكى يول، يېشىللىق، جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە خوجىلىقتا ئىشلىتىدىغان ئۆيلەر ئۆي ئىگىلىرىگە تەۋە بۇلىدۇ دېدى.

" جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى مال-مۈلۈك قانۇنى" نىڭ 74-ماددىسىدا ئولتۇراق رايۇن ئىچىدىكى يول ۋە باشقا مەيدانلار ماشىنا توختىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە ئۆي ئىگىلىرىگە تەۋە بۇلىدۇ دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.



ئولتۇراق رايۇنغا تەۋە بولمىغان سىرتنىڭ ماشىنىلىرى ئولتۇراق رايۇنغا كىرىپ ماشىنا توختاتقاندىن كىينكى ماشىنا توختىتىش ھەققى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىگە تەۋە بۇلىدۇ، ئەگەر ھەممە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتسە بۇ پۇلنى ئولتۇراق رايۇندىكىلەر تارقىتىپ بېرىش ياكى جامائەت مۈلكىگە ئىشلەتسە بۇلىدۇ. دىمەكچى خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ ئولتۇراق رايۇندىكى ئەسلىھەلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۆي ئىگىلىرىدىن ھەق ئېلىش ئوقۇقىمۇ بولمايدۇ.

جاۋ ۋېيدۇڭ : بۇ توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش كۈچىنى زورايتىپ قالايمىقان ھەق يىغىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.



   كېڭەش ئەزاسى جۇ جىيەنپو: "خۇجىلىق شىركىتى ئۆي ئىگىسى بىلەن ماشىنىنى ساقلاپ بېرىش توختىمى تۈزۈپ ھەق ئالسا خۇجىلىق شىركىتى قايسى مەسئولىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى توختامغا ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. ئەگەر ماشىنا ئولتۇراق رايۇن ئىچىدە جىجىلىپ كەتسە،سۈركۈلۈپ كەتسە پۇل يىغقۇچى تەرەپ بولغان خۇجىلىق شىركىتى قايسى مەسئولىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ قايسى تۆلەملەرنى تۆلەپ بېرىدۇ" دېدى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-16 21:41:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تولىمۇ ياخشى خەۋەر ئىكەن ، ئەمما ، بىزنىڭ ئولتۇراق رايونىمىزدىمۇ كۈنىگە بىر يۈئەندىن ھەق ئېلىۋاتىدۇ ، بىر يۈئەن ئالىدۇ ، لىكىن ماشىنا يىتۈپ كەتسە ئىگە بولمايدۇ ، قىزىق ......
ۋاقتى: 2015-1-18 17:22:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوي مۇلۇك ئىگسىنڭ مەنپەتىنى ھەقىقى قوغدايدىغان  قانۇن ئىكەن.لىكىن گەپ قانداق ئىجرا بۇلشىدا.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش