كۆرۈش: 378|ئىنكاس: 3

دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ك...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەركىزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-26 19:49  

دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەر دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئوقۇتقۇچىلار، بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرى بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىلھام بېرىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتەكلىشى، ياردەم بېرىشى كېرەك.

   .

   سىنىپ مۇدىرى بىر سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرى، ئائىلە ئەھۋالى، پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى چەتكە قاقماستىن ئۇلارنىڭ قىسمەن ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا كۆپچىلىك ئارىسىدا ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئاساستا ئىلھاملاندۇرۇپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، كەمچىلىكلىرىنى بايقىغاندا كۆپچىلىك ئالدىدا تەنقىدلەپ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئايرىم سۆھبەتلىشىپ سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئۈمىد، ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئادەتتە سىنىپ مۇدىرى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىدا قېلىش سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ، سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىشى ۋە يېتەكلىشى، ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالغا بېسىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

:

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-27 09:59:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يوقۇرى كۆتۇرلىشى ئۈچۈن چۇقۇم بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ ،دەرسخانە ئوقۇتۇشىنى ياخشىلاش لازىم .شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك ،ئۇلارغا ئىلھام مەدەت بىرىشىمىز كېرەك ،تىمىڭىزغا رەئىمەت
ۋاقتى: 2014-3-27 21:02:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم يىتەكلىسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن
ۋاقتى: 2015-11-24 16:13:21يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايرىم يىتەلەيمىز دىگەن بىلەن  نەدە شۇنداق ۋاقىت ،ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا دەرىستىن ئايرىپ ئېلىپ چىقىشنىڭ تەسىرى ياخشى بولمايدۇ، ئادىلەنىڭ پىكرىنى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش