كۆرۈش: 1217|ئىنكاس: 3

باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2013--2014ئوقۇش يىلى يىللىق خىزمەت پىلانى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شەھەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2013--2014ئوقۇش يىلى يىللىق خىزمەت پىلانى

1. سىياسى-  ئىددىۋى تەربىيە خىزمىتى جەھەتتە:
1) ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا ھەپتىدە 4سائەتتىن  سىياسى نەزىريە ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىپ،ئۈگۈنۈش ئارقىلىق ماركسىزىم لېننىزىم، ماۋزىدۇڭ ئىددىيسى، دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيەسى، 3كە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىددىيسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 18- قۇرۇلتاي روھى ،  قورامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان ئىددىۋى- سىياسى تەربىيە ئوقۇشلىقى، ۋەزىيەت تەربىيسى،بۆلگىنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش تەربىيەسى،   بىخەتەرلىك تەربىيسى، مائارىپقا ئالاقىدار قانۇن- نىزاملار، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئلېىش قانۇنى، مىللەتلەر ئتىپاقلىقى بىلىملىرى 5قاراش تەربىيسى، ئاتىزىم تەربىيسى بىلىملىرى، ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى، قانۇنسىز دىننى پائالىيەتنىڭ 26 تۈرلۈك ئىپادىسى،  ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى، ھەركەت ئۆلچىمى قاتارلىق مەزمۇنلارنى  ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەپ مەكتىۋىمىزدىكى خادىملارنىڭ سىياسى نەزىريە سەۋىيىسى،سىياسى سەزگۈرلىكى ، پەرىق ئتىش ئىقتدارىنى ئۆستۈردۇق .
2)  بايراق چىقىرىش مۇراسىمى،مۇنبەر پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزىم ۋە كوممۇنىستىك ئەخلاق غايە تەربىيسى، مۇقۇملۇق، بىخەتەرلىك، ئىتتىپاقلىق، قانۇن- تۈزۈم تەربىيىسىنى كۇچايتتۇق.
3)  نۇتۇق  سۆزلەش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئائىلە زىيارىتى قىلىش ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۇلارنىڭ تېگى تەكتىنى ئېنىقلاش نۇقتىلىق ئائىللەر، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سىياسى ئىددىۋى تەربىيىنىڭ قاراتمىلىقىنى كۇچايتىپ، دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق.
5) سىياسى بۆلۈمنىڭ يېتەكچىلىكىدە «قانداق قىلغاندا دىننىڭ مائارىپقا سىڭىپ كىرىشىنى چەكلىگىلى بولىدۇ؟» دىگەن تىمىلاردا مۇھاكىمە ۋە سۆھبەت  ئېلىپ بېرىپ ساقلانغان مەسىللەرنى تۈزىتىپ مەكتىۋىمىزنى سىڭىپ كىرىشكە بۆلگۈنچىلىككە قارشى مۇستەككەم بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشتۇق.
6) ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىللىرى ئۆزى بېرىۋاتقان دەرىسكە بىرلەشتۈرۈگەن ئاساستا «3نى قوغداپ، 2گە قارشى تۇرۇش» تەربىيسىنى كۈچەيتتۇق .  سىنىپ يىغىنى ۋە سىياسى تەربىيە ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپكە تولۇق كېلىش، سەۋەپسىز دەرىس تاشلىماسلىق، ئۆتۈلگەن دەرسىلەرنى قېتىرقىنىپ ئاڭلاش تولۇق كونسىپىك قالدۇرۇش، تاپشۇرۇقنى ئەستايدىىل ئىشلەش، دەرسىلەرنى ياخشى ئۈگۈنۈپ ئوقۇش قوراللىرىنى ۋە ئومۇمنىڭ مال- مۈلۈكىنى ئاسراش ياخشى تازلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، سۆز- ھەركەتتە ئەدەپلىك سەمىمى بولۇش، قانۇن- تۈزۈمگە رىئايە قىلىش، مىللەتلەر ئتىپاقلىقى ۋە ئۆز- ئارا ئىتتىپاقلىقنى قوغداش، چوڭلارنى، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، دىننى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، يەر ئاستى دىننى ئوقۇتۇش نۇقتىسدا ئوقۇماسلىق، دىننى تۈس ئالغان كىيىم- كېچەكلەرنى كەيمەسلىك، توغرىسدا تەربىيە كۇچايتىلدى. بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلار ئالاھىدە ئۈلگە بولدى.
8) قەرەرلىك ھالدا ئەدەبىي- سەنئەت،تەنتەربىيە پىئونىرلار پائالىتى ۋە كۇرجىك پائالىيتى زىھىن سىناش، نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرى  ئارقىلىق ئەخلاقى تەربىيە مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، ساغلام بولغان تەربىيلەش مۇھىيتى يارتتۇق.بۇيىل ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدە ۋىلايەتنىڭ تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشتۇق.
2. پارتىيە ئسىتىلى پاكلىق قۇرلۇشى خىزمىتى جەھەتتە:
1) پارتىيە ياچايكىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش، سىياسەت بەلگۈلەش، يول كۆرسىتىش رولىدىن تولۇق پايدىلنىپ، پايدىلنىشقا بولدىغان ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، تۈرلۈك قائىدە تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆزگەرتىپ، شاللاشقا تېگىشلىكلىرىنى شاللاپ، قائىدە تۈزۈملەرنىڭ پىشاڭلىق رولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،مەكتەپنى قانۇن تۈزۈم ئارقىلىق دىمىگىراتىك باشقۇرۇش،ئىلمى باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.         2) ياچايكىنىڭ نازارەت قىلىش، چەكلەش رولىدىن پايدىلنىپ ئىشچى- خىزمەتچىلەردىكى بولۇپمۇ رەھبىرى كادىرلاردىكى بىئوكىراتلىق، لىبىرالىزىملىق ئىددىيە ئېقىمىنىڭ تەسىرنى تۈگىتىپ ، ئامما ئىچىدىكى قىززىق نۇقتا قىين نۇقتا مەسىللەرنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىمىزنى مۇلازىمەت  ئېڭىمىزنى ياخشىلاپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك خېيىم- خەتەر ۋە ئەرىز شىكايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.
3) پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلەش ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، پارتىيگە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش، جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ پارتىيەنىڭ يېتەكلەش، باشقۇرۇش، تەربىيلەش رولىنى جارى قىلدۇردۇق.
4) پارتىيە ياچايكىسىنىڭ تۈرلۈك تەشكىلى تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى جانلىق قانات يايدۇرۇپ، ياچايكا ھەيئەتلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى كونكىرىتلاشتۇرۇپ، ئاممىغا باشلامچىلىك قىلىش جەريانىدا پارتىيەنىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرش، پاك- دىيانەتلىك بولۇش، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرلۇشىنى قانات يايدۇرۇش، ئىش بېجىرگەندە ئادىل- سەمىمى بولۇش، جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
5) ھەپتىدە  بىر قېتىم پارتىيە ئەزالىرى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۈگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، كونسۇلتاتسىيە قىلىش، تەسىرات سۆزلەش مەخسۇس تىمىدا مۇنبەر پائالىيتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۈگەنگەنلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رىئال ئەمىلىيتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان مەسىللەرگە تەدبىقلاپ، سىياسى ئۈگىنىشنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تۈرىتكىلىك رولىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
3. ئەخلاق- تەربىيە خىزمىتى جەھەتتە:
1) ئوقۇتقۇچىلار ئۆلگە بولۇپ سۆز ھەركەتتە، كىينىشتە تەشكىلى تۈزۈم، مۇقۇملۇق، بىخەتەرلىك، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىتتپاقلىق جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇش، ئوقۇغۇچىلار بار سورۇندا تاماكا چەكمەسلىك،كەسپى ئەخلاق كەسپى ئىستىلغا رىئايە قىلىش ئوقۇتقۇچىلارغا خاس كىيىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.  
2) مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى، ئوقۇتقۇچى، سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئائىلە باشلىقلىرى، كەنىت پارتىيە ياچايكىسى بىلەن مۇقۇملۇق، بىخەتەرلىك جەھەتتە توختام ئىمزالاپ ھەممە تەرەپ ئورتاق باشقۇردىغان تەڭ تۇتىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ مەسىلە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.
3) بىر قىسىم ئىددىيە -ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيە ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ جەمىيەت ئائىلە ۋە ئىژتىمائى رايۇنلار،يىزا كەنىتلەربىلەن ھەمكارلىشىپ،ئالدىنى ئىلىش، ياخشىلاش ،ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى پۇختا ئەتراپلىق ئىشلىدۇق.
4) بىخەتەر مەدەنىيەتلىك مەكتەپ بەرپا قلىش ئۈچۈن  بىخەتەرلىك موقۇملۇق قانۇن- تۈزۈم، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيىسى،مۇھىتنى ئاسراش، ۋەتەننى سۆيۈش قاتارلىق تىمىلاردىكى پائالىيەتلەرنى كەڭ تۈردە قانات يايدۇرۇپ،ياخشىلاش بىلەن ئاسراشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتلىك سىنپ، ئىشخانا، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، ئۆلچەمگە يىتىش نىسبىتىنى يۇقۇرى كۆتەردۇق.
5) ئەخلاقى تەربىيەنى دەرىسخانىغا سىڭدۈرۈپ ھەر ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن-تۈزۈم، مۇقۇملۇق، بىخەتەرلىك ئىتتىپاقلىق، تەشكىلى تۈزۈم، ئەدەپلىك، سەمىمى بولۇش، ئومۇمنىڭ مۈلۈكىنى ئوقۇتۇش قوراللىرىنى ئاسراش، ئاممىۋى سورۇن تەرتىپىگە رىئايە قىلىش، قالايمىقان قوغلاشماسلىق، تىللاشماسلىق، جىدەل- ماجرا قىلماسلىق، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، قىمار ئوينىمسلىق، ئوغۇرلۇق قىلماسلىق، تېپىۋالغان نەرسىلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشش ياخشى ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى ياخشى ئۈگۈنۈش، دىننى پائالىيەتكە قاتناشماسلىق، ياخشى ئادەم بولۇش توغرىسىدىكى تەربيەنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇق.  
4. ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتى جەھەتتە:
1) مەكتىپىمىزدە ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىگە  رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى  ئەزالىرى قەرەرلىك ھالدائوقۇتۇش خىزمىتىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپ، دەرىسخانا ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ،  ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىشنىڭ يېڭى پىكىر يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتىرلىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.
2) ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈرەت پىلانىنى تۈزىشكە بولغان تەلەپ كۈچەيتىلدى. ھەر قايسى پەن ۋە  يىللىقلاردىن بىلىم تەجىربىسى ۋە ئوقۇتۇش ئىقتىدارى يۇقۇرى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ پەنلەر ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەپ،ئوقۇتۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش ئىختىدارىمىزنى يۇقۇرى كۆتەردۇق.
3) تۈرلۈك تەتقىقات پائالىيەتلىرى ئوقۇتۇش كۆرەكلىرى ،تەكشۈرشپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق دەرىسخانائوقۇتىشىداساقلانغان مەسىللەرنى ۋاختىدا ھەل قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىلەش بىلەن چىنىقتۇرۇشنى بىر گەۋدە قىلغان مەكتەپ دەرىجىلىك تەربىلەشنى كۇچايتىپ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرلىشىگە شارائىت ياراتتۇق.
4) قەرەرلىك ھالدا ئىمتاھان ئىلىش دەرىسخانا ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش،تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئۈنۈملۈك بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلى،ئىش ئۈنۈم پۇلىغا چىتىشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى،رىقابەت ئىڭى، ئىزدىنىش ئىڭىغا ئىلھام بىرىلدى.
5) دەرىس تەييارلىقى ۋە ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا ئەھمىيەت بىرىپ،باھالاش تەكشۈرۈپ تەسدىقلاش،ئەمىللەشتۈرۈش ئۆتكەللىرىنى نازارەت قىلىپ ئوقۇتۇشقا چۆكۈش،قىتىرقىنىپ ئەستايىدىل بولۇش،خەلىق رازى بولغۇدەك ئوقۇتقۇچى بولۇش تەلەپ قىلىندى.
4) ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ مەكتىۋىمىزدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى تولۇقسىزغا ئۆتۈش نىسبىتى ناھىيە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ 12 ئوقۇغۇچى ئۆتتى.3- ئوتتۇردىكى نوختىلىق سىنىپقا كىرىش نىسپىتىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.مەكتەپنىڭ ھەرقايسى پەنلەردىكى ئوقۇتۇش نەتىجىسى ئالدىنقى ئوقۇش يىلى بەلگۈلىگەن سۈپەت كۆرسەتكۈچىدىن قوش تىل ماتىماتىكا%5 ئىشىپ%83.66 گە يەتتى   ،ئادەتتىكى سىنىپلارنىڭ ماتىماتىكىسى %1 ئىشىپ %75.68گە يەتتى ،كوش تىل سىنىپىنىڭ ئەدەبىيات%11 ئىشىپ %84گە يەتتى،ئادەتتىكى سىنىپ نىڭ ئەدەبىياتى %4 ئىشىپ%78.75گە يەتتى.قوش تىەل سىنىپىنىڭ خەنزۇ تىلى% 2.54 ئىشىپ %72.54  گە يەتتى،قالدى پەنلەرنىڭ ئوتتۇرچە نەتىجىسى%3 ئىشىپ%71.8گە يەتتى.ئومۇمەن قىلىپ ئىيتقاندا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش نەتىجىسى بەلگۈلۈك دەرىجىدە     يۇقۇرى كۆتىرىلدى.ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلار تۈگۈتۈلدى.
5.  تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىتقسىادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش جەھەتتە:
مالىيە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتپىمىزدە بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلنىپ مەكتەپنىڭ كىرىم مەنبەسىنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تىجەپ مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس ئورۇنغا خەجلەش،ئاشكارە ئادىل ،سەمىمى بولۇش ،مالىيە باشقۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى نازارەتقىلىش، ئىشقا ئاشۇرۇلدى.مەكتەپ مالىيەسىنى ئوقۇتۇش ،تەلىم-تەربىيە خىزمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ ئوقۇتۇش شارائىتى ،مەكتەپ شارائىتى، مۇھىيىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.
ساقلانغان مەسىلە
بىريىللىق خىزمەتلىرىمىزنى بىرنىڭ ئىككىگە بۆلىنىشى بويىچە تەھلىل قىلغىنىمىزدا نەتىجە ئاساسى ئورۇندا تۇرسىمۇ يەنىلا بىرقىسىم مەسىلىلەر ساقلاندى .
1) ئىدىيە ئەخلاق بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەن بولساقمۇ يوشۇرۇن خەۋىپ يەنىلا مەۋجۇت ئۆتكەن يىل مەكتىۋىمىزدە كىچىك تىپتىكى ئوت ئاپىتى يۈزبەردى،بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار جىرگەنلىككە سەلقاراپ ئىش ئورنىدا تۇرمىدى مەكتىۋىمىزدە ئەخلاقسىز ئوقۇغۇچىلار تۈگۈمىدى يەنىلا قىسمەن خىيىم - خەتەر مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.سۇ توكنى ئاسراش،ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش يىتەرلىك بولمىدى.
2) ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يەۋاتقان ئاشلىقنى ئىسراپ قىلىۋاتقان  ئومۇمنىڭ مال مۈلكىنى بۇزىۋاتقان ،تازىلىققا ساغلاملىققا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
3)ئايرىمساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئاددى ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى قوپال،ئىشنى ۋاختىدا قىلماسلىق،تەكشۈرۈشتىن قىچىش خوجا كۆردىلىك،ساختاپەزلىك قىلىپ جان بىقىش كويىغا كىرىۋىلىش،ناچار ئىش ھەركەتلەرنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ توسماسلىق،مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى.
4)  سىنىپ يىتىشمەسلىك ،قوشتىل ئوقۇتقۇچىسى يىتىشمەسلىك،خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى يىتىشمەسلىك قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئايرىم سىنىپ،ئايرىم پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش نەتىجىسى تۆۋەن نەتىجىدە ئادەتتىكى سىنىپلارنىڭ خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش نەتىجىسى ئەسلىدىكى %40.6دىن تۆۋەنلەپ %28.8 گە چۈشۈپ قالدى.
5) مەكتىۋىمىزگە ئىلغار بولغان ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى بىرقەدەر تولۇق سەپلەنگەن بولسىمۇ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش،يىتەرلىك ئەمەس ناھايىتى ئازساندىكى ئوقۇتقۇچىلارلا ئىشلىتەلەيدۇ.
6) خېلى بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا ئوچۇق دەرىسنى ياخشى ئۆتىدىغان،ئادەتتىكى ۋاقىتتا ياخشى ئۆتمەيدىغان ئەھۋال بار
يولداشلار بىز بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا نەتىجىلەرنى تېخىمۇ مۇستەككەملەپ،ئىلغارلىقنى ساقلاپ مۇنەۋۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەپ، ساقلانغان مەسىللەرنى قەتئى تۈزىتىپ،دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ،ۋەزىيەت ۋەزىپىلەرنى ئېنىق تونۇپ،يىڭى يىلدا يىڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشايلى، بىز تېرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز تېرىشىدىغانلا بولساق چوقۇم ئۆزگەرتەلەيمىز .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-10 13:05:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"شەھەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2013--2014ئوقۇش يىلى يىللىق  خىزمەت پىلانى" نى ئەستايىددىل كۆرۈپ چىقتىم؛ مەزكۈر پىلاندا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر قىسقا ئىخچام خۇلاسسىلىنىپتۇ. ئادەتتە پىلان- ئورۇن ۋە شەخسلەر مەلۇم باسقۇچتىكى ۋەزىپىگە قارىتا پارتىينىڭ سىياسەت، ئمر- پەرمانلىرىغا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ يوليۇرۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئەمەلىي ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ تۈزۈپ چىقىدىغان، كۈرەش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كونكرېت مەزمۇن بەلگىلىنىپ، بەلگىلىك كۆرسەتكۈچلەر ئوتتۇرغا قويۇلىدىغان ھەمدە شۇنىڭغا ماس تەتبىرلەر ۋە ئورۇنداش قەرەلى بەگىلىنىدىغان يازما ماتېرىيال پىلان دوپ ئاتىلىدۇ. خۇلسسە ئادەتتە- مەلۇم باسقۇچلۇق خىزمەت، ئۆگىنىش ياكى ئىدىيۋى ئەھۋالنى تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېزىلغان يېتەكچىلىك خارەكتېرىدىكى يەكۈننىڭ يازما شەكلى خۇلاسە دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا پەرق بولىدۇ. بۇ ئىككى خىزمەت خەت- ئالاقىسىنى ئوبدان پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
يەنە بىر مەسىلە، ئانا تىلىمىزدىكى ئىملانىڭ توغىرلىقى ئىنتايىن مۇھىم. توغرا بولغان ئىملا مەزمۇننى توغرا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئانا تىلىمىزنى سۆيىمىز، دەيدىكەنمىز ئىملانى توغرا يېزىشىمىش كېرەك.
ۋاقتى: 2015-3-14 12:49:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پىلاننى ھۆججەت شەكىلدە يوللاپ قويسىڭىز ،پايدىلىنىش قىممىتى تېخىمۇ يۇقۇرى بولاتتى.
ۋاقتى: 2016-2-26 03:16:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش