كۆرۈش: 610|ئىنكاس: 1

بابا رەھىم شاھ مەشرەپ ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   1976-يىلى نەمەنگان شەھرىدىكى موللاۋەلى ئائىلىسىدە دونياغاغا كەلگەن بابا رەھىم كىچىكىدە چىرايىدىن نۇر يېغىپ،كۆزلىرى ئوتتەك چاقناپ تورىدىغان زىرەك بالا ئىكەن. كىچىك بابا رەھىم ئۇقۇش يېشىغا يەتكۈچە موللا ۋەلى ئۇنىڭغا خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ، نۇر غۇن كىتاپلارنى ئۇقۇپ بەرگەچكە،كىچىكىدىنلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋاپتۇ.كىچىك بابا رەھىم ئۇقۇش يېشىغا يەتكەندە موللا ۋەلى ئۇنى نەمەنگاندىكى داڭلىق ئۆلىما موللا بازار ئاخۇنۇمنىڭ مەدىرسىگە ئۇقۇشقا بىرىپتۇ.كىچىك بابا رەھىم ھەرقانداق سۈرلۈك كۆزلەرگىمۇ ھېچ ئەيمەنمەستىن دادىللىق بىلەن تىكىلىپ،كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ قاراپ تۇرىدىكەن.
    ۋۇجۇدىدا ئاتەش يېنىپ تۇرىدىغان كىچىك بابا رەھىم ئۈزىنىڭ مەنتىقىلىق پىكىرى بىلەن ،بەزىدە ھەتتا ئۇستازى موللا بازارنىمۇ قايىل قىلىدىكەن، ئۇ مەدىرىستە پۈتۈن زىھنى بىلەن ئۇقۇشقا بىرىلىپ كىتىپتۇ. بابا رەھىم مەدىرىستە ئۇقۇغان نەچچە يىل ئىچىدە ئوقىمىغان‹نەۋائى›‹قىسسەسۇل ئەنبىيا› قاتارلىق تۈركى يېزىقىدىكى دەرىسلىك كىتاپ ،ئەرپ،پارىسچە شېئىرلاردىن‹بوستان›‹گۈلىستان›ۋە جالالىدىن رۇمىنىڭ زور ھەجىملىك مەشھۇر ئەسىرى‹مەسنەۋى›قاتارلىقلار قالماپتۇ.
   مەدىرىستە ھەممە تالىپلارنىڭ ئالدى بۇلۇپ ئۇقۇۋاتقان بابا رەھىم 15-16 ياشلارغا كىرىپ قالغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ شېئىر-غەزەل ئىجاد قىلىش تالانتى بىلەن خېلى كۆزگە چېلىقىپ،‹مەشرەپ›دىگەن نامنى تەخەللۇس قىلىپ قوللىنىپتۇ. شۇ مەزگىللەردە مەشرەپ پىرمەت سىتارى ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن تۇنۇشۇپ،ئۇنىڭ بىلەن قىيامەتلىك دوستلىشىشقا ۋەدىلىشىپتۇ. بىراق پىمەت سىتارى ئۇنىڭ شېئىرىي ئىستىداتىغا ۋە ھەقىقەت توغرىسىدىكى ئېيتقانلىرىغا ئىشتىياق باغلاپ،ئۇنى ئۇستا تۇتۇپتۇ.
     شۇ مەزگىللەردە نەمەنگاننىڭ ھەممە يىرىنى قەلەندەر قاپلاپ كەتكەن،زالىملارنىڭ ۋە سوپى-ئىشانلارنىڭ قىلغىنى خەلىقنى زار قاقشىتىۋاتقان ئىكەن. بۇلارنى كۆرۈپ،كۆزىتىپ تۇرىۋاتقان مەشرەپ كوچا-كويلاردا نەزم تۇقۇپ،ناخشا ئېيتىپ،زاماننىڭ تەڭسىزلىكى ،قانخور پادىشاھلارنىڭ زالىملىقى،بايلارنىڭ مەككارلىقى ۋە شەيىخ-سوپىلارنىڭ رىياكارلىقىنى سۆكۈپ،مەسخىرە قىپتۇ. كىينكى مەزگىللەردە مەشرەپ بىلەن ئۇستازى موللا بازار ئوتتۇرسىدا ھەق-ئادالەت،تەرىقەت توغرىسىدا تالاش-تارتىش بۇلۇپ،ئىختىلاپ كۆرىلىپتۇ.كۈنسىرى ئابرويى ئېشىپ بېرىۋاتقان شاگىرتى مەشرەپنى كۆرەلمىگەن موللا بازار ئۇنى كۆزدىن يوقىتىش كويىغا چۈشۈپتۇ.بېشىغا كىلىۋاتقان شۇم خەتەرنى سىزىۋاتقان مەشرەپ-ئاتا-ئانىسى ۋە ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ نەمەنگاندىن يولغا چىقىپ بۇخاراغا كىلىپ توختاپتۇ. مەشرەپ بۇخاراغا كىلىپ بۇ يەردىكى داڭلىق ئۆلىما مەۋلانە شەررىپپىدىن غەززالى ۋە ئىبىن ئەرەبىينىڭ تەلىماتلىرىنى ئاڭلاپ،ساۋاق ئاپتۇ.مەشرەپنى بىر ئايدىن ئارتۇق ئىزدەپ يۈرگەن پىرمەت سىتارى ئۇنى ئاخىرى بۇيەردە مەۋلانە بىلەن مۇنازىرە قىلىۋاتقان ھالەتتە تېپىپىتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي پۈتۈن بۇخارادا داڭقى پۇر كەتكەن مەشرەپنىڭ خەلىق ئىچىدىكى ئىناۋىتىگە ھەسەت قىلىۋاتقان پادىشاھ ۋە چېكىدىن ئاشقان سوپى-ئىشانلار بۇ قېتىممۇ ئۇنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن قۇتىراپ كىتىپتۇ. بۇ شۇملۇقلارنى ئالدىن سەزگەن مەشرەپ پىرمەت سىتارىنى ئەگەشتۈرۈپ،بۇخارادىن قايتىپ چىقىپتۇ. شۇ ماڭغىنىچە ئوشقا كىلىپ،ئۇ يەردىكى مەشھۇر قەبرىگاھلاردا مەرھۇملارنىڭ خىيالى بىلەن دىن ۋە دۇنيا ھەققىدىكى نازۇك مەسىللىلەر ئۈستىدە ھەمسۆھبەتتە بوپتۇ.
    مەشرەپ نۇرغۇن جايلاردا مۇشەققەت تارتىپ،نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ ،تارىختىكى كۆپلىگەن ئىلىم ۋە مەدەنىيەتكە بۆشۈك بولمىش قەشقەرگە يىتىپ كىلىپ،ئاتىسىنىڭ بىر ۋاقىتتا دىگىنى بويىچە ئاپاق خوجىنىڭ دىدارىنى كۆرۈپ،ئۇنىڭدىن تەلىم ئالماق بوپتۇ. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي مەشرەپ بۇيەردىكى ئىچى ھىيلە-مىكىرگە تۇلۇپ كەتكەن رىياكار ئىشانلاردىن رايى قايتىپ،كۇچا-كويلاردا،خەلىقنى غەپلەتتە قالدۇرغان،زار-زار قاقشىتىۋاتقان بۇ ئالدامچى ئىشان ۋە ئۇنىڭ نەچچە مىڭلىغان رىياكار سوپى دەرۋىشلەر ئۈستىدىن نەزم توقۇپ،تەمبۇر چېلىپ ناخشىغا قېتىپ شىكايەت قىپتۇ. خەلىقنىڭ كۆڭلى باغانسىرى مەشرەپكە مايىل بۇلۇپ،ئۇنى باشلىرىدا كۆتۈرۈپ،ھۆرمىتىنى قىلغىلى تۇرۇپتۇ.پىرمەت سىتارىمۇ جاي-جايلاردا ئۇنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ،ئۇنىڭ ئېيتقان مەشھۇر شېئىر-غەزەللىرىنى بىرمۇ-بىر خاتىرىگە ئېلىپ،ئەل-ئىچىگە تارقىتىۋېتىپتۇ. قەشقەردىمۇ ھەسەتخور كىشىلەتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان مەشرەپ،بۇ يەردىمۇ ئۇزۇن تۇرالماي،پىرمەت سىتارىنى ئەگشتۈرۈپ،كۆك ئىشەككە مىنىپ،تەمبۇرنى قولتۇقلاپ،غېزىنى ئىشەككە مىنگەشتۈرۈپ يەكەن تامان يۈرۈپ كىتىپتۇ.يەكەنگە بېرىپ شۇ چاغدىكى سەئىدىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخرقى خانى ئىسمائىلخان بىلەن كۆرىشىپ،ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەتە بوپتۇ. مەشرەپ ئىسمائىلخان بىلەن خوشلىشىپ،خوتەنگە بېرىپ ،خوتەن خەلقىنىڭ تىللىرىدە داستان بۇلۇپ،ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كىلىۋاتقان شېئىر ۋە ئۇ توغرىسىدىكى ئاجايىپ ئەپسانى-رىۋايەتلەرنى قالدۇرۇپ تاكى نىيىغىچە بېرىپتۇ. خوتەندىكى ئايغاقچىلارنىڭ يەتكۈزگەن خەۋەرلىرىدىن دەرغەزەپكە كەلگەن ئاپاق خوجا ئۇنى پىرمەت سىتارى ئارقىلىق قەشقەرگە ئالداپ ئەكىلىپ تۇتۇپتۇ.
    ئاپاق خوجا مەشرەپ بىلەن پىمەت سىتارنى ھەر يىلى ئىلىدىكى موڭغۇل خانى قۇنتەيجىگە سوۋغاتلىق ئەۋەتىدىغان پالاندى كىشىلەر قاتارىدا ئىلىغا سۈرگۈن قىپتۇ.ئۇ ئىلىدا بىرنەچچە يىل ئات باقار بوپتۇ. پۇرسەت كۈرۈپ ياتقان مەشرەپ مۇۋاپىق پەيىت تاللاپ،پىمەت سىتارى بىلەن بىرگە ئىلىدىن باش ئېلىپ قېچىپ،يۇرتى نەمەنگانغا كەپتۇ ۋە ئانىسى،سىڭلىسى بىلەن دىدارلىشىپتۇ. مەشرەپ يۇرتىدا ئۇزاق تۇرماي،خوتەندە تاپالمىغان ھەقىقەتنى ئىزدەش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەھەرلەرگە قاراپ يەنە يولغا چىقىپتۇ.شۇ تەرىقىدە ئۇنىڭ پىرمەت سىتارى تەرىپىدىن خاتىرلەنگەن نۇرغۇن توم-توم دىۋانلىرى خەلىق ئىچىگە تارقىلىپتۇ. بەلىخ شەھرىدە نۇرغۇن داڭلىق ئۆلىمالار بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىپ،خان قولىقىغا يەتكەندىن كىيىن،ھەتتا خان بىلەنمۇ مۇنازىرلىشىپ،ئۇنىڭ رەشىك ئوتىنى ياندۇرۋېتىپتۇ.بۇلارغا چىدىمىغان زالىم شاھ مەشرەپنى دارغا ئېسىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈپ 75 ياشقا كىرگەن بۇ دانىشمەن مۇتەپپەككۇر ۋە شائىرنى ھاياتىدىن ئايرىپتۇ.

      مەنبە:بىلقۇت مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى مەزمۇن بىلەن تەمىنلىگەن
               قارلۇق مىدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى ئىشلىدى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-3 12:52:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاس قاپتۇ ئاباق خۇجا زىيانكەشلىك قىلغىلى . ئەجەم كىمنىڭ زىيانكەشلىك قىلغانلىقى تەپسىلىراق يېزىلماپتۇ .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش