پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 88|ئىنكاس: 2

سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 1

يوقلىما
6
قىزغىنلىق
23 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
14 سەر
شۆھرەت
16 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 00:07:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارغا سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟


130000bf65fg26p46m4z1f.gif


سىنىپ كوللىكتىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيەت سورۇنى بولۇپلا قالماي بەلكى، تۇرمۇش ۋە ئۆسۈپ يىتىلىش مەيدانىدۇر. سىنىپ مۇدىرى پۈتۈن بىر سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ رەھبىرى ۋە تەشكىلاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈندىلىك ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن باشقا كۆپ ۋاقتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئىدىيىۋى تەربىيە خىزمىتىگە، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بولغان تۈرلۈك جەھەتلەردىكى سۆھبەتلەرگە، شۇنداقلا دەرسخانا مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەرەپلەرگە قارىتىشى كېرەك .
دەرسخانا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئاساسلىق سورۇنى. دەرسخانا مۇھىتىنىڭ قانداق بولۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىغا ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئائىلىدىن، ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ئاشۇ سەبىيلەر ئۈچۈن، دەرسخانا مۇھىتىنى ياخشىلاش تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.  ياخشى سىنىپ مۇدىرى بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئىقتىسادى كۈچىنى سەرپ قىلىپلا قالماي، بەلكى زېھنى كۈچىنىمۇ بىلىپ-بىلمەي سەرپ قىلىۋېتىدۇ. ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان ھەر قانداق بىر بالا شاد-خۇراملىققا، كۆڭۈل ئازادىلىككە تولغان گۈزەل، پاكىزە مۇھىتقا موھتاج بولىدۇ ئەلۋەتتە. پايدىلىق بولغان دەرسخانا مۇھىتى ئۇلارنىڭ مەكتەپكە بولغان قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، زېھنىنى ئېچىشقا پايدىلىق بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچى تۈۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كىرەك :
1. ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى تونۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش. يەنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ياخشى يامان تەرەپلىرى بولىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇقتا، بەزىلەرنىڭ يېزىقچىلىقتا، يەنە بەزىلەرنىڭ رەسىم سىزىشتا، يەنە تېخى ئىتتىپاقلىقتا ، ئەمگەكتە، مۇھىتنى ئاسراشتا ئالاھىدە تۆھپىسى ۋە ماھارىتى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ، كىچىككىنە ئارتۇقچىلىقنىمۇ تېپىپ چىقىپ «قىزىل گۈل سەھنىسى»، «كىچىك بۈركۈت مىدالى»، «مەنمۇ قالتىسقۇ»، « مەن چوقۇم قىلالايمەن»، «كىچىك رەسسام، كىچىك شائىر»، «سىز ئەڭ ياراملىق!» قاتارلىق سەھپىلەر ئارقىلىق ئۇلارنى ماختاپ تۇرۇش كېرەك . ئوقۇغۇچىلار شۇ ماختاش ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى تونۇپ، ئۆزىدە چوڭقۇر ئىشەنچ پەيدا قىلىدۇ. توغرا بولغان مۇھىت ئېڭى، گۈزەللىك ئېڭى، ئۆگىنىش ئېڭى شەكىللەندۈرىدۇ.
2. سىنىپ ئىچى قارا دوسكا گېزىتى لاھىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كىرەك . بۇ ئارقىلىق خەتتاتلىق، رەسساملىق، يېزىقچىلىق ماھارىتى يۇقىرى بالىلارغا ماھارەت سەھنىسى تەسىس قىلىپ بەرگىلى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە، سىنىپ ئىچىدە بارلىققا كەلگەن ياخشى ئىش پائالىيەتلەرنى، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى، ساغلاملىق، بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى، داڭلىق شەخسلەرنى تونۇشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلاردا ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش، مۇستەقىل ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بۇلىدۇ .
3. «ئوقۇيالامسىز؟»، «كىچىك كۇتۇپخانا» قاتارلىق سەھىپىلەرنى ئېچىپ، گېزىت-ژۇرنال، كىتاب-ماتىرىياللار ئارقىلىق سىنىپنىڭ مەنىۋى مۇھىتىنى ياخشىلاش، يەنە تېخى شارائىت ھازىرلاپ گۈل ئۆستۈرۈشكە، ئاددى بولغان يىمەك-ئىچمەك قوراللىرىنى تەييارلاشقا، لۆڭگە،ئەينەك، تاغاق، تىرناق ئالغۇچ، ئەتىر سوپۇن قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىقمۇ ئائىلە مۇھىتىدىن پەرقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەكتەپكە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەكتەپنى ئۆيىدەك، ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئانىسىدەك كۆرىدىغان ھېسىسىياتنى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
4. كوللىكتىۋىزىملىق روھىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش. ئوقۇتقۇچى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئەجرى ئارقىلىق دەرسخانا مۇھىتىنى ياخشىلاشقا يېتەكلەپ، كوللىكتىپنىڭ  بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، كوللىكتىپ ئالدىدىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيتىنى تۇلۇق ھېس قىلدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى، باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا كۈيۈنۈش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىپ، سىنپنىڭ گۈزەل قىياپىتىدىن تەڭ پەخىرلىنىش، ھۇزۇرلىنىش ھېسىياتىغا چۈمۈلدۈرۈش، دىمەك دەرسخانا مۇھىتىنى ياخشىلاش پائالىيىتى ئارقىلىقمۇ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن تەربىيلەپ، چېنىقتۇرغىلى بۇلىدۇ، مانا مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى  سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئەجرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ بارلىقى بىر ئۆمۈر ئاشۇ بالىلارغا ، ئاشۇ ئاددىغىنە دەرسخانىغا بېغىشلانغاندىلا سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتى ئۆز مەنىسىنى تاپقان بۇلىدۇ .  
5. قىينچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۈلۈش، تۈرلۈك ئىتىبار ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىش، ئاغرىپ قالغان ۋە ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى كوللىكتىپ يوقلاپ ، ئۇلارغا سىنىپ كوللىكتىپىنى ئىككىنچى ئائىلەم ، سىنىپ مۇدىرىنى ئىككىنچى ئاتا- ئانام ، ساۋاقداشلىرىنى  ئۆز قېرىنىدىشىم دەپ قارايدىغان ھىسسىيات بەرپا قىلىشقا تىرىشىش كىرەك . شۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇتقۇچى سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەش نىشانىغا يىتەلەيدۇ .  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-1 02:27  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 02:22:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىنىپ كوللىكتىۋى - مەكتەپنىڭ مۇھىم تەركىۋى قسمى. سىنىپ خىزمىتىنىڭ ياخشى-يامان بۇلۇشى- مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ياخشى-يامان بۇلۇشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.
رەخمەت بۇرادەر، سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپداشلارغا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىپسىز. بايقاش مۇنبىرىمىز تورداشلارنىڭ مانا مۇشۇنداق پايدىلىنىش قىممىتى بولغان، ئىجادى تېمىلارغا مۇختاج. مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك، ئىجادى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-1 02:22  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 13:20:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ ياخشى-يامان بۇلىشى شۇ سىنىپنىڭ ئومومى خىزمەتلىرىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ياخشى سىنىپ مۇدىر بۇلۇش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىشىمىز، تەر تۆكىشىمىزگە توغرا قىلىدۇ.
سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجىربىلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى، يېڭىدىن سىنىپ مۇدىرى بولغان نوتىلارنى بايقاش ئارقىلىق تەربىيەلەپ، پىشقان سىنىپ مۇدىرى بۇلۇپ يىتىلىشىگە ياردەم قىلغايسىز.
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:29, Processed in 0.134191 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش