بىر كۈنلۈك ئەمىنلىك ئۈچۈن
قىش ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى.زۇكامداپ قالغانلىقىم ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بارماقچى بولدۇم -دە،تۇلۇقسىزنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇمغا قاراپ: -ئوغلۇم سەن خەنزۇچىنى ياخشى سۆزلەيدىغان بولغاچقا مەن بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا بارساڭچۇ؟-دېدىم. -ئاپا،بارمايچۇ!بارغۇم كەلمەيۋاتىدۇ،-دېدى ،-ئوغلۇم خۇشياقمىغان ھالدا. بىردىنلا،دۇكىنىمىزدىكى مۇقىم تېلىفۇن جىرىڭلىدى.يولدۇشۇم بېرىپ تېلىفۇننى ئالدى.تېلىفۇندىن تۆۋەندىكى گەپلەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى: -ئاداش،بارمۇ؟-سەن.ئۇزۇن بولدى كۆرۈشمىگىلى جۇمۇ!بۈگۈن قانغۇچە بىر تارتىشىپ باقمايلىمۇ،ئاغىنام قاسىممۇ يېنىمدا بىز ھازىر سېنىڭ ماگىزىنىڭغا قاراپ ماڭدۇق.ھاراق ئىچكىدەك ئوقەت قىلغانسەن؟ ئەزەلدىن ھاراقخۇمار بولىۋېلىپ ،ئىش خوشياقمايدىغان بولىۋالغان يولدىشىمنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. -بولىدۇ،بولىدۇ،دەرھال كېلىڭلار !راسا بىر ئولتۇرمايلىمۇ! ئوغلۇم ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ دېمىلىرىمىز ئىچىمىزگە چۈشۈپ كەتتى.چۇنكى بۇ بىر يامانلىقنىڭ باشلىنىشى،بىر كۈنلۈك ئۇرۇش-جىدەلنىڭ بەلگىسى ئىدى.شۇ چاغدا يەنە مېنىڭ يان تېلېفۇنىمغا مەكتەپ مۇدىرىدىن تېفۇن كەلدى.ئۇ مائارىپ ئىدارىسىغا كىرىپ مەكتىۋىمىزگە تەقسىم قىلىنغان بىر يۈرۈش كىتابلانىڭ بارلىقىنى ئېلىپ چىقىشىمنى ئېيتتى.مەن دەرھال ئىدارىغا كىرىپ كەتتىم ھەم ھايال بولمايلا قايتىپ چىقتىم. دۇكىنىمىزنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلسەم ،ھېلىقى يولدۇشۇم دۇكان ئوتتۇرسىدىكى مىۋە تىزىلغان ئەينەك پوكەينى ئايلىنىپ ئوغلۇمنى ئۇرۇش ئۈچۈن قولىغا بىر كۆتەك بولۇپ كەتكەن سۈپۈرگىنى ئېلىۋېلىپ غەزەپ بىلەن قوغلاۋېتىپتۇ. ۋاي، نېمە بولدى نېمە ۋەقە بولدى؟دەپ سورىدىم ،-مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىۈا قىستۇرۇلۇپ كىرىپ. يولدۇشۇم ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەشكە باشلىدى:ماۋۇ،بالاڭ !مەن ئوچاققا كۆمۈر سېلىۋېتەي دەپ ئچكىرىگە كىرىپ كەتسەم ،ھېلىقى ئىككى ئاغىنەمنى يولغا سېلىۋېرتىپتۇ ئەمەسمۇ؟....ھەي!يەنە ئۇرۇش ئۈچۈن شىمايلىدى. ۋاي،توختاڭ،گېپىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭە!نېمەدەپ يولغا سېلىپتۇ؟-سورىدىممەن تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ. -ئاتاڭ قېنى؟-دىۋىكەندۇق .نېمەدەپتۇ؟-دىمەمسەن؟....سىلەرنىڭ كېلىدىغىنىڭلارنى ئۇقۇپ قېچىپ كەتتى،-دەپتۇ!ھەسسىنە..... ئۇلار ئاندىن بارىدىغان يېرىگە بېرىۋېلىپ،تېلفۇننى ئۇرۇپ،گەپنىڭ سېسىقىنى ماڭا قىلدى. -ھەي،سەنمۇ ئادەممۇ؟كېلىڭلار دەپ قويۇپ قېچىپ كېتىدىغان! خىيالىڭدا سەن ،بىزنى ئولتۇرىدىغان سورۇن تاپالمايدۇ دەپ قالغان ئوخشىمامسەن؟........ماڭا چۈشەندۈرگىدەك پۇرسەت بەرمەي سۆزلەپ كەتتى.ھەممىسى مۇشۇنىڭ كاساپىتى! ئوغلۇم كەينىمگە ئۆتۈۋېلىپ ،ئاتىسىنىڭ ئۇرۇۋېتىشىدىن قورقۇپ تۇرۇپ،ئاپا،مەن سەن بىلەن دوىتۇرخانىغا بارايچۇ.بولمىسا تاياق يەپ قالىدىغان ئوخشايمەن ،-دېدى . بىز كوچا ئاپتوۋۇزىغا چۈشۈپ دوختۇرىانىغا ماڭدۇق.كېتىۋېتىپ ئوغلۇم ،ماڭا قاراپ ،ئاپا،سەن دەپباقە ؟-مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم .ناھايىتى شۇ ئىككى ھاراقكەشنى قاچۇرۇۋەتتىمغۇ؟! ئۇلار بۈگۈن ئولتۇرۇۋېلىپ مەس بولغىچە ئىچىپ بىزگە ئارام بېرەمدۇ؟مېنىڭ قىلغىنىم توغرىمىۇ-خاتا؟ مەن بالامنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ،سېنىڭ قىلغىنىڭ توغرا بولدى،سەن ئائىلىمىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئەمىنلىگى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتۇڭ،-بالاپ ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن،-دېدىم . ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋە قىلدى. |