كۆرۈش: 424|ئىنكاس: 3

لوتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       1923-يىلى قازاقىستاننىڭ تالدىقورغان ئوبلاستى يەتتە سۇ رايۇنى چۆنچى يېزىسىدىكى ھېزىمئاخۇن ئىسىملىك بىر مەرىپەتپەرۋەر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن لوتپۇللا پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنى خۇشاللىققا چۆمدۈرۈپتۇ. چۈنكى ئۇ بۇ ئائىلىدىكى بىر دىنبىر ئۇغۇل پەرزەنىتى ئىكەن. قوشنا-قۇلۇم،ئۇرۇغ-توغقانلار ۋە ئائىلىدىكىلەر ئۇنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى بويىچە ‹لوتۇن › دەپ چاقىرشىدىكەن،كىچىك بولىشىغا قارىماي لوتپۇللانىڭ كۆزلىرىدىن ئەقىل نۇرلىرى چاقناپ ،زىرەكلىكى ھەممىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىكەن.
      1929-يىلى.يەنى لۇتپۇللا ئالتە ياشقا كىرگەندە چۆنچى يېزىسىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپكە كىرىپ باشلانغۇچنى ئۇقۇشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ شۇ كۈندىكى خۇشاللىقىنى تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ئىكەن. لۇتپۇللا 1929-يىلدىن 1931-يىلغىچە ئۇيغۇر مەكتەپتە ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا يەنە روسچەتىل-يېزىق ھەم لاتىنچە يېزىقلارنى ئۆگىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رەسىم سىزىش ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈپ ئۆزىنىڭ كىيىنكى ھايات يولىدا كگم بولسا بولمايدىغان ئاساسلارنىڭ دەسلەپكى ئۇلىنى ساپتۇ. 30-يىللاردىن باشلاپ يەتتە سۇ تەۋەسىدە ئارقا-ئارقىدىن كولخۇزلار قۇرلىشىغا باشلىغاندا،ھېزىمئاخۇن ئائىلىسى بالىلارنى ئېلىپ جوڭگۇنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۆتۈپ،ئىلى ناھىيەسىنىڭ نىلغا ناھىيەسىگە ماكانلىشىپتۇ. لۇتپۇللا ئائىلىسى نىلقا ناھىيەسىگە كۈچۈپ كىلىپ تەخمىنەن بىرەر يىلدىن كىيىن ئۇئكزىنىڭ كۈچلۈك ئۇقۇش ئازۇسى بىلەن ئاخىرى غولجا شەھرىدىكى تاتار مەكتەپكە ئۇقۇشقا كىرىپتۇ. ئۇنىڭ خەت ساۋاتىنى،ھېساب ۋە تىل دەرىسلىكىدىكى سەۋىيەسىنى كۆرەەن ئۇقۇتقۇچىلار ئۇنى ئۈچىنچى سىنىپقا قۇبۇل قىپتۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ تاتار مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلاردا تىل-ئەدەبىيات،رەسىم سىزىش جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بىلەن سىنىپ ۋە مەكتەپ تام گىزىتلىرىگە خېلى كۆپ شېئىرلارنى يېزىپ،رەسىملەرنى سىزىپ مەكتەپتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇغۇچى بۇلۇپ قاپتۇ.
     لۇتپۇللا مۇتەللىپ 14ياشقا كىرگەن يىلى تىل-ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىلللىرىدىن بىرى،تالانىتلىق شائىر ھەم ژورنالىست،‹ئىلى گىزىتى›نىڭ باش مۇھەررىرى ئەنۋەر ناسىرىغا ئۆزى يازغان شىئېرلىرىنى كۆرسىتىپ تەلىم ئاپتۇ. ئەنۋەر ناسىرىنىڭ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى قايتا-قايتا تۈزىتىشىگە ئىلھام بىرىشى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرى دەسلەپكى قەدەمدە ‹ئىلى گىزىتى›دە ئىلان قىلنىشقا باشلاپتۇ.ئۆز شېئىرىنى گىزىتتە كۆرگەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىينتايىن خۇشال بۇلۇپتۇ. 1939-يىلى لۇتپۇللا مۇتەللىپ تاتار مەكتەپتىكى ئۇقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ئىمتاھان بىرىپ ئۆتۈپ ئۆزى كىچە-كۆندۈز ئارزۇ قىلغان ‹ئۈرۈمچى دارىمۇئەللىمىن›گە قۇبۇل قىلنىپتۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ دارىلمۇئەللىمىندە ئۇقۇۋاتقان مەزگلىدە ئۇمىڭ ئارقا-ئارقىدىن‹بۇ بىر مىنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى›،‹ئازاتلىق تويى›،‹ماي ناخشىسى› قاتارلىق ئىسىل شېئىرلىرى ئىلان قىلنىپ، ناھايتى زور تەسىر پەيدا قىپتۇ. ۋە ئۇ يازغان ھەم ئاھاڭغا سالغان مەكتەپ ناخشىلىرى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مارشىغا ئايلىنىپتۇ. 1941-يىلى لۇتپۇللا مۇتەللىپ دارىلمۇئەللىمىندىكى ئۇقۇغۇچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،تاپشۇرۇققا ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىگە تەرجىمان بۇلۇپ جەنوبىي شىنجاڭغا يۈرۈپ كىتىپتۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى ئىشىنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كەلگەندە ئۇ ‹شنجاڭ گىزىتى›ئىدارىسىگە ئەۋەتىلىپتۇ، ئۇ يەردە لۇتپۇللا رادىئۇدىن‹ت س س›نىڭ خەۋەرلىرىنى ،روسچە گىزىت ژورناللاردىن ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ،تەھرىرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلەپتۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىشى بىلەن ‹شىنجاڭ گىزىتى›دە مەخسۇس ‹ئەدەبىيات گۈلزارى›بېتى تەسسىس قىلنىپتۇ.ھەم بۇ بەتنىڭ لاھىيەلىنىشى، ماۋزۇ يېزىش، ئەسەرلەرنى توپلاش، تەھىرلەش،قىستۇرما رەسىملەرنى ئىشلەش قاتارلىق ئىشلار ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپتۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تىرىشىپ ئىشلىشى بىلەن بۇ بەت بارا-بارا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياش-يازغۇچى شائىرلارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىپ مۇنبىرىگە ئايلىنىپ، ياشلارنى تەربىيەلەپ زور بىر ئەدەبىيات-سەنئەت قۇشۇنىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ‹ئەدەبىيات سەنئەت ›مەكتىپى بۇلۇپ قاپتۇ.
        1943-يىلى شىنجاڭدا گومىنداڭ پىرقىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن،‹شىنجاڭ گىزىتى› ئىدارىسىنى گومىنداڭچىلار ئۆتكۈزىۋاپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەرخىل بەتناملار بىلەن تەھرىرلىكتىن چەتلىتىلىپ،جەمئىيەتتىكى پائالىيەتلىرى چەكلىنىپتۇ.ھەم نازارەت ئاستىغا ئېلنىپتۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ يۇشۇرۇن نازارەت ئاستىدا‹ئاقسۇ گىزىتى›گە يۆتكىلىپتۇ، ئۇ ئاقسۇغا كىلىپ ئاقسۇ گىزىتىنى ئىلگىركىدىن تېخىمۇ ياخشى چىقىرىش ئۈچۈن،بۇ گىزىتتە ‹جەنۇپ شامىلى›دىگەن بىر ئەدەبىيات-سەنئەت بېتى تەسىس قىلىپ جەمئىيەتتىكى زىيالىيلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئىرىشتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ كىچە -كۈندۈز تىنم تاپماي گىزىت چىقىرىش،ئۇيۇشما تەشكىلىي خىزمىتى،تىياتىر ئىشلەش ۋە شېئىر ئىجادىيتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە جىددىي كىرىشىپ كىتىپتۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ‹غېرىپ-سەنەم›،‹تاھىر-زۆھرە›،‹بوراندىن كىيىنكى ئاپتاپ›،‹؟سامساق ئاكام قاينايدۇ› قاتارلىق نۇرغۇن ئوپىرا-تىياتىرلارنى يېزىپ ۋە بۇلارنى سەھنىلەشتۈرۈپ ئويناپ پۈتۈن شىنجاڭنى زور بىر زىلزىلە پەيدا قىپتۇ. غولجىدا پارتلىغان ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ شامىلى جەنۇبىي شىنجاڭغا يىتىپ كىلىشى بىلەن،لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئوت يۈرەك زىيالىيلارنىڭ خەلقىنى ئازاتلىققا ئىرىشتۈرۈش،گومىنداڭنىڭ زۇلىمىدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكىمىتىنى ساراسىمىگە چۈشۈرۈپ قۇيۇپتۇ. بارغانسىرى غالجىرلىشىۋاتقان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى يۇشۇرۇن تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلاپتۇ. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بوشىشىپ قالماي،‹ئويغان›،يىللارغا جاۋاب›،‹ياشلىق ›قاتارلىق بىر قاتار جەڭگىۋار ئىسىل شېئىرلارنى يېزىپ خەلىقنى كۆرەشكە ،ئىلىم-مەرىپەتكە ئۈندەپتۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۈرمىگە تاشلانغاندىن كىيىن، ئىلى ئىنقىلاپچىلىرى بىلەن بولغان ‹ئالاقىسى› مەخپىي پائالىيەتلىرى توغىرسىدا قاتتىق سوراق قىلنىپ،ئېغىر جازالار بىرىلىپ قىيىن قىستاققا ئېلنىپتۇ. بىراق ئۇنىڭ پۇلاتتەك ئىرادىسى، خەلىق ئازادلىقى،ئىلىم -مەرىپەت يولىدىكى تەۋرەنمەس روھى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى تېخىمۇ ساراسىمگە ساپتۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قولغا ئېلىنغان مەسلەكداشلىرىنى قاتتىق سوراق قىلىپمۇ،ھېچنىمىگە ئىرىشەلمىگەن ۋە خەلىقنىڭ ئازاتلىق ئىنقىلابىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ساراسىمگە چۈشۈپ تېخىمۇ غالجىرلىشىپ كەتكەن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى 1945-يىلى بۇ ئوت يۈرەك شائىر ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنى ئاقسۇ ئۈچتۇرپاندا قەتلى قىپتۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەتلى قىلىنغاندا ئەمدىلا 23ياشتا بۇلۇپ،بۇ ئىش كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك غەزەپ نەپرىتىنى قوزغاپتۇ. مىڭلارچە كۆزلەردىن جۇدالىق يېشى ئېقىپتۇ، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ نۇرغۇن جەڭگىۋار،مەرىپەتكە ئندەيدىغان شىئېرلىرى خەلىق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ تا بۈگۈنگىچە سۈيۈپ ئۇقۇلۇپ كىلىنمەكتە.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-19 16:56:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇتپۇللا  مۇتەللىپ  ھەققىدە   شۇنچە  كۆپ  ماتىريالغا   ئىگە   بولدۇم  ،تىما  ئىگسگە  رەھمەت

باھا سۆز

ياقتۇرغىنىڭىزغا،قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت قېرىندىشىم  ۋاقتى: 2014-11-20 16:26
ۋاقتى: 2014-11-20 20:46:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلمەس ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ‹‹ سالام لۇتپۇللا ››
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش