كۆرۈش: 414|ئىنكاس: 4

توغراقلىقبەگ قورۇقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
توغراقلىقبەگ قورۇقى
  توغراقلىق بەگ قورۇقى چەرچەن ناھىيە بازىرىدىن 2.5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى توغراقلىق يېزىسغا جايلاشقان، 1911-يىلى سېلىنغان، 98 يىللىق تارىخقا ئىگە. قۇرۇلۇشنىڭ ئۇمۇمىي كۆلىمى 780 كۇۋادىرات مېتىر. ھازىر بار بولغىنى 11ئېغىز ئۆي، ئىككى ئېغىز ئايۋان دىن ئىبارەت. تاشقىرقى ئايۋاننىڭ ئۈستى ئوچۇق، ئىچكىركى ئايۋاننىڭ ئۈستىگە بالىكۇن چىقىرىلغان بولۇپ، بالىكۇننىڭ نەقىشلىرى تولىمۇ نەپىس ئۇيۇلغان. ئۆيلەرنىڭ تېمىنىڭ ئاستىغا پىششىق خىش، تۆپىسىگە خام خىش بېسىپ قۇپۇرغان، ياغاچ قۇرۇلمىلىق دېرىزە(دېرەۋزىۋىن) ئورنۇتۇلغان. ئۆينىڭ ئاستىغا خىش ياتقۇزۇلغان بولۇپ، بۇ خىشلارنىڭ رەڭگى كۆك. ئەينى ۋاقىتتا خىشچى ئۇستاملار خىشلارنى توغراق ئوتۇنى بىلەن سۇدا پىشۇرغان. بۇ قۇرۇلۇشنى قۇرۇقنىڭ ئىگىسى نىياز بەگ قەشقەردىن زۇنۇن قەشقىرى دىگەن قۇرلۇش ئۇستىسىنى تەكلىپ قىلىپ سالدۇرغان. ئۆيلەرنىڭ ئىچى تېمىنى تۇخۇم، ناۋات، گەج ئارىلاشتۇرۇپ سۇۋىغان بولۇپ، ناھايىتى قاتتىق. سىرىتقى قىسمىنى بولسا توزغاق بىلەن سېغىزدا سۇۋىغان. بۇ ئۆينىڭ «ناۋاتتا سۇۋىغان ئۆي» دەپ نامى بار.  بۇ قۇرۇلۇش تىپىك مىللىيچە قۇرۇلۇش ھىسابلىنىدۇ.
بەگ قورۇقى 1953-يىلى توغراقلىق يېزىلىق ھۈكۈمەت تەرىپىدىن قايتۇرۋېلىنغاندىن كېيىن، 1964-يىلغىچە ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئىشلىتىلگەن. 1966-يىلدىن 1985-يىلغىچە يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى قىلىنغان، 1985-يىلدىن 1987-يىلغىچە نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ ئامبىرى قىلىنىپ، 1987-يىلى ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى رەسمىي قايتۇرىۋالغان ھەمدە 1992-يىلى «ناھىيە دەرىجىلىك قوغدۇلىدىغان ئۇرۇن» دەپ بېكىتىلگەن.
قۇرۇلۇشنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ قۇرلۇشنىڭ ئۆيلىرى يېپىق شەكىلدىكى تۇرالغۇ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ھەر بىر ئېغىز ئۆي مۇۋاپىق جايلاشۇرۇلغان. ئۆيلەر تاشقىرقى ئايۋان، سەينا،ئىچكىركى ئايۋان، ئەر- ئايال مەشرەپ قىلىش ئۆيى،ئەرلەر مېھمان كۈتۈش ئۆيى،ئاياللار مېھمان كۈتۈش ئۆيى، ئىبادەت قىلىش ئۆيى قاتارلىق تۈرلەر بۇيىچە ئايرىم-ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان .دەرۋازىدىن ھەر بىر ئۆينىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە ھەر بىر ئۆيلەر ئارا ئىنتايىن راۋان باغلانغان ۋە ئۆيلەردىكى ھەر بىر بوشلۇقتىن ماھىرلىق بىلەن ئىنتايىن ياخشى پايدىلانغان. بۇلۇپمۇ بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ تورۇس، تاملىرىغا نەپىس ياغاچ ئويما ۋە گەج ئويما رەسىملىرى بىزەك قىلىنغان بولۇپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە نەقىش گۈللىرى قەدىمىي كۆركەم تۇسكە ئىگە قويۇق يەرلىك مىللىي پۇرىقنى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. بەگ قورۇقى 1995- يىلى «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان نوقتىلىق ئورۇن» قىلىپ بېكىتىلگەن، چەرچەن ناھىيىسىدىكى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بىردىن بىر قورۇلۇشتۇر. بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قىززىقىپ كۆرىدىغان ساياھەت ئورنىغا ئايلانغان، يىلىغا  تۆت مىڭ ساياھەتچىنى كۈتىۋالىدۇ. قۇرۇقنىڭ ئىگىسى نىياز بەگ دوك ئەسلى چىرىيە ناھىيىسىدىن بولۇپ، 1936-يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، تۇرپاندا ئۆلتۈرۈلگەن. نىياز بەگنىڭ 19بالىسى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى 19-بالىسى يۇسۇپ نىياز ھازىرمۇ ھايات .
مەزكۇر ماتىرىيال چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ مەكتەپ دەرسلىكى دىن ئېلىندى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-25 19:28:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىماققا مەكتىپىڭلارنىڭ مەكتەپ دەرسلىكى تولىمۇ ئەتراپلىق تۈزۈلگەندەك قىلىدۇ ، ئەجرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت !
ۋاقتى: 2014-7-25 22:25:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قەدىمى ئۆينىڭ رەسمنى بىللە يوللىغان بولسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتى. بولسا رەسىمىنىمۇ بىرگە چىقىرىپ  قايتا تەھىرلەپ قويسىڭىز
ۋاقتى: 2014-7-25 22:26:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« قۇرۇقنىڭ ئىگىسى نىياز بەگ دوك ئەسلى چىرىيە ناھىيىسىدىن بولۇپ، 1936-يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، تۇرپاندا ئۆلتۈرۈلگەن. نىياز بەگنىڭ 19بالىسى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى 19-بالىسى يۇسۇپ نىياز ھازىرمۇ ھايات»
يۇسۇپ نىياز دادىسنىڭ قورىقىغا ئىگدارلىق قىلۋاتامدىغاندۇ ياكى مەدىنيەت ئىدارسى ئىگدارلىق قىلۋاتامدىغاندۇ؟
ۋاقتى: 2014-7-27 21:09:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ماتېرىيالىڭىزغا رەھمەت ! ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش