| ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە قايسى نوقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك
مەيلى باشلانغۇچ مەكتەپ بولسۇن، مەيلى ئوتتۇرا مەكتەپتە بولسۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخولوگىيەلىك پەرقىلىرى بولغاچقا، بىر سىنىپتا، ئوخشاش تەلىم-تەربىيە مۇھىتىدا ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ بىلىم سەۋىيىسى، ئەقلى ئىقتىدارى جەھەتتە مۇئەييەن پەرق، تەكشىسىزلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھەر قانداق ئوقۇتقۇچى ئۇ مەيلى سىنىپ مەسئۇلى بولسۇن ياكى دەۋرى پەن ئوقۇتقۇچىسى بولسۇن چوقۇم دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يېتەكلەش مەسلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۈلۈش ھەممىمىزنى دىققەت-ئىتبارىنى قوزغاۋاتىدۇ، شۇنداقلا دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قايسى جەھەتلەردىن، قانداق يېتەكلەش بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىم-تەربىيە پاراسىتى ۋە ماھارىتىنى سىنايدىغان مۇھىم بىر مەسىلە سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولسا ئوقۇتقۇچى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى قايسى جەھەتتىن، قانداق يېتەكلەش كېرەك؟ مەن تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن. 1-ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيە، ئەقلى ئىقتىدار جەھەتتىكى پەرقىنى تونۇپ يېتىپ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشكە، يېتەكلەشكە كۆپرەك كۈچ سەرىپ قىلىشى كېرەك. مەسىلەن: بىر سىنىپتا 40 نەپەر ئوقوغۇچى ئوقۇيدۇ دەپ قارىساق، بۇ 40 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىرسىيەت جەھەتتىكى پەرقىدىن باشقا 40 جۈپ ئاتا-ئانا، 40 ئائىلە مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا ئوقوغۇچىلاردا ئوخشىمىغان پەرقلەر كېلىپ چىققان. مانا مۇشۇ 40 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر قسىمىنى ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپ ئارلاشمايدىغان، جىمخور بالىلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەر قايسى پەن دەرسلىرىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشىپ ماڭالماي، كۆپ ۋاقىتلاردا ئارقىدا قالىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى، مىجەز-خاراكتېرىنى، ھەتتا قىزىقىش-ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىگەللەش ۋە چۈشىنىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق چۈشەنگەندە مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. مەسىلە ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن مۇۋاپىق چارە-ئۇسۇللارنى قوللىنپ، مۇۋاپىق يېتەكلەنسە بۇ ئوقۇغۇچىلاردىكى ئۆزگۈرۈش، ئىلگىرلەش ئاستا-ئاستا بارلىققا كېلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەرگىز كەمىستمەسلىگى، ھاقارەتلىمەسلىگى، ئۇلارنىڭ غورورىغا تەگمەسلىگى، بەلكى ئۇلارغا ئىللىق، دوستانە مۇئامىلە قىلىشى لازىم. 2-ئوقۇتقۇچى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپىنچە ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان پاسسىپ پىسىخك ھالەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر قايسى پەنلەردىن ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ۋاقتىدا، تولۇق ئۆگىنىپ كېلەلمەسلىك، دەرسخانىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل پىكىر يۈرگۈزەلمەسلىك، مەسىلىلەرگە توغرا ھۆكۈم قىلالماسلىق، ئىنكاسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىگە ئىشنىش تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا ئوقۇتقۇچى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە، ئارزاق ئالغا بېشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماي، ئوقۇغۇچىنى دائىم ئىلھاملاندۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىنىڭ قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن بىرەر ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئىلھاملاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىدا ئۆزىگە ئىشنىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچى ئۆزىگە ئشەنگەن چاغدا ئالغا باسىالايدۇ، نەتىجىدە كۆرىنەرلىك ياخشلىنىش بارلىققا كېلىدۇ. 3-ئوقۇتقۇچى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا دەرسخانىدا يېتەكلەش بىلەن دەرسىتىن سىرتقى ۋاقىتتا يېتەكلەشنى، كوللىكتىپ يېتەكلەش بىلەن ئايرىم يېتەكلەشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدا يېتەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دەرستە ئالغا باسقانلىقىنى ئۆزىگە ۋە ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرىغا ھېس قىلدۇرۇشى، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا يېتەكلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇلارغا دائىم كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كەمچىللىكلىرىنى تولۇقلاشقا يارىدەم بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇرۇش كېرەك. كوللىكتىپ يېتەكلەش ئارقىلىق ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى، يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى، ئايرىم يېتەكلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسدا ئىناق، دوستانە مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز، يەككە-يىگانە ئەمەسلىگىنى، ئۆگەنسە ئۆزىنىڭمۇ ئالغا باسالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ كەيپىياتى تۇراقلىشىدۇ، ياخشىلىنىدۇ، كەيپىيات ياخشىلانسا ئوقۇغۇچىنىڭ ئالغا بېسىشى تېز، ئۈنۈملۈك بولىدۇ. 4-ئوقۇتقۇچى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدا يېتەكلىگەندە ئۇلاردىن سورىلىدىغان سۇئاللارنىڭ سالمىقىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا، لايىھەلىنىشنىڭ ئەتراپلىق بولۇشىغا، ئۇلارغا بېرىلىدىغان تاپشۇرۇقنىمۇ ئايرىم لايىھەلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن ئالاھىدە پەرقىلىنىپ تۇرغاچقا ئۇلاردىن سورىلىدىغان سۇئاللارنىڭ سالمىقىنى دەسلەپ ئاددى، يىنكىلىكتىن بارغانسىرى مۇرەككەپلىككە، قىيىنلىققا يۈزلەندۈرۈش، زىيادە مۇرەككەپلەشتۇرۋېتىش ياكى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا قىيىن سۇئاللارنى سوراپ، ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. تاپشۇرۇقنىمۇ دەسلەپ ئايرىم بېرىش، تاپشۇرۇقنىڭ مىقدارىنى، ئىشلەيدىغان مەسىلە- مىساللارنىڭ قېيىنلىق دارىجىسىنى ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىپ بارا-بارا ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ئىشلىتىشكە، ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئالغا بېسىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ، ئىشەنجىسى ئاشىدۇ. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ئىنچىكە، مۇرەككەپ، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت، بۇ خىزمەتنى ئۈنۈملۈك ئىشلەش ئۈچۈن بەكىرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىششىقا توغرا كېلىدۇ. ھەرگىزمۇ يېرىم يولدا توختاپ قېلىشقا، باشلاپ قويۇپ، ئاخىرىنى چىقارماي قويۇشقا بولمايدۇ.
|
|