كۆرۈش: 444|ئىنكاس: 1

يۇمۇر - لەتىپىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىر سىتۇدېنت ئوقۇشنى تۇگىتىپ يۇرتىغا قايتىپتۇ ، بۇ يېزىدىكىلەر ھەتتا ئايرۇپىلاننىمۇ كۆرۇپ باقماپتىكەندە ، بىر كۈنى ھويلىدا ئولتۇرسا بىر ئايرۇپىلان ئۇچۇپ ئۆتۈپ كىتىپتۇ ، دادىسى ئۇ ئوغلىدىن بالام باياتىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ئايرۇپىلان دىگەن نەرسىمۇ دەپ سوراپتىكەن ، ئوغلى ، شۇ بۇ ئايرۇپىلان دىگەن نەرسە ، بالام بۇ ئايرۇپىلان دىگىنىڭ نىمە بىلەن ئۇچىدۇ دەپ سوراپتىكەن ، ئوغلى ، بەرىبىر دادامغا دىسەممۇ چۈشەنمەيدۇ دەپ ئويلاپ ، دادا ئايرۇپىلان ھوردا ئۇچىدۇ دەپتىكەن ، دادىسىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ ،  قاراپ تۇرۇپ ھوردا ئۇچىدۇ دەيسىنا ، ما ئاپاڭ بىلەن  ئوي تۇتقىلى 40 يىل بولدى كۇرمىڭ قېتىم مانتا ئەتتى ھەجەپ بىزنىڭ قاسقان ئۇچمايدىغۇ دىگۈدەك .

2 . بىر ئاكا ئۇكا ئىككىسى بىر قورۇدا بىللە ئولتۇرىدىكەندە ، يامان يېرى بۇ ئىككىلىسى خوتۇندىن شۇنداق قورقىدىكەن . بىر كۈنى ئاكىسى سىرتتىن كىرىپ قارىسا ئۇكىسى ھويلىدا خوتۇنىنىڭ  پۇتىنى يۇيۇپ ئولتۇرغان ، ئاكىسىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ ، ھې ئۇكام ، سېنىڭ نەرىڭ ئوغۇل بالا ھە ، قاراپ تۇرسام خوتۇنۇڭنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ كىتىپسىنا لاتا گۇي ، ئەگەر سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن بولسام بارغۇ دېيىشىغىلا ئاكىسىنىڭ ئايالى ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ قاپتۇ  دە ، ئېرىگە قاراپ ھە سىز بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز دەپ بىر ۋارقىراپتىكەن ، ئاكىسى قورققىنىدىن ۋاي مەن بولسام يۇندىسىنىمۇ قوشۇپ ئىچىۋىتەتتىم دىگۇدەك .

3 . تىيىپچىنكام زۇنۇن دەپ بىر ئاغىنىسى بىلەن بىللە غۇلجىغا يولغا چىقىپتۇ ، ئۇ چاغلاردا غۇلجىغا بىر قونۇپ بارىدىغان چاغلاردە ، قونالغۇغا كىلىپ ياتاققا ئورۇنلىشىپ ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلىپتۇ ، بۇ زۇنۇن دىگەن ئاغىنىسىنىڭ بىر يامان ئادىتى ئۇخلىغاندا قاتتىق خورەك تارتىدىكەن ، كىچىچە خورەك تارتىپ تىيىپچىنكامنى پەقەت ئۇخلاتماپتۇ ، ئەتتىگىنى تىيىپچىنكام ئورنىدىن تۇرۇپ يۇزىنى يۇيۇپ ئولتۇرىشىغا زۇنۇن دىگەن ئاغىنىسى ئويغۇنۇپ ، ھە تىيىپچان ياخشى ئۇخلىغانسىلەر ، ئاخشام ئىلھام كىلىپ بىرەر شېئىر پېئىر يازمىدىڭلىما دىگەندىن كېيىن ، تېيىپچىنكام ، ئاخشام سېنىڭ تارتقان خورەكلىرىڭدىن ئىلھاملىنىپ « خورەك » دەپ شېئىر يازدىم ، ئوقۇپ بىرەي ئەمىسە دەپ شېئىرنى ئوقۇشقا باشلاپتۇ ، شېئىرنىڭ مەزمونى مۇنداقكەندە .
         ئەي خۇدايا خورەكنى ياراتقانسان نىمىشقا
         خورەك تارتقان زۇنۇننى يوللاتمىغىن بىھىشقا
        
         ئالدىدىن خوش خوش خورەك كەينىدىن خوش خوش خورەك
        خورەك تارتقان زۇنۇنغا پەشۋا بىلەن مۇش كېرەك

        خورەكنى زۇنۇن تارتسا مەن قالامدىم چاتاققا
        ساراڭمىتىم پۇل تۆلەپ خورەك تارتقان ياتاققا.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت< خەلقنىڭ يىپ-يىڭنىسىغا  تەگمەيمىز> دەپ شۇئار چىقىرىۋىتىپتۇ.
  شوخ بوۋاي مومىيى بىلەن ئۆيىدە تاماق يەپ ئولتۇرسا بىر قانچە ئەسكەر كىرىپ ئۆيىدىكى پۇلغا يارىغۇدەكلا نەرسىنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ ئاچىقىپ كېتىپتۇ، موماي: خەلىقنىڭ يىپ يىڭنىسىغا تەگمەيمىز دەۋەتاتتى،نىمە قىلغىنى بۇ؟
شوخ بوۋاي: ئۇلار سېنىڭ يىپ -يىڭنەڭگە تەگمەيدۇ،قالغان ھەممە نەرسەڭنى ئېلىپ كېتىدۇ.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-14 00:33:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىن چۈشۈرۈپ ساقلىۋالغان ،  ئۈزەم ياقتۇرغاچقا سىلەرگە يوللىدىم . باشقا جايدا كۆرگەنلەر كۈچۈرۈپتۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش