| دەرس تىمىسى: قىزىقارلىق ئەدەبىي تەسەۋۋۇر ئوقۇتۇش نىشانى: 1. بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى : ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش. 2.جەريان ۋە ئۇسۇل: مەشغۇلات جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ھېكايە توقۇشنى ئۈگىتىپ،كىچىك ئىجادىيەت سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا يېزىقچىلق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش. 3.ھېسيات،پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى نىشانى؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش قىزىقىشىنى چوڭقۇرلىتىپ،نەزەر دائىرسىنى كىڭەيتىپ،ئۇلاردا ئالىيجاناپ پەزىلەتنى چوڭقۇرلىتىش. مۇھىم نوقتا: ئىجادىيەت سىنىقى ئىشلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇش. قېيىن نوقتا: ئەدەبىي تەسەۋۋۇرنىڭ پروزا ئەسەرلەردىكى رولى ۋە ئورنىنى بىلىش. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۈزىتىش، چۈشەندۈرۈش، يېزىقچىلىق مەشقى ئىلىپ بېرىش، باھالاش، يېتەكچىلىك قىلىش ئوقۇتۇش ۋاستىسى: دەرسلىك كىتاب، ئوقۇتۇش قوللانمىسى، دەرس تەييارلىقى، دەرسلىك دىتالى ئوقۇتۇش جەريانى: 1. دەرسكە باشلاپ كىرىش ئىكراندا كۆرسىتىلگەن رەسىمنى كۈزىتىپ، ھېس قىلغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بىقىڭ. (ئىكراندا رەسىم كۆرسىتىلىدۇ) تۆت،بەش نەپەر ئوقۇغۇچىدىن ئىختىيارى سورىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى نەتىجىسىنى كۆزىتىشكە كۆپرەك يىتەكلەيدۇ ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئاساسىدا ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلاش ئېلىب بارىدۇ. ساۋاقداشلار رەسىمىنى كۆزىتىپ ، ئۆز تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ياخشى جاۋابلارنى بەردى. ئۇنداقتا، بىزنىڭ ئۆتىدىغان دەرسىمىز 《قىزىقارلىق ئەدەبىي تەسەۋۋۇر》 دوسكىغا يېزىلىدۇ. ئىكراندا كۆرسىتىلىدۇ. ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچى تەسەۋۋۇر ۋە ئۇنىڭ رولى توغۇرلۇق قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بىرىدۇ. ئىكراندا كۆرسىتىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى: دەرسلىكىمىزدىكى ئۈچىنجى بۆلەكنىڭ ماۋزۇسى ۋە بۇ بۆلەكتىكى دەرسلەرنىڭ تىمىسىنى كىم ئېيتىپ بېرىدۇ؟ ئوقۇغۇچى: ... ... ياخشى ئولتۇرۇڭ. ئۇنداق بولسا، ساۋاقداشلار! ئۆز تەسەۋۋۇرىمىزنى ، ھېس قىلغانلىرىمىزنى قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەپ، بىر قىسىم پىرسۇناژلارنىڭ تەقدىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ باقامدۇق. تەلەپ: 1. سادىر پالۋان خوتۇن-بالىلىرىنى قۇتۇردۇلغىلى كىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بولسا ... ... تەسەۋۋۇر قىلىپ ، قىسقا ھېكايە تەرىقىسىدە يېزىپ بىقىڭ. ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ يېزىپ كەلگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ باقىدۇ ھەم باھالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ. ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ تەييارلىغان ئەسىرىنى ئوقۇپ بىرىدۇ. 2. . 《ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش》 ناملىق ھېكايىدىكى چوردىن بوۋاي بىلەن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇچرىشىپ پاراڭلىشىپ قالدىڭىز . مۇشۇ جەرياندىكى دىئالوگلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يېزىپ بىقىڭ . (ئىكراندا كۆرسىتىلىدۇ) ساۋاقداشلار ، بۇ تەلەپنى ئورۇنلاشتىن بۇرۇن مەن سىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئەسەرنى ئوقۇپ بىرەي. ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ تەييارلىغان ماتىريالىنى ئوقۇپ بىرىدۇ. ئەسەرنىڭ داۋامى ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلار دىئالوگلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يېزىپ بىقىشقا يىتەكلىنىدۇ. (تۈزىتىش ، تولۇقلاش ۋە باھالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ) 2.خۇلاسە: پىروزا توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇردىن ئايرىلالمايدۇ . بىزنىڭ پىروزا ئەسەرلىرىنى ئوقۇشىمىز، ئەمەلىيەتتە يازغۇچىنىڭ قەلىمىگە ئەگىشىپ، توقۇلما دۇنياسىدا ساياھەت قىلىپ، پىرسۇناژلار بىلەن ھەمنەپەس ۋە تەقدىرداش بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق تەسەۋۋۇردىن كېلىدىغان خۇشاللىق يازغۇچىنىڭ ھەققى بولۇپلا قالماستىن، بەالكى سىزمۇ ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولالايسىز. شۇڭا، ساۋاقداشلارنىڭ كۆپلەپ كىتاب سىتىۋىلىشىنى، كۆپلەپ كىتاب ئوقۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. 3. تاپشۇرۇق: 1. تەسەۋۋۇر ۋە ئۇنىڭ رولىنى يادىلىۋىلىڭ. 2. يازغان ئەسىرىڭىزنى يەنە بىر قىتىم تۈزۈتۈپ ، ماقالە دەپتىرىڭىزگە كۆچۈرۈپ كىلىڭ. 3. ئىزدىنىپ كۆرۈشنى ياقتۇرىدىغان ساۋاقداشلار، تۆۋەندىكى : 《ئەسەرنىڭ داۋامىنى يېزىش. 〈تاغام ژيول〉دېگەن ھېكايىدىكى 〈مەن〉ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن تاغىسى ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلسا بولاتتى؟.》دېگەن يېزىقچىلىق تەلىپىنى ئورۇنلاپ بېقىڭ. 4. دوسكا لايىھىسى: قىزىقارلىق ئەدەبىي تەسەۋۋۇر 1. تەسەۋۋۇر ۋە ئۇنىڭ رولى 2. يېزىقچىلىق تەلىپىنى ئورۇنلاش (1) سادىر پالۋان خوتۇن-بالىلىرىنى قۇتۇردۇلغىلى كىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بولسا ... ... تەسەۋۋۇر قىلىپ داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ بىقىڭ. (2) 《ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش》 ناملىق ھېكايىدىكى چوردىن بوۋاي بىلەن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇچرىشىپ پاراڭلىشىپ قالدىڭىز . مۇشۇ جەرياننى تەسەۋۋۇر قىلىپ ، قىسقا ھېكايە تەرىقىسىدە يېزىپ بىقىڭ . 3. خۇلاسە. 4. تاپشۇرۇق. 5. دەرستىن كىيىنكى ئويلىنىش:
|
|