بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-15 17:58
بايقاش تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك ( مۇكاپاتلىق تېما )
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش مائارىپ مۇنبىرى ئىشتىراكچىلىرى ، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن! كەمىنە بايقاش مائارىپ تورى ئالى باشقۇرغۇچىسى پەرىدىن مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق كونا -يېڭى ئەزالار ،ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ئوتلۇق سالام ، ئالى ئېھتىرام !
ھەممىمىزگە مەلۇم بۈگۈنكى يەنى 7-ئاينىڭ 15- كۈنى بايقاش مائارىپ تورىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ دەل 3 يىللىقى خاتىرە كۈنى، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق كونا -يېڭى ئەزالار ، ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلار نامىدىن مۇنبىرىمىزنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنىنى ،ھەم بايقاش مۇنبىرىدىكى بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ ، قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە قۇتلۇقلايمەن .
مۇبارەك 3 يىل
مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايقاش مۇنبىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلۋاتقان ، بايقاش مۇنبىرىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئېقىپ كېلۋاتقان تىرىشچان باغۋەنلىرىمىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . رەھمەت سىلەرگە جاپا چەكتىڭلار !! مۇنبىرىمىز بۇ 3 يىل داۋامىدا نۇرغۇنلىغان ئىگىز -پەس داۋانلارنى ، ئەگرى -توقاي يوللارنى غەلبىلىك بېسىپ ئۆتۈپ ، مانا بۈگۈنكىدەك ئەزا سانى 16196 غا ، يازما سانى 116255 غا يەتكەن ، نىمە ئىزدىسە شۇ تېپىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىللىق ماكانى ، بىلىم غەزىنىسى ، ماتىريال ئامبىرىغا ئايلاندى .مەن بۇ يەردە مۇنبىرىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ،بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى ھەققىدە توختالمايمەن ، بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم . مۇشۇ تېما ئارقىلىق بارلىق بايقاش مۇنبىرى ئەزالىرىنى مۇنبىرىمىزدە ساقلىنىپ كېلۋاتقان ۋە جىددى بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان مەسىللىلەر ،ۋە ئۇلارنى تۈزىتىش توغۇرسىدىكى دانا تەدبىرلەر ئۈستىدە كەڭ كۇشادە پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ،ھەمدە مۇنبىرىمىزنى كېيىنكى تەرەققىيات نىشانى توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . يازغان ئىنكاسلىرىمىز مۇنبىرىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئۇيغۇن ،ئەمىليەتنى چىقىش قىلغان ھالدا يېزىلىشى ، قانداقتۇ بىراۋنىڭ غورورى ۋە زىتىغا تىگىدىغان گەپ سۆلەردىن ساقلىنىشى ،مۇنبەر تەرەقىياتىغا پايدىلىق بولۇشىغا دىققەت قىلايلى . ھەمدە بايقاشنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى ھىسياتىنى ئىپادىلەپ شېئىر .ناسىر ،ھىكايە ..........قاتارلىقلارنى يازسىڭىزمۇ بولىدۇ . ياخىشى يېزىلغان ئىنكاسلار 5 دانە مۇنبەر تىللاسى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ . ھەر بىر ئەزا پەقەت بىر قېتىملا ئېرىشەلەيدۇ . ( پاخال ، تۇترۇقسىز ئىنكاسلار بۇنىڭ سىرتىدا )
|