كۆرۈش: 293|ئىنكاس: 0

.كىچىك رىياسەتچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9.كىچىك رىياسەتچى
1-سائەت
ئوقۇتۇش نىشانى:
1،تىكىستنى توغرا،راۋان،ھىسىياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش.
2.تىكىستنى يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش ۋە ئېغىزچە جۈملە تۈزەلەيدىغان بولۇش.
3.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بالىلىقى بىلەن تونۇشۇش ۋە چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش.
مۇھىم نوقتا:
1.تىكىستنى توغرا،راۋان،ھىسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش
2.تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش ۋە بۇ سۆزلەرگە ئېغىزچە جۈملە تۈزەلەيدىغان بۇلۇش.
3.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بالىلىقى بىلەن تۇنۇشۇش ۋە چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش.
مۇھىم نۇقتا:
1.تېكىستتىكى توغرا،راۋان،ھىسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش.
2. تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش ۋە بۇ سۆزلەرگە ئېغىزچە جۈملە تۈزەلەيدىغان بۇلۇش.
قىيىن نۇقتا:
يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋىلىشتا قىينىلىدۇ.
دەرس مەزمۇنى:
بۇسائەت دەرستە يۈسۈپ خاس ھاجپنىڭ بالىلىقىدىكى بىر ئىش سۆزلەنگەن بۇلۇپ،بۇنىڭدا ئۇنىڭ ئويۇنغا ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن ماھىرلىق بىلەن رىياسەتچىلىك قىلغانلىقى،رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
ئوقۇتۇش(ئۆزۈم ئۈلگە قىلىپ بېرىمەن،ئەگەشتۈرۈپ ئوقۇتىمەن.ئىختىيارىي ئوقۇتىمەن.شەخىسلەر بويىچە ئوقۇتىمەن،كوللىكتىپ ئوقۇتىمەن،روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇتىمەن)
كۆرستمە:
يۈسۈپ خاس ھاجپنىڭ رەسىمى،
ئوقۇتۇش جەريانى:
1.               يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
*ساۋاقداشلار ،بۇ رەسىمدىكىكىم؟( يۈسۈپ خاس ھاجپنىڭ رەسىمى.)
* سىلەرگە بۇ كىشىنى تۇنۇشتۇرۇپ قويغىم كېلىۋاتىدۇ.( يۈسۈپ خاس ھاجپنى تۇنۇشتۇرىمەن.)
*ئۇنداقتا يۈسۈپ خاس ھاجپنىڭ بالىلىق .ھاياتى تەسۋىرلەنگەن بىر تېكىست بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2.تىما چىقىرىپ تىما ھەقىدە چۈشەنچە بېرىمەن.
قانداق قىلغاندا كىشىلەرنى بىز رىياسەتچى دەيمىز؟قانداق ئورۇنلاردا رىياسەتچىلىك قىلىنىدۇ؟
تېكىستىنى ئوقۇشقا يېتەكلەش.
*ئۆزۈم ئۈلگە قىلىپ ئوقۇپ بىرىمەن.
*ئەگەشتۈرۈپ ئوقۇتىمەن.
*ئىختىيارى ئوقۇتىمەن.
*شەخىسلەر بويىچە ئوقۇتىمەن.
*كوللىكتىپ ئوقۇتىمەن.
*روللارغا بۆلىنىپ ئوقۇتىمەن.
4.يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە  يىتەكلەيمەن.
دەريا ساھىلى-دەريا بويى
ئېزىقىپ كېتىش-ئادىشىپ قېلىش
ئەمرىنى-پەرمانىنى
باجا كەلتۈرسۈن-ئورۇنلانسۇن
5.يىڭى سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈشكە يىتەكلەيمەن.
نىشاننى سىناش مەشىقى:
تېكىست مەزمۇنىنى ئىگەللىگە ئىگەللىمىگەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن روللارغا بۆلدۈرۈپ ئىتوت شەكلىدە ئۇرۇنلىتىمەن.
ھىسىيات تەربيىسى:
سىز بۇ تىكىستنى ئوقۇپ قانداق ھىسىياتقا كەلدىڭىز؟
تاپشۇرۇق:
كىتابخانىلارغا بېرىپ»تۈركىي تىللار دىۋانى» دىگەن ئەسەردىن بىر ئىككى كۇبلىت كۆچۈرۈپ كېلىڭلار.
دوسكا لاھىيەسى:
10.ياز قوشاقلىرى
يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى يېزىلىدۇ،رەسىم چاپلىنىدۇ.
قىيان-كەلكۈن     ياز پەسلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى يېزىلىدۇ.
تىڭشا-ئاڭلا
جۇت-سۇغۇق
10.دەرستىن كىيىنكى قايات ئويلىنىش:

9.كىچىك رىياسەتچى
2-سائەت
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.تىكىستنى توغرا،راۋان،ھىسىياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش.
2.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بالىلىقى بىلەن تونۇشۇش ۋە چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش.
3.كىچىك رىياسەتچىنىڭ باشقا بالىالردىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكىنى تېپىپ چىقىش.
4.«كىچىك رىياسەتچى»دەك كەسكىن، ئادىل، بۇلۇقتەك  قورقماس،باتۇر،قەيسەر خارەكتىرنى يىتىلدۈرۈش  ھەققىدە تەربىيە ئىشلىنىدۇ.
مۇھىم نوقتا:
1.تىكىستنى توغرا.راۋان،ھىسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش.
2.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بالىلىقى بىلەن تونۇشۇش ۋە چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش.
قىيىن نوقتا:
كىچىك رىياسەتچىنىڭ باشقا بالىلاردىن پەرقلىنىدغان ئالاھىدىلىكىنى تېپىپ چىقىش.
دەرس مەزمۇنى:
بۇ ئەسەردە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بالىلىقىدىكى بىر ئىش سۆزلەنگەن بولۇپ،بۇنىڭدا ئۇنىڭ ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن ماھىرلىق بىلەنرىياسەتچلىك قىلغانلىقى،رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلىغانىلىق تەسۋىرلەنگەن.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
1.سۇئاللار ئاساىدا دەرس مەزمۇنىنى ئىگەللەش.
2.دورىتىش
3.مۇھىم جۈملىلەرنى تەھلىل قىلىش
كۆرسەتمە:
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمى
ئوقۇتۇش جەريانى:
1.يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
بۇ كىچىك رىياسەتچى رىياسەتچىلىكنى قانداق قىلغاندۇ؟تېكىست مەزمۇنى ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بارايلى.
*ساۋاقداشلار،بۇ تېكىستە يۈر بەرگەن ئىشلار قايسى پەسىلدە يۈز بەرگەندۇ؟بۇنى قانداق بىلدىڭىز؟(كىتابتىن تېپىپ ئوقۇپ بىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ؟)
*بۇ باھار پەسلىدە يۈز بەرگەن ئىش ئىكەن.ئاپتور باھار پەسلىنى ناھايىتى گۈزەل سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەپتۇ.ئۇنداقتا سىزمۇ باھار پەسلىنى گۈزەل سۆز-ئىبارىلىرىڭىز بىلەن تەسۋىرلەپ بېقىڭە.
*بۇلار دەريا ساھىلىدا بىر توپ بولۇپ مۈڭگۈز- مۈڭگۈز ئويۇنىنى ئويناۋېتىپتۇ.سىلەر بۇ ئويۇننى ئويناپ باققانمۇ؟ئويناپ باقمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىۋېلىشنى خالامسىلەر؟ئۇنداقتا،تېكىستنىڭ دەۋەمىغا دىققەت قىلىڭلار.
*ئالدى بىلەن ئاراڭلاردىن بىر بالىنى رىياسەتچىلىككە سايلايدىكەنسىلەر،بۇلارمۇ بىر بالىنى رىياسەتچىلىككە  سايلاپتۇ.رىياسەتچى بولغان بالىنى ئاپتور قانداق تەسۋىرلەپتۇ؟كىم كىتابتىن تېپىپ ئوقۇپ بىرىشنى خالايدۇ؟
*«مۈڭگۈز-مۈڭگۈز»ئويۇنىدا مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلارنىڭ نامىنى ئاتايدىكەنسىلەر،ئۇنداقتا سىلەر قانداق مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلارنىڭ نامىنى بىلىسىلەر؟
*كىتاۋىمىزدىكى«كىچىك رىياسەتچى»چۇ؟ئۇ قاندقا ھايۋانلارنىڭ نامىنى بىلىدىغاندۇ؟كىم كىتابتىن تېپىپ ئوقۇپ بىرىدۇ؟
*بۇ ئويۇندا كىم مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلارنىڭ نامىنى توغرا ئاتىيالمىسا شۇ بالا ئويۇننىڭ قائىدىسى بويىچە رىياسەتچىنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنلايدىكەن.ئۇنداقتا بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بولۇق ئىسىملىك بىر بالا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپتۇ.ئۇ قانداق جازاغا تارتىلىدىكەن؟
*كىتابتىكى رەسىمنى رەسىم كۆزىتىش قائىدىسى بويىچە كۈزىتىپ بېقىڭلار.ئۇلار نىمە قىلىۋېتىپتۇ؟
*رىياھەتچى ئەسلى جازا بويىچە بۇلۇقنى جازالىدىمۇ؟نىمە ئۈچۈن؟
*سىز رىياسەتچىنىڭ مۇشۇ ھەركىتىدىن نىمىنى ھىس قىلدىڭىز؟بۇ رىياسەتچى بالىغا بىر باھا بىرىپ بېقىڭە؟
*سىزنىڭچۇ؟سىزنىڭمۇ ئويۇن ئويناۋېتىپ خاتالىشىپ قېلىپ جازاغا تارتىلغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟سىز جازەغا چىدىغانمۇ؟
*بۇلۇقچۇ؟بۇلۇق قانداق قىلغاندۇ؟
*بۇلۇقنىڭ مۇشۇ ھەركىتىدىن سىز نىمىنى ھىس قىلدىڭىز؟
*شۇنداق.ئويۇن ئوينىغاندا  ئويۇننىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ جازاغا تارتىلغاندا چوقۇم جازانى قۇبۇل قىلىش كىرەك.شۇنداق قىلغاندىلا بۇ ئويۇننى يەنە دەۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.دوستلىغىڭلار مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.
باشقا دوستلىرىڭلارنىڭ ئالدىدىمۇ ئىناۋىتىڭلار بولىدۇ.ئەكسچە بولۇپ چىدىماسلىق قىلساڭلار ھېچكىمنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىڭلار بولمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنىڭدىن كىيىن ئويۇن ئوينىغاندا بۇلۇققا ئوخشاش باتۇر،قەيسەر.نوچى بولۇشىڭلار،ئويۇننىڭ قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭلار كىرەك.
*بۇلۇق رىياسەتچىنىڭ بۇيرىقىنى شەرتسىز ئىجرا قىلماقچى بولدى.باشقا بالىلارمۇ بۇلۇقنى دەرياغا تاشلىماقچى بولدى .بۇ چاغدا رىياسەتچى نىمە دىدى؟كىم كىتابتىن تېپىپ ئوقۇپ بىرىشنى خالايدۇ؟
*بۇ رىياسەتچىنىڭ «قاراملىق باتۇرلۇق ئەمەس»دىگەن سۆزىنى قانداق چۈشەندىڭىز؟
*رىياسەتچىنىڭ  بۇيرىقى بويىچە ئۆستەڭ يېنىغا كىچىك كۆلچەكتىن بىرنى ئېچىپ شۇ يەرگە سۇ باشلاپ،بۇلۇقنى شۇ كۆلچەككە ئاتتى.بۇلۇقنىڭ شۇ چاغدىكى قىياپىتىنى ئاپتور نىمىگە ئوخشاتتى؟
* سىز بۇلۇقنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭە؟
*بۇلۇقنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن كىچىك رىياسەتچى ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى كەيدۈرۈپ قۇيۇپتۇ.بۇلۇق بۇنىڭدىن چوقۇم قەۋەتلا خۇشال بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن.ئەگەر سىز بۇلۇقنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز سىز كىچىك رىياسەتچىگە نىمە دەپ رەھمەت ئىيتقان بولاتتىڭىز؟
*كىچىك رىياسەتچىنىڭ باشقا بالىلاردىن پەرقلىنىدىغان قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
*ئاپتور نىمە ئۈچۈن بۇ تىكىستە«كىچىك رىياسەتچى»دەپ تىما قويغاندۇ؟
بىز«كىچىك رىياسەتچى»دەپ ئاتاپ كىلىۋاتقان بۇ كىشى كىم ئىكەن؟
*سىزنىڭ بۇ كىچىك رىياسەتچىگە نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرىڭىز بارغۇ دەيمەن.مىنىڭ ئاڭلىغىم كىلىۋاتىدۇ.ئۈچ-تۆت جۈملىگە يىغىنچاقلاپ يېزىپ بېقىڭە.
*ھىسىيات تەربىيىسى:
ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر،مەشھۇر دۆلەت ئەربابى بۈيۈك قامۇس«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس چاجىپنىڭ بالىلىقى مانا مۇشۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتكەن ئىكەن.ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىدە مانا مۇشۇنداق كەسكىن،ئادىل،ھەققانىيەتچى،تىرىشچان،قەيسەر روھىنى يىتىلدۈرگەن ئىكەن.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ دۇنياغا مەشھۇر قامۇسنى يېزىپ بىزگە قالدۇرۇپ كەتتى.بىزمۇ كىچىكىمىزدىن تارتىپلا ئۆزىمىزدە مانا مۇشۇنداق روھنى يىتىلدۈرسەك كەلگۈسىدە غايەت زور نەتىجە يارىتالايمىز.غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.
تاپشۇرۇرق:
ئائىلەڭلارغا قايتقاندىن كىيىن كىتابخانلارغا بېرىپ مەشھۇر كىشىلەرنىڭ بالىلىقى تەسۋىرلەنگەن كىچىك ھىكايىلەرنى تېپىپ كىلىڭلار.
دوسكا لاھىيىسى:
بالىلار ئويۇن ئوينىدى.       رەسىم چاپلىنىدۇ.
بۇلۇق ئوتتۇرۇپ قويدى.    كەسكىن،باتۇر،ھەققانىي
جازاغا تارتىلىدۇ.        يەتچى،تىرىشچان،قەيسەر
باتۇرلۇق قىلدى.           روھىنى يىتىلدۈرىمىز.

دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش