| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 15292800052 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 14:40
يېقىندىن بېرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ۋە بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىھتىياجى كىشىلەرنى كومپيۇتېر سېتىۋېلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇرۇن كومپيۇتېر سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان ياكى بىۋاستە كومپيۇتېر سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ باقمىغان بولغاچقا كومپيۇتېر بازىرىدا نائەھلى سودىگەرلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ ئاچچىق يۇتۇپ قېلىۋاتىدۇ. كومپيۇتير سەپلىمىسىنىڭ ۋە ئىقتىدارلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى كومپيۇتېر بازىرىدا چوڭ يۇچۇق پەيدا قىلىپ سېتىۋالغۇچى بىلەن ساتقۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەزى ناتوغرا سودا ئىستىللىرىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بۇرۇن كومپيۇتېر سېتىۋېلىپ باقمىغان خېرىدار يانچۇققا پۇلنى قاچىلاپ كوميۇتېر بازىرىدا يۈرگەندە مەككار سودىگەرلەرنىڭ سىيلىق -سىپايە ھالدا ئاجايىپ يېقىنچىلىق بىلەن يول كورسىتىپ كىتىشلىرىنى كۆرۈپ ئېزىقىپ كىتىپ ئاخىرىدا خەجلىگەن پۇلىغا چۇشلۇق كومپيۇتېر سېتىۋالالمىسا بەرىبىر زىيان تارتقان بولىدۇ. : ئۆتكەندە بىر ئادەمنىڭ كومپيۇتېرىنى ئوڭشايدىغان بولۇپ قالدىم . كومپيۇتېرنىڭ قېپىنى ئېچىپ كۆرۈۋاتسام كومپيۇتېرنىڭ ئىگىسى كومپيۇتېرنى باھالاپ بېقىشىمنى ئېيتتى. ئۇ ئادەمنىڭ كومپيۇتېر سېتىۋالغان ۋاختىدىكى باھا بويىچە ھىساپلىسام 2500 يۇەن ئەتراپىدا بولاتتى. شۇ باھانى دىسەم ئۇ ئادەم شۇ ھامانلا تاتىرىپ، كومپيۇتېر بازىرىدىكى مەن تۇنۇيدىغان بىر بالىنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپلا كەتتى. كىيىن ئۇقسام ئۇ ئادەم ھېلىقى 2500 يۈەنلىك كومپيۇتېرنى 4300 يۇەنگە سېتىۋالغان ئىكەن. دىمەك ساتقۇچى تەرەپ خېرىداردىن كەم بولغندىمۇ 1800 يۈەن پايدا ئالغان. ھازىرقى كومپيۇتېر بازىرىدا 1800 يۇەن ئەمەس قورقماي 300 يۇەن پايدىسىغا كومپيۇتېر ساتالمايۋاتقان بۇ زاماندا كىچىككىنە بىر كومپيۇتېردىن 1800 يۇەن پايدا ئېلىش تولىمۇ ئىنساپسىزلىق قىلغانلىق. بۇ ئىش كاللامغا بەكلا تەسىر قىلىپ كەتكەچكە بۇ ھەقتە تەپسىلى بىر نەرسە يېزىش خىيالىم بار ئىدى . ئارىمىزدىكى كومپيۇتېر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياكى كومپيۇتېر سېتىۋېلىش خىيالىدا بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سودىدا ئالدىنىپ كىتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كومپيۇتېر سېتىۋېلىش جەريانىدىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى تەپسىلى تۇنۇشتۇرىمەن. كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىتاللىرى، تىپى ۋە ماركىلىرى بىلەن تۇنۇشتۇرىمەن. شۇڭا تېما ئۇزىراپ كىتىشى مۇمكىن. ئالدى بىلەن كومپيۇتېرنى نىمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاڭ. كومپيۇتېر ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ئىھتىياجىڭىز بولمىسا ،كومپيۇتېرنى يېڭىدىن ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز بەك يۇقىرى سەپلىمىلىك كومپيۇتېر سېتىۋالماڭ. كومپيۇتېرى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن كىتىدىغان ۋاقىتنى بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە دەپ ھىساپلاپ ئاشۇنچىلىك ئۆمرى بار كومپيۇتېرىنى بىرنى سېتىۋېلىپ تۇرۇپ كىيىن كومپيۇتېرغا نىسبەتەن تونۇشىڭىز چوڭقۇرلاشقاندا، ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىھتىياجىڭىزنى توغرا تاللاپ بولغاندا شۇ دەۋىردىكى ئەڭ ياخشى كومپيۇتېردىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئەسلىدىكى كومپيۇتېرنى قوشۇمچە ئورنىدا ئىشلەتسىڭىزمۇ ياكى ئېلىشىغا سېتىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىھتىياجىڭىزنى توغرا بەلگىلىمەي تۇرۇپ يۇقىرى سەپلىمىلىك كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىز بىرىنچىدىن پۇلنى ئىسراپ قىلغان بولىسىز، ئىككىنچىدىن سىز كومپيۇتېرنى ئۈگىنىپ مەلۇم سەپلىمىگە ئىھتىياجىڭىز چۈشكەندە ئۇ كومپيۇتېر كونىراپ ئىھتىياجىڭىزدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. يەنىلا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ، ئۈچىنچىدىن يۇقىرى سەپلىمىلىك كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق توك سەرپىياتى بولىدۇ. كومپيۇتېرنى ئېچىۋېلىپ كەچكىچە خەت بېسىشنى مەشىق قىلسىڭىز ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئىسسىتىۋەتكەندىن باشقا يەنە توك پۇلىدىنمۇ زىيان تارتىسىز.شۇڭا كومپيۇتېر سېتىۋېلىشتا ئالدى بىلەن كومپيۇتېرنىڭ نىمىگە ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىلىق نىشان بولىشى كېرەك. كومپيۇتېرنى نىمە ئۈچۈن سېتىۋالىسىز؟_1. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بىجىرىش ئۈچۈن . ماقالە تەييارلاش ئۈچۈن. .ئويۇن ئويناش ئۈچۈن. كۆڭۈل خوشى قىلىپ، تورغا چىقىش ئۈچۈن.4. كەسپى ئىشلار ئۈچۈن. فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن، پىروگرامما لاھىيلەش ئۈچۈن. . ھەممە خەخنىڭ ئۆيىدە كومپيۇتېر بار ئىكەن. بىزنىڭكىدە بولمىسا سەت تۇرىدۇ. بۇ بەش خىل جاۋاپنىڭ بىرىنچى، ئۈچىنچى، بەشىنچى تۈرلىرىنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ كومپيۇتېر سېتىۋالماقچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋېلىڭ. كومپيۇتېرنى تاللىغاندا باھاسى ئەرزان، سىرىتقى قېپى چىرايلىقىنى تاللاپ سېتىۋېلىڭ. سەۋەبى: ماركىلىق كومپيۇتېرلارنىڭ ئۈچ يىلغىچە ھەقسىز قىلىپ بىرىدىغان مۇلازىمەتلىرى بولىدۇ. (بەزى مۇلازىمەتلەر ئۈچۈن ئايرىم پۇل قوشۇپ بىرىسىز. شۇڭا سېتىۋېلىشتىن ئاۋال قانداق مۇلازىمەتلىرى بارلىقىنى، قايسسى ھەقلىق، قايسسى ھەقسىز ئېنىق سوراپ ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىڭ) ئۇلار ھەتتا ئۈچ يىلغىچە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سېستىمىسى بۇزۇلۇپ قالسىمۇ ئۆيىڭىزگە كېلىپ ئۆزلىرى ئوڭشاپ بېرىپ كىتىدۇ. بۇزۇلۇپ قالسا ئوڭشىتىمەن دەپ پۇل خەجلەپ يۈرمەيسىز.ئۈچ يىلغىچە كومپيۇتېرىغا بولغان تۇنىشىڭىزمۇ يۇقىرىلاپ خېلى جىق بىلىملەرنى بىلىپ قالىسىز. ' ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى جاۋاپ ئۈچۈن ماركىلىق كومپيۇتېرنى سېتىۋالسىڭىز ئىھتىياجىڭىزغا لايىق كەلگۈدەك كومپيۇتېرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن جىق پۇل خەجلەپ كىتىسىز. ئەڭ ياخىشىسى كومپيۇتېر بازىرىغا بېرىپ ئالدىرىماي بازار كۆرۈپ سەپلىمە كومپيۇتېر سېتىۋېلىڭ. . 2 كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا ئاساسى تاختىنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئاساسى تاختا كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەپلا قالماي يەنە كومپيۇتېرنىڭ باھاسىنىمۇ بەلگىلەيدۇ.شۇڭا ئاساسى تاختا توغرىلىق كۆپرەك توختىلىپ ئۆتىمىز بىز كۆپ ئۇچرىتىۋاتقان ئاساسىي تاختىلار باھاسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئاددىي نۇسخىسى(精简版)،ئۆلچەملىك نۇسخىسى (标准版)،كەسپى نۇسخىسى(专业版)، ئالى نۇسخىسى(豪华版)ۋە مۇلازىمېتىر نۇسخىسى(服务器版)دىگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىنى ئاددىي نۇسخىسى بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسەن كورسىتىش كارتىسى ئاساسىي تاختىغا توپلاشتۇرىۋىتىلگەن بولىدۇ.ئىقتىدارلىرى زور دەرجىدە ئىخچاملاشتۇرۇلۇپ ياسىلىدۇ. بۇنداق تاختىلاردىن ئىنتىل ئۆزەكلىك تاختىلارنى مىسالغا ئالساق 845GL,845GV,915GL,925GPL,945GL,945GZ,945GS...... ئىشقىلىپ تىپى G xxx بولغان تاختىلار دەل ئىقتىدارى ئىخچاملاشتۇرۇلغان، باھاسى ئەرزان تاختىلاردۇر. بۇ خىلدىكى ئاساسى تاختىنى ئىشلىتىپ كومپيۇتېر قۇراشتۇرغاندا كۆرسىتىش كارتىسى ۋە شۇنىڭدەك قوشۇمچە زاپچاسلارنى سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى بولمىغاچقا كومپيۇتېرنىڭ باھاسى بىز پەرەز قىلغان باھادىن 300-400 يۇەن ئەتراپىدا چۈشىدۇ. لېكىن بۇنداق كومپيۇتېرلاردا پەقەت ئىشخانا ئىشلىرىنى قىلىش، تورغا چىقىش، ۋە كىچىك ئۇيۇنلارنى ئويناش دىگەندەك ئاساسى مەشغۇلاتقىلا ماس كېلىدۇ. كەسپى ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. ئۆلچەملىك نۇسخىسى.(标准版) بۇ خىل نۇسخىدىمۇ ئاساسى تاختا خېلىلا ئىخچاملاشتۇرۇلغان. ئەمما AGP,USB,LAN ئېغىزلىرىنىڭ تىزلىكى ئۆلچەمگە چۈشىدۇ. بۇنىڭ ئاساسى تاختىسىمۇ كىچىك بولغاچقا PCI ئېغىزى ئاز، لېكىن ئىقتىدارى ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدۇ. 3.،كەسپى نۇسخىسى بۇ نۇسخىدىكى ئاساسى تاختا بازاردا ئەڭ كۆپ سېتىلىۋاتقان بولۇپ، ھەر قايسى ئېغىزلىرىنىڭ سۈرئىتى تولۇق. ئاساسى تاختىنىڭ ئىقتىدارى ئىخچاملاشتۇرۇلمىغان. بەزى داڭلىق ماركىلىق تاختىلارنىڭ ئۆزىدىلا RAID ئىقتىدارى سەپلەنگەن.(لېكىن بۇنداقلىرى ئاز ئۇچرايدۇ) ھېچقانداق يۇمشاق دىتالنى يەكلىمەيدۇ. قاتتىق دىتاللار بىلەن تولۇق ماسلىشالايدۇ. پەقەت كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا سۈپەتلىك مالنى سېتىۋېلىپ باشقا زاپچاسلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ سەپلىسىڭىزلا (باشقا زاپچاسلار دىگىنىمىز-مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ دىگەندەك زاپچاسلارنى كورسىتىدۇ.) كومپيۇتېرنىڭ ئىشلەش سۈرئىتى ۋە ئىقتىدارى سىزنى تولۇق رازى قىلىدۇ. باھاسىمۇ مۇۋاپىق.. . ئالى نۇسخىسى بۇ خىل نۇسخىسىدا ئاساسى تاختىنىڭ ماتىرىيالىغا قويغان تەلەپ يۇقىرى بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرغان كوندىساتۇر ۋە ئۆتكۈزگۈچلەرگە سۈپەتلىك ماتىرىياللار ئىشلىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاساسى تاختىنىڭ مۇقىملىقى ۋە چىدامچانلىقى ئاشۇرۇلغان. ئاساسى تاختا ئىسسىقلىق ۋە زەرەتنى ياخشى تارقىتالماسلىق سەۋەبىدىن كومپيۇتېرنىڭ خىزمەت سۈرئىتى ئاستىلاپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ. لېكىن بۇخىل ئاساسىي تاختىنىڭ باھاسى خېلىلا قىممەت. بىر تال ئاساسى تاختىنىڭ پۇلىغا ئەرزانراق كومپيۇتېردىن بىرنى قۇراشتۇرغىلى بولىدۇ. 5.مۇلازىمېتىر نۇسخىسى بۇ خىلدىكى ئاساسى تاختىلار مەخسۇس مۇلازىمىتىر ئۈچۈن لاھىيلەنگەن بولغاچقا كومپيۇتېرنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارىنى شىمالى كۆۋرۈك ئۆزىكى تەرەپكە مەركەزلەشتۈرگەن. تور كارتىسىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىنى ئايرىۋەتكەن.(WAN,LAN دەپ ئىككى تور كارتىسى بار) كۆرسىتىش كارتىسى ئۆزىگە سەپلەنگەن بولۇپ كۆرسىتىش سىغىمى نىسبەتەن كىچىك. بۇ خىلدىكى كومپيۇتېرنى پەقەت مۇلازىمىتىر قىلىپ سەپلەپ كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ ئىكراننى ئۆچۈرۈپ بىر چەتكە تاشلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئويۇن ئويناش، فىلىم ئىشلەش، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىملەرنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. ھەر خىل ئاساسى تاختىلارنىڭ ئىشلىتىدىغان ئۆزەكلەر گورۇپپىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ھازىرچە ئۆزەكلەر گورۇپپىسى ئىشلەپچىقىرالايدىغان شىركەتلەردىن INTEL (ئامىرىكا)، VIA (تەيۋەن)، SiS (تەيۋەن)، ULI(تەيۋەن)، Ali(تەيۋەن)، AMD(ئامىرىكا)، NVIDIA (ئامىرىكا)، ATI (كانادا، كىيىن AMD سېتىۋالغان)، ServerWorks (ئامىرىكا)، IBM (ئامىرىكا)، HP (ئامىرىكا) قاتارلىق بىر قانچىسىلا بار. بۇنىڭ ئىچىدە بازاردا كۆپ ئۇچرايدىغىنى INTEL ، NVIDIA،VIA ۋە SIS لار . 6 ئۆزەكلەر گورۇپپىسى دىگەن نىمە؟ ئۆزەكلەر گورۇپپىسى -ئاساسى تاختىنىڭ توك يۇلىنى تەشكىللىگۈچى يادرو. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئاساسى تاختىنىڭ دەرجىسى ۋە سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئاساسى تاختىدىكى شىمالى كۆۋرۈك ۋە جەنۇبى كۆۋرۈكنىڭ ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى. يەنى ئىلگىركى مۇرەككەپ توك يوللىرى ۋە زاپچاسلىرىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە بىر قانچە ئۆزەك ئىچىگە توپلاشتۇرغان گورۇپپىدۇر ئەگەر مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى كومپيۇتېرنىڭ چوڭ مىڭىسى دەپ قارىساق ئۇنداقتا ئۆزەكلەر گورۇپپىسىنى كومپيۇتېرنىڭ يۈرىكى دىيىشكە بولىدۇ. كومپيۇتېر ساھەسىدىكىلەر ئۆزەكلەر گورۇپپىسىنى لاھىيىلىگۈچىلەرنى Core Logic دەپ ئاتايدۇ. Core نىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى-يادرو، يەنى مەركەز. بۇ خەتنىڭ مەنىسىدىنلا بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئاساسى تاختا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزەكلەر گورۇپپىسى ئاساسى تاختىنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداقلا كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆزەكلەر گورۇپپىسى ئاساسى تاختىنىڭ جېنى. ئۆزەكلەر گورۇپپىسىنىڭ ئىقتىدارنىڭ ياخشى -يامانلىقى ئاساسى تاختا ئىقتىدارىنىڭ ياخشى يامانلىقى ۋە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ھازىرقى CPU لارنىڭ تۈرى ۋە تىپى كۆپ، ئىقتىدار ۋە ئالاھىدىلىكلىرى بىر خىل ئەمەس. ئەگەر ئۆزەكلەر گورۇپپىسى CPU بىلەن ماسلىشىپ خىزمەت قىلمىسا پۈتۈن كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەتتا كومپيۇتېرمۇ نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ. شۇڭا CPU بىلەن ئۆزەكلەر گورۇپپىسىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوخشىمىغان دەرجىدىكى ئۆزەكلەر گورۇپپىسىغا ئوخشىمىغان شەكىلدىكى CPU ئىشلىتىلىدۇ. (مەسىلەن P3 CPU نى 865 تىپلىق ئۆزەكلەر گورۇپپىسىغا سالغىلى بولمايدۇ.) گورۇپپىسى ۋە كومپييۇتېرنىڭ ئىقتىدارى:ئاساسى تاختا ئۆزەكلەر گورۇپپىسى ئاساسى تاختىنىڭ بارلىق ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ .بۇنىڭ ئىچىدە CPU نىڭ تىپى ئاساسى تاختىنىڭ باش سىم چاستوتىسى، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ تىپى، سىغىمى ۋە ئىقتىدارى، كۆرسىتىش كارتىسى ئوقۇرىنىڭ ئۆلچىمى بولسا ئۆزەكلەر گورۇپپىسىنىڭ شىمالى كۆۋرۈك ئۆزىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. باشقا PCI ئوقۇرلىرىنىڭ تۈرى ۋە سانى ، باشقا ئېغىزلارنىڭ تۈرى ۋە سانى (مەسىلەن:USB2.0/1.1,IEEE1394، قاتتىق دىسكىنىڭ ئېغىزى، خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ VGA چىقىرىش ئېغىزى) لار جەنۇبى كۆۋرۈك تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يەنە ئۆزەكلەر گورۇپپىسى ئۆچ كۆرۈنۈشلۈك ئۈنۈم تىزلەتكۈچى ۋە ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئاۋاز كودىنى يىشىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا كومپيۇتېرنىڭ كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە ئاۋاز چىقىرىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ.
|
|