كۆرۈش: 8265|ئىنكاس: 11

[ئاۋازلىق ئەسەر] ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى» ناملىق كىتابىنىڭ مەركىزى خەلىق رادىيو ئىستانسىسى ئۈنگە ئېلىپ تارقاتقان ئاۋازلىق نۇسخىسى.

ozlvk-titul.jpg

ئالدىنقى قېتىم بۇ كىتاننى ئوقۇپ، بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش ئۇسۈلى جەھەتتە  چوڭقۇر چۈشىنىشكە  ۋە ھەل قىلىش جەھەتتە بورۇلۇش ھاسىل قىلغان ئىدىم. يېقىندا مەزكىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى بۇ ئەسەرنى ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلەپتۇ. مىنىڭچە بۇ ئەسەرنىڭ كۆپلىگەن قېرىندېشىمىز ئاڭلاپ، ئۆزىگە چىقىرىش يولى تېپىۋېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئەتراپىمىزدا تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا بىزدىن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنى، ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىشنى، ئۆزىمىزنى چوڭقۇرلاپ قېزىشنى ۋە كىملىكىمىزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تونۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئەمما بۇ جەريان قانداق ئىشقا ئاشىدۇ؟ بىز خرىسلار ۋە تېپىشماقلار ئالدىدا نېمە قىلالىشىمىز مۇمكىن؟ يوشۇرۇن كۈچىمىزنى قانداق قازىمىز؟ بۇلار ئېيتىلىشقا ئاسان بولغىنى بىلەن، ئادەمنى گاڭگىرىتىدىغان، ۋەزنى ئېغىر سوئاللاردۇر. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە جاپالىق سىناقلارنى ئۆز ھاياتىدا تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئىزدىنىشچان ياشنىڭ چەت ئەل ۋە يۇرتىمىزدىكى ئۆزىنى ئىزدەش سەپىرىدە ھېس قىلغان، ئويلىغان خاتىرىلىرىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدۇر. كىتابنىڭ قۇرلىرىدىن يېڭى ئۇچۇر، يېڭى پىكىر خۇرۇچلىرى ۋە تىنىم تاپماس بىر روھنىڭ ئىزنالىرى بايقىلىپ تۇرىدۇ. كىتابنى ۋاراقلىغىنىڭىزدا، ئىنسان كۈچىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنى قېزىش، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئادەمنى نۇرانە مەنزىللەرگە باشلايدىغان روھىي مۇساپە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىسىز. ئاپتور ئاشۇ بىر قاتار ھېس- تۇيغۇلىرىنى، پىكىرلىرىنى سىزگە يېقىن بىر جايدا شىۋىرلاپ ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك، يىراقلاردا تۇرۇپ ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن غايىبانە پىچىرلىشىۋاتقاندەك بىر تەرىزدە، يەڭگىل ئۇسلۇبتا قەلەمگە ئالىدۇ.
ئاپتور كىتابىدا ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايان قىلغان بولۇپ، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، ئەخلاقشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق، پسىخولوگىيە پەنلىرىنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ياشاش ئەندىزىمىز، مۇرەككەپ جەمئىيەت قوينىدىكى روھىي ھالىتىمىز، جەمئىيىتىمىزدىكى شەھەرلىشىش، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە يېڭىچە بىر مېتودتا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. بىز جاۋابىنى ئىزدەۋاتقان خىلمۇخىل نۇقتىلار ھەققىدىكى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان تەلقىنلىق بايانلىرى ئارقىلىق بىزگە بىر قېتىملىق ئىدىيە يېڭىلاش، قاسراق تاشلاش، ئۆزىمىزنى تونۇش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. كىتاب نوقۇل ھالدا مەلۇم ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى تۇتقا قىلىپ يېزىلمىغان بولغاچقا، كەڭ ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنىڭ ــ ئىلىم تەتقىقاتچىلىرىنىڭ، ھەرقايسى قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئويلاۋاتقان ياكى تىل ئۆگىنىۋاتقان ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ، ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىتابخان بىر قېتىملىق ئۆزىنى يېڭىلاش ۋە تەپەككۇرنى قوزغىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.

توردىن ئاڭلامسىز: «ئاڭلاش»نى بېسىڭ.
1-قىسىم : ئاڭلاش
2-قىسىم : ئاڭلاش
3-قىسىم : ئاڭلاش
4-قىسىم : ئاڭلاش
5-قىسىم : ئاڭلاش
6-قىسىم : ئاڭلاش
7-قىسىم : ئاڭلاش
8-قىسىم : ئاڭلاش
9-قىسىم : ئاڭلاش
10-قىسىم : ئاڭلاش
11-قىسىم : ئاڭلاش
12-قىسىم : ئاڭلاش
13-قىسىم : ئاڭلاش
14-قىسىم : ئاڭلاش
15-قىسىم : ئاڭلاش
16-قىسىم : ئاڭلاش
17-قىسىم : ئاڭلاش
18-قىسىم : ئاڭلاش
19-قىسىم : ئاڭلاش
20-قىسىم : ئاڭلاش
21-قىسىم : ئاڭلاش

چۈشۈرۈش مەنزىلى1:   http://url.cn/OY6PsT
چۈشۈرۈش مەنزىلى2:     链接: http://pan.baidu.com/s/1bnvmvLX 密码: w389

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-2 15:30:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادىرىسى قېنى ؟ مەن كۈرەلمىدىممۇ

باھا سۆز

ياخشى بىر قاراپ بېقىڭ.  ۋاقتى: 2014-6-4 18:08
ياخشى بىر قاراپ بېقىڭ.  ۋاقتى: 2014-6-4 18:08
ياخشى بىر قاراپ بېقىڭ.  ۋاقتى: 2014-6-4 18:08
ياخشى بىر قاراپ بېقىڭ.  ۋاقتى: 2014-6-4 18:08
ۋاقتى: 2014-6-3 16:58:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادرىسى خاتامۇ نېمە؟

باھا سۆز

ئەمدى قاراڭ  ۋاقتى: 2014-6-4 18:09
ۋاقتى: 2014-6-8 10:42:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋارچىلىك كۆرمەي چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قايتا بىر تەھرىرىلەپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن.تازا ياخشى ئۇلىنالمۋاتىدۇ
ۋاقتى: 2014-6-8 11:18:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۋالدىم سىزگە كۆپ رەھمەت بۇلاقجان
ۋاقتى: 2015-9-16 15:17:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بابۇر0725        قانداق چۇشۇردىڭىز ؟ 1614991543    كە يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز . . .   رەخمەت
ۋاقتى: 2015-12-11 22:14:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بابۇر0725        قانداق چۇشۇردىڭىز ؟ 37601200    كە يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز . . .   رەخمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش