قىزلارغا نەسىھەت ئەقىللىق بىر ئانا قىزىنى ئەرگە بەرگەندىن كېىين،تۆۋەندىكىچە نەسىھەت قىلغان ئىكەن : _ھەي قىزىم، بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەتتىڭ، باشقا بىر ئادەمىگە يارۇ ھەمىراھ بولدۇڭ، سەن ئۈچۈن بەخىت _ئامەت تىلىگۇچى ئاناڭ تەرىپىدىن سۆزلەنگەن ئۈشىبۈ نەسىھەتلەرنى ئېسڭىدە مەھكەم تۇتقايسەن ۋە مۇمكىن بولغاندا پايدىلىنارسەن.
_قىزىم، ئېرىڭ دۇنىيا سەپىرىدە ساڭا ھەمىراھ،قايغۇدا بىللە قايغۇرغۇچى،شاتلىققتا بىللە شاتللانغۇچى ھەمىراھ بولۇش ئۇمىدى بىلەن سېىنى قۇبۇل قىلىدى،ئۇنىڭ ئۇمىدىنى ئەسلا يەردە قۇيمىغايسەن.ئۇ ھەر ۋاقىت سەندىن رازى بولۇپ ياشىسىۇن.
_قىزىم،تېز كۈنلەردە ئائىلە قۇرۇشقا كىرىشسەن،ئائىلە قۇرۇشتا ئىتىبارغا ئىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەربار.ئېرىڭنىڭ يىقىنلىرىنى،بولۇپمۇ قېيىنانا ー قېيناتاڭنىڭ ھۆرمەت قىل.ئۇلارنى ئۆز ئاناڭ،ئۆز ئاتاڭدەك كۆر.ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۇقغانلىرىنىڭ ھېسابلا،قېيناناー قېيناتاڭنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىل.مۇشۇ يېڭى تۇقغانلىرىڭنىڭ مىجەز-خۇلقىنى بىلىۋال ۋە شۇنىڭغا قارپ مۇئامىلە قىل،ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ساقلان،چۇنكى بۇنىڭ ئېغىرلىق ئېرىڭنىڭ ئۈسىتگە چۈشىدۇ.سەندىن ئۆتسە يىقىنلىرىڭىنىڭ كۆڭۇلىدە قالار،ئۇلاردىن ئۆتسە سەندىن قىزغىنار،بۇنىڭ قايغۇسى بىلەن ئېرىڭ تاماقىتىن قالار ۋە ئاخىرى كېسەل بولۇپ قالار.ئەرلەر ئۆز كەسپنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد،تىنىچ ولۇشغا مۇھتاج.ئائىلىدە ئازراق قايغۇ بولسا،ئۇلارنىڭ كەسىپىگە تەسىر يېتەر.
_قىزىم،ئېرىڭنىدىن ھېچىقانداق سىرىڭنى يۇشۇرما،ئېرىڭىدىن باشقا بىرىگە سىر ئىېتما.باشقىلانىڭ ئالىدىدا ئېرىڭىگە قارشى گەپ قىلىما.چىرايىڭىنى تۈرمە،ئەرلەر خوتۇنى تەرىپىدىن بولغان ئەڭ زۇر كەمچىلىكلەرنى كەچۇرەلەيدۇ،ئەمما باشقىلارنىڭ ئالىدىدا ئازراقلا نەرسىنىمۇ ئىچىگە سىغىدۇرالمايدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتگە خىلاپ ئىشتۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن،بۇھەقتە ئۇلار ئەيىبلىك ئەمەس،ئەگەر يارىماس ئادىتى بولسا،ئۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن،كۆڭلىگە كېلىدىغان ئادەتلىردىن يىراق بول.ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىما.ئېرىڭنىڭ مېلىنى ئاسىراپ تۇت،ئسىراپ قىلىما.
_قىزىم،ئۆيۇڭ رەتلىك ھەر نەرىسە ئۆز جايىدا بولسۇن،بالىلىرىڭنى ئېرىڭگە ئامىراق،ئېرىڭنى بالىرىڭىغا كۆيۇمچان قىلىشقا تىرىش، ئاتىلارنىڭ بالىلار بىلەن ئۆزنى خۇش قىلىش ئۇلاربىلەن بىللە بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك.بالىلىرىنى سۆيىدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئىنساپلىق بولىدۇ ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇشال قىلىپ باشقا مۇناسىۋەتسىز نەرىسىلەرگە كۆز سالمايدۇ.
_قىزىم،بۇ ئىيتقان سۆزلىرىمىنى بەجا كەلتۇرۇش ئەقىللىق،تەدبىرلىك خوتۇنلار ئۈچۈن، ئىغىر ئىش ئەمەس.ئەقىللىق خوتۇنلار كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەنمۇ قىلالىمغان ئىشلارنى ئۆز ئەقىلىگە تاينىپ قىلالايدۇ.قىزىم، بەزى ۋاقىتتا ئەرلەر خوتۇنلىرىغا نىسبىەتەن تۆۋەن كۆرۇش خاھىشىدا بلىدۇ.دەل شۇ چاغدا مۇشۇ ۋاقىتىنى پۇرسەت بىلىپ،ئۇنىڭ ئەيبلىرى ھەقىدە ئازارق سۆزلە.
_قىزىم، ئائىلە ھەر ۋاقىت نېمەت ئەمەس،بەزى چاغلاردا زەھىرى،تېكىنى بولدىۇ.ئېرىڭ بىلەن ئارڭغا سوغۇقچىلىق چۈشسە،ئىغىر بىسىقلىق بىلەن سۆزلە.قىزىرىشقا،چىرايىڭنى ۋە ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتىمە،ھۆرمەت قىل،ئۇ ھەر قانچە ئاچىچقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلما.ئەڭ ياخشى خوتۇن ئەرنىڭ ئالىدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ،ئاچىچىغا ھاي بەرگەن خوتۇندۇر.
_قىزىم،بالاڭ بولسا ئۇلارنىڭ تېنىنى ئاسىرا،مەكتەپكە بارغۇچە ئەقىلىي جەھەتتىن تەربىيە قىل، ياخشى قىلىقلارغا ئادەتلەندۇر.
‹‹ئىلمى ئەخلاق ›› ناملىق كىتابتىن ئىلىنىدى |