كۆرۈش: 435|ئىنكاس: 3

جەمئىي قانچە دانە ئالما بار ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇلاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-23 01:27  

تۆت ئادەم ئورمانلىقتا كېتىۋېتىپ بىر دۆۋە ئالمىغا ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇلار يېقىن كېلىپ قارىغىنىدا  بۇ ئالما دۆۋىسىنىڭ ئۈستىگە بىر تال ئالما بىلەن باسۇرۇپ قويۇلغان ''بۇ ئالمىلار سىلەرنىڭ نېسىۋەڭلار! تەڭ بۆلۈشۈپ ئېلىپ كېتىڭلار!'' دېگەن مەزمۇندىكى خەتلەر يېزىلغان بىر باغاقچىنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقاپتۇ.  ئۇلار ئالدى بىلەن بۇ بىر دۆۋە ئالمىنىڭ ئۈستىنى ئوت-چۆپلەر بىلەن يېپىپ قويۇپ  ئەتە قايتقان چاغدا تەڭ بۆلۈشۈۋېلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن سەپىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
ئۇلار مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆزىگە تېگىشلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەش ئۈچۈن بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشىپتۇ.  بىرىنچى بولۇپ ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەن ئادەم دەرھال ھېلىقى ئالما دۆۋىسى بار يەرگە كېلىپ بۇ ئالمىلارنى دەلمۇ-دەل تۆت بۆلەككە بۆلگەندە بىر تال ئالما ئېشىپ قاپتۇ. ئۇ ئادەم ئېشىپ قالغان بۇ بىر تال ئالمىنى يەۋېتىپ ئۈچ بۆلەكنى قايتا بىرلەشتۈرۈپ ئۈستىنى ئەسلىدىكىدەك يېپىپ قويغاندىن كېيىن قالغان بىر بۆلىكىنى ئېلىپ كېتىپ قاپتۇ. ئىككىنچى بولۇپ ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەن ئادەممۇ دەرھال بۇ ئالما دۆۋىسى بار يەرگە يېتىپ كېلىپ ئالمىلارنى توپ-توغرا تۆت بۆلەككە بۆلگەندە يەنە بىر تال ئالما ئېشىپ قاپتۇ. ئېشىپ قالغان ئامىنى يەۋېتىپ ئۈچ بۆلەكنى قايتا بىرلەشتۈرۈپ ئۈستىنى ئەسلىدىكىدەك يېپىپ قويغاندىن كېيىن قالغان بىر بۆلىكىنى ئېلىپ كېتىپ قاپتۇ.  ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئادەملەرمۇ ۋەزىپىلىرىنى تۈگىتىپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇ ئالما بار يەرگە دەرھال يېتىپ كېلىپ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىم كەلگەن ئادەملەرگە ئوخشاش مەشغۇلات قىلىپ قايتىشىپ كېتىشىپتۇ.  بۇ تۆت ئادەم ئالمىلارنى بۆلۈش جەريانىدا بىر-بىرىنى كۆرمىگەچكە ئۇلارنىڭ ھەر-بىرى ئۆزىنى بىرىنچى قېتىم كەلدىم دەپ قاراپ تەڭ تەقسىماتقا ئەمەل قىلغانلىقتىن ھەممىسىنىڭ مەشغۇلاتتى ئوپمۇ-ئوخشاش بولغان ئىكەن.
ئۇنداقتا سىز ئەسلىدىكى بىر دۆۋە ئالمىدا جەمئىي قانچە دانە ئالما بار ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ باقالامسىز...؟ ۋە ياكى ھېساپلاپ چىقالامسىز...؟

مۇكاپات 3 تىللا...................................................
ئالاھىدە مۇكاپات: ئۇدا 3 قېتىم توغرا تاپقانلارغا 5 تىللا ئالاھىدە مۇكاپات بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تېپىشماقنىڭ مۇكاپاتى نەخلەشتۈرۈلدى: /bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=22620

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-25 10:19:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىردا نەچچە ئالما ئېشىپ قاپتۇ؟ مىنىڭچە بۇ بولمىسا تاپقىلى بولماس ؟ يا ئاخىردا كەلگەن ئادەم ھەممىنى ئىلىپ كەتمەپتۇ؟شۇنداقمۇ؟
ۋاقتى: 2014-6-25 17:54:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-خىل جاۋاب :بۇ ئالما جەمئىي 1109تال .
2-خىل جاۋاب :بۇ ئالما جەمئىي 1365 تال.
ئاخىرىدا ئېشىپ قالغان ئالمىنى خالىغانچە پەرەز قىلساق، ئالمىنىڭ ئومۇمىي سانىمۇ ھەر خىل بولىدىكەن.
ۋاقتى: 2014-6-30 20:12:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇلاق ئەپەندىم. ھىساپلاش ئۇسۇلىنى ماڭىلا دەپ بىرىڭە، مەن شۇ بويىچە ھىساپلاپ قانچە ئالما بارلىقىنى مەنمۇ سىزگىلا دەپ بىرەي.....................................
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش