| ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم باشقۇرغۇچى ئەپەندىم، خانىملار ياخشىمۇ سىلەر. ‹‹بايقاش›› مۈنبىرىنىڭ جەلىپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، تىما يوللىغۇچىلارنىڭ قىزغىنلقىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتىرىش ئۈچۈن، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك مەكتەپلەر بۇيىچە ھەم ھەرقايسى پەنلەر بويىچە ‹‹مۇكاپاتلىق تىما پائالىيىتى›› ئېلىپ بېرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ چىقىپ، مۇكاپاتلاش ئۇسۇلىنى يولغا قويساڭلار قانداق بۇلا؟ منىڭ ھىس قىلغىنىمدا، شېئېر، مۇشائىرە تىپىدىكى تىمىلار بولسا تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى بىر قەدەر يۇقۇرىكەن، لېكىن باشقا تىپتىكى تىمىلارغا نىسبەتەن قىزغىنلىق تۈۋەنرەك ئىكەن. شۇڭا مۇشۇنداق پائالىيەتنى كوپرەك ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ھەممە تىمىلارغا بولغان قىزغىنلىقنى يۇقۇرى كۆتۇرگىلى بۇلامدىكىن دەپ ئويلۇدۇم. ئويلۇنۇپ بېقىشىڭلارنى سورايمەن. رەھمەت سىلەرگە. |
|