كۆرۈش: 5108|ئىنكاس: 91

قېنى بايقاشتا تەتىللىك مۇشاۋىرە باشلاندى.

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-10 02:42  

قېنى بايقاشتا تەتىللىك مۇشاۋىرە  باشلاندى .

بار بولساڭلار مۇنبەردە،
يوقلىمغا ھە دەڭلار.
يوقلىمدىن ئۆتەلمەي،
مەندىن رەنجىپ يۇرمەڭلار

بۇ يوقلامدىن ئۆتسىڭىز.
تىللا بىرەي  مۇكاپات،
يىغىپ قويغان پولاردىن،
قىلاي سىزگە ئىلتىپات

1-        ئاتامان ( بايقاشقا )

ھەمدۇللا يۇ –ھەمدۇللا ،
ئاخشام يازدىم سۆزنىلا .
يۇقاپ كىتىپ ئۆزلىرى ،
بۈگۈن ئەمدى نىم بوللا .

بايقاشجاننىڭ ھۆيلىسىدا  ،
كۆندۈرۋالغان دەمدىرى بار .
گۇناھ قىلسا  بايقاشتا ،
يانچۇقىدا دەپتىرى بار.

2-        ئامانجانغا :

دەرھال كىرىڭ  بايقاشقا
ياخشى جاۋاپ قالدۇرۇڭ .
قىززىتقايسىز مۇنبەرنى  ،
قولغا قەلەم ئالدۇرۇڭ.
چاقىرايلى   يوقلارنى     ،
بايقاش ئەھلى يىم  بۇلۇپ.
تەڭ چۈشەيلى قۇشاققا .
قول تۇتۇشۇپ، ئەپ بۇلۇپ

3-پاك نۇرغا

بايقاشتا  بىرپاكنۇر بار،
شېئىرلىرى مەزمۇنلۇق
ئىسمى ئۇنىڭ ئارزىگۇل،
ئىنكاسلىرى رېتىملىق ،

      4-مەرىپەتكە

يوقاپ كىتىپ مەرىپەت
قايتىپلامۇ كەلمەيسىز .
ئۇزۇن بولدى كۆرمىدىم
سوتنى ئىزدەپ يۈرەمسىز .

5-زىبا غا

گۈل غۇنچىسى باغلاردا ،
كىيىك ئوينار تاغلاردا .
تۇلىمۇ سىرداش ئىدىۇق ،
بايقاشتىكى چاغلاردا .

كۈرۈنمەيسىز مۇنبەردە ،
ئامانگۈل سىز بارمۇ سىز ؟
ساقلاپ قالدۇق بايقاشتا ،
ئۇختۇرۇشنى  ئالغايسىز  .

      6-گۈلزارغا

گۈلزارنىڭ قارا قۇيى
ئوتلاپتۇ  ئېتىزلىقتا .
ئەجەپمۇ يۇقاپ كىتىپ ،
كەلمەيسىزغۇ بايقاشقا .

   5-پەرى خانقىزغا

كىچە بولسا كەتمەيدۇ ،
تىرەك شېخىدىن قاغا .
ئەجەپ ئىچىم ئاغرىيدۇ .
پەرى دىگەن خانقىزغا .

پەرى ئۈزى ساۋاتلىق ،
قەلىمى بار مەيدىستە.
پات – پات كۈرشۈپ تۇرىمىز ،
بايقاشتىكى مەجىلىستە .

6- ئەلنۇرغا :

ئىگىز تاغنىڭ چۇقىسى ،
يىتەي دەيدۇ ئاسمانغا .
خوش بولسىڭىز كەلسىڭىز ،
خۇمارىم يوق قاچقانغا .

7- خوشەنگە:

خوتۇن ئەپسىز ئىككىنى ،
تويلۇق سەپتۇ پەلتۇنى .
ئىككى خوتۇن نان دىسە ،
كىتىپ بېرىپ ياتقىنى .

8-تايلاققا :

ئىسمىڭىزمۇ تايلاقكەن ،
ئاتقا مىنىپ تۇرامسىز  .
پونى ئېتىپ داۋاملىق ،
قاياقلاردا يۈرىيسىز

9- لىرىكا

يەرگە قۇناق  تېرىسام ،
ئۈنۈپ مېختەك بۇلۇپتۇ .
سىزگە  سالام يازساممەن  .
يۇقاپ كىتىپ يۈرۈيسىز .

10- خۇمارىغا :

ئوسمىنى تېرىپ قويسام ،
ئۈنەرمىكىن لاي يەردە .
مەن سىزنى  خىيال قىلسام ،
سىز ئوينايسىز ھەر يەردە .

11- تاجىگۇلغا :

يۇقاپ كەتتى تاجىگۇل  
مەكتىۋىدە بارمىدۇ
سېغىنغاندا دوسلارنى   
بايقاشقىمۇ  كىرەمدۇ ؟

12-نۇرخاچقا :

نۇرخاچ ئىكەن ئىسمىڭىز ،
باتۇرلاردىن بولمايسىز .
ئۇزۇن بولدى كۆرمىدىم ،
قىزمۇ  ئىزدەپ يۈرەمسىز

     13- يازغۇچىغا :

ئىسمىڭىزمۇ يازغۇچى ،
بىرەر شىئېر يازمايسىز .
يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ،
شىئېر ياتلاپ يۈرەمسىز

14تۇرسۇنجانغا :-

ئۇزۇن بولدى كۆرمىدىم ،
ئۇكام ئىنىم تۇرسۇنجان .
بىرەر چاتاق چىقتىمۇ  ،
ئۆي ئىچىدە تۇرسۇنجان .

چاتاق بولسا بىر دىگىن ،
ھەل قىلايلى ھەممىمىز .
ئەگەر سىزمۇ بولسىڭىز ،
مۇنبەرگىمۇ كىرسىڭىز .

ئۆز ئىجادىيتىم  

2014- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى
       (   قاراقاش   )
كىچە سائەت 12دە يېزىلدى



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3قىزغىنلىق +15تىللا +12تۆھپە +13شۆھرەت +14يىغىشسەۋەبى
نونى + 5 + 4 + 3 + 4بارىكاللا تېرىشىڭ!
pari + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!
زىبا. + 5 + 3 + 5 + 5قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-10 12:30:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مەنمۇ كەلدىمغۇ ،
يوقلىمىدىن ئۆتەي دەپ،
باشقۇرغۇچى زەپەرنىڭ ،
مۇكاپاتى ئالاي دەپ .

قېنى دوستلار كېلىڭلار ،
يوقلىمىدىن ئۆتۈڭلار ،
ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىپ ،
ئىلتىپاتنى ئېلىڭلار .

يەنە قاپتۇ ئەزالار ،
چاقىرايلى بىر -بىرلەپ ،
چىقماي قالسا مۇنبەرگە ،
ساۋاپ قوياي كالتەكلاپ.

يوقاپ كەتتى بىر تالمۇ ،
مۇنبەرنى ھېچ يوقلىماي،
ئۇچۇپ كەتتى بۇركۇتمۇ ،
مۇنبىرىنى تاپالماي .

ھارماي ئىنكاس يازىدۇ ،
ئايرال دىگەن ئەزامۇ ،
كۈندە كىرىپ مۇنبەرگە ،
جەدۋەل يوللاپ ھاردىمۇ .

يەنە بار بىر سەييارە ،
يۇلتۇز ساناپ يۇرەمدۇ ،
مەخپى نومۇر تاپالماي ،
مۇنبەردىلا قونامدۇ ؟

مۇقام تاۋلاپ نەبىجان ،
گاھى بۇغۇم سانايدۇ ،
دەرس ئۈتۈپ سىنىپتا ،
بايقاشقىلا يوللايدۇ .

ماكانىدۇر ئوت يۇرتى ،
سالاملىشىپ ھارمايدۇ ،
ھەر دۇقمۇشتا بىزلەرگە ،
مەدەت بېرىپ ھارمايدۇ.

يەنە بار تېخى نۇرغۇنى ،
كەپ بولالماي مۇنبەرگە ،
دەم ئېلىش دەپ تەتىلدە ،
ماڭغاندىمۇ نەلارگە ؟

نەركىزە ھەم ئالىمجان،
بار بولساڭلار بار دەڭلار،
ئەنسىرەتمەي بايقاشنى ،
يوقلىمىغا كېلىڭلار .
ۋاقتى: 2014-7-10 13:12:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زىبا. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-10 13:15  



ئۇختۇرۇشنى ئېلىپلا ،
يۈگۈرۈپ كىردىم مۇنبەرگە .
زەپەر باشلىغان قۇشاق ،
تاراپ كەتتى جاي -جايگە .

تەتىل بولسا نىمە بۇلار ،
دەپ نالىلەر قىلدىممەن .
پەرىگە ھالىم ئېيتىپ ،
دەرتلىرىمنى تۆكتۈممەن .

ئاخشام كىرسەم مۇنبەرگە ،
ئايرال مۈگدەپ يېتىپتۇ .
لىرىك شېئر يۈرەككە ،
تازا ئوبدان تىگىپتۇ .

نۇرخاج لىپپدە كىرىپ ،
قۇشاق يازدى بىر شىڭگىل .
قوللىرىدا گۈلدەستە ،
كۆڭلى بىزلەرگە تىگىل .

نەبىجاننى كۆرمىدىم ،
ئۈيىدە ئۇخلاپ ياتامدۇ .
مۇنبەرنى تاشلاپ قۇيۇپ ،
دوسلىرىدىن تانامدۇ .

چەرچەن ئوغىلى بار ئىدى،
مۇنبەرداشلار ئىچىدە ،
يۇقاپ كەتتى يېقىندا ،
ئۇ يۈرگەندۇ قەيەردە .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +9تىللا +9تۆھپە +9شۆھرەت +9يىغىشسەۋەبى
زەپەر + 4 + 4 + 4 + 4ياخشىكەن..!
pari + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-7-10 13:18:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زىبا. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-10 17:07  

بايقاش دىگەن بۇ ئىسىم ،
دەل جايىدا  قۇيۇلغان .
باغۋەنلەرنىڭ ئەجىردىن ،
گۈل دەستىلەر تىزلىغان .

مەرىپەت مەشئلى يانار ،
تەڭرىتاغنىڭ باغرىدا .
سەبىيلەرنىڭ دىللىرى ،
يۇرار باغۋەن قۇلىدا .

ئوت ماكانى تۇرپاندا ،
ئىسسىق قانچىلىك بولدى .
تەتىل بولماي بىزلەرگە ،
يۈرەكلەر دەرتكە تولدى .

قارقاش دىگەن  يۇرۇتتا ،
بىر گۈزەل بار قەلەمقاش .
گۈلزار ئويلاپ قۇيامدۇ ،
زىبا دوستىنى پات -پات .

تەڭرىتاغنىڭ بۈركۈتى ،
خېلى ئىگىز ئۇچامدۇ ؟
ئامان بىزگە باش بولسا ،
كۈنلەر خۇشال ئۆتمەمدۇ .

دىلكەش دوستۇم بار ئىدى ،
بايقاش ئاتلىق مۇنبەردە .
بەختىيار زامان كەلسە ،
كۈلكە تۇلار كۆزلەرگە .

ئىسمى جىسمىغا لايىق ،
ئلغار ئاكتىپ ئىشلەمدۇ ؟
جۇت شىۋرغان يۇقالسا ،
قۇياش پارلاپ چىقمامدۇ ؟

بابۇر مىنىپ بايتالغا ،
قەشقەرىگە يول ئالدى .
قارا كۆزنى ھېچ كۆرمەي ،
بۇلاق كۆزلەر ياشقا تولدى .

يازغۇچى يېزىپ تۇرسۇن ،
ئىسىل -ئىسىل ئەسەرنى .
ئەزىزىگە ئېيتىڭلار ،
ئېلىپ قويدۇق تۆرنى .


مەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى ھېچقانچە بولمىغاچقا كۆپ مۇنبەرداشلارنى بىلىپ بۇلالمىدىم .  مۇمكىن بولسا قېلىپ قالغان مۇنبەرداشلار  ئىنكاس ئارقىلىق ئۈزۈڭلارنى مەلۇم قىلساڭلار ،بىز يەنە داۋاملىق داۋاملاشتۇرساق بۇلىدۇ .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +6تىللا +6تۆھپە +6شۆھرەت +6يىغىشسەۋەبى
زەپەر + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.
pari + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-7-10 19:30:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىسمىم نۇرخاجتۇر،
ئۆزەم ئۇيغۇر بالىسى.
باتۇر بولمىساممۇ گەر،
باتۇرلارنىڭ ئەۋلادى.

زەپەر ئاكا دەپ قاپسىز،
قىز بالىنىڭ گىپىنى.
قىز بالىلار ھەيراندۇر،
تاپالماي مەن نۇرخاجنى.

باھا سۆز

تاپالماي سىز نۇرھاجنى ،قىزلار نەدە يۈرگەندۇ ؟كىرىپ تۇرۇڭ مۇنبەرگە ،تېما كۈتۈپ قالغاندۇ . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-11 21:08

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2تۆھپە +2شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
pari + 2 + 2 + 2 + 2بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-7-10 20:03:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي زىبا قىز مەن كەلدىم،
كۆكتىن ئىزدەپ مەن سىزنى.
كۆكتىن ئەمەس يۈرەكتىن،
ئىزدەپ كەلدىم زىبانى.

شۇڭا يازدىم مەن سىزگە،
شېئېر،چاخ-چاخ،قوشاقنى.
‹‹سۆيگۈ››ڭىزگە قايىلمەن،
شۇڭا تۇتتۇم يۈرەكنى.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +6تىللا +5تۆھپە +6شۆھرەت +6يىغىشسەۋەبى
زەپەر + 3 + 3 + 3 + 3ئورۇنلۇق، گەپ كەتمەيد.
pari + 3 + 2 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-7-10 20:06:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى يېزىپ تۇرسۇن ،
ئىسىل -ئىسىل ئەسەرنى .
ئەزىزىگە ئېيتىڭلار ،
ئېلىپ قويدۇق تۆرنى .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زىبا ئۇستاز. بۇ بىر كۇبلىت شېئېرنىڭ 4-مىسراسىدا بىر بوغۇم ئاز بۇلۇپ قاپتۇ.

باھا سۆز

ئەستايدىل پىكىر يۈرگۈزگىنڭىزگە رەھمەت .  ۋاقتى: 2014-7-12 23:28
ۋاقتى: 2014-7-11 02:53:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم زەپەر ئۇستاز. مۇشائىرەدە قاپىيە باغلاشمىسا قائىدە بۇيىچە جازا بادۇ؟
ۋاقتى: 2014-7-11 02:56:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرگە قۇناق  تېرىسام ،
ئۈنۈپ مېختەك بۇلۇپتۇ .
سىزگە  سالام يازساممەن  .
يۇقاپ كىتىپ يۈرۈيسىز
بۇنىڭدا قاپىيە ماسلاشماپتۇ، سىزگە قانداق جازا بىرىلىدۇ؟ باشقۇرغۇچى بولغاندىكىن كەچۈرۈم قىلىۋېتەيلىمۇ يا؟
ۋاقتى: 2014-7-11 03:11:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئۇستاز تۇۋەندىكى ئىككى كۇبلىت شېئېر نى بىر تىما دەپ قاراشقا بۇلىدۇ.شۇنداق بولغاندا 1-كۇبلىتنىڭ بوغۇم سانى بىلەن 2-كۇبلىتنىڭ بوغۇم سانى تەڭ بۇلىشى، ياكى ئوخشاش شەكىلدە يېزىلىشى كىرەك. ئۆزىڭىز قاراپ بېقىڭ، قانداق بوپتۇ؟
ھەمدۇللا يۇ –ھەمدۇللا ،
ئاخشام يازدىم سۆزنىلا .
يۇقاپ كىتىپ ئۆزلىرى ،
بۈگۈن ئەمدى نىم بوللا .

بايقاشجاننىڭ ھۆيلىسىدا  ،
كۆندۈرۋالغان دەمدىرى بار .
گۇناھ قىلسا  بايقاشتا ،
يانچۇقىدا دەپتىرى بار.
1-كۇبلىت 7 بوغۇملۇق بولغان، 2-كۇبلىتتا 1-.2-مىسراسى 8 بوغۇم،3-،4-مىسراسى 7بوغۇم بولغان.
ئۇستاز كەچۈرۈڭ، باشلىقنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ سالدىم. گۇناھكارمەن.....
جازا توغرىسىدا سوزلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. كەچۈرۈڭ ھە باشلىق.........

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
pari + 3 + 3 + 3 + 3قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش