| س ساداقەت مۇھەببەتنىڭ كۆۋرۈكى، ۋىجدان مۇھەببەتنىڭ يۈرىكى. ساراڭ ئەقىل تاپسا، ئېغىلغا زەدىۋال تارتىدۇ. ساغلام بولاي دېسەڭ ھەرىكەت قىل، مول ھوسۇل ئالاي دېسەڭ مېھنەت قىل. ساق بولاي دېسەڭ گېلىڭنى يىغ، تېنچ بولاي دېسەڭ تىلىڭنى يىغ. ساما ناغرا بىلەن، قېتىق زاغرا بىلەن. سا ھەرقانچە ئىگىز ئۇچسىمۇ، سايىسى يەرگە چۈشەر. سەپەر قىلغان يول بىلەر، كۆپ كۆرگەن مول بىلەر. سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھنى. سەركە ئەقىللىق بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس. سەركەردە پەملىك بولسا، ئەسكەرلىرى باتۇر بولار. سەن تاش سانىساڭ، خەق قۇم سانايدۇ. «سەن» دېسە، «سىز» دە، تاشلىسا ئىزدە. سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراپ. سەن مېنى كىشى دېسەڭ، يانچۇقۇمدا كىشمىشىم، سەن مېنى كىشى دېمىسەڭ، سېنىڭ بىلەن نېمە ئىشىم. سەھەر تۇرۇپ قوشناڭغا باق. سەھرادا ھاڭرىغان ئېشەك، شەھەردە ھاڭرىيالماپتۇ. سەۋر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پىشار. سودىگەرگە بوش كۆرۈندۈڭ، يەيدىغان گۆش كۆرۈندۈڭ. سوراپ – سوراپ بىلىم ئاپتۇ، ئويلاپ – ئويلاپ كېيىن قاپتۇ. سوراپ – سوراپ ئىلىم ئاپتۇ، ئىزا تارتىپ كېيىن قاپتۇ. سورا – سورا بىلىم ئاپتۇ، ئوينا – ئوينا كېيىن قاپتۇ. سوقۇشتا قورققان خوراز چىللاشتىن قالار. سۇ ئەكەلگەن خار، كوزا چاققان ئەزىز. سۇ بىلەن زىمىن ياشنار، بىلىم بىلەن ئەل ياشنار. سۇدا پىشماي كىگىز بولماس، ئوتقا چۈشمەي بىگىز بولماس. سۇ ــ دېھقاننىڭ قېنى، يەر ــ دېھقاننىڭ جېنى. سۇغا سالسام سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى. سۇ كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس، قان كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر. سۇنغان ئەينەك تۈزەلسىمۇ، سۇنغان كۆڭۈل تۈزەلمەس. سۇنى بىلمەي سەكرىسەڭ، تۇنجۇقۇپ ئۆلەرسەن. سۇنى سەپ سىڭار يەرگە، سۆزنى قىل سىغار يەرگە. سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سالما. سۇ ئۇلغايسا كېمە كۆتۈرۈلەر، سۆز ئۇلغايسا جېدەل كۆتۈرۈلەر. سۇ ئىچكەن بۇلاققا تۈكۈرمە. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما. سۆرەلگەن ئىش بۇزۇلار. سۆرەلمە پايدىدىن، ئەپچىل زىيان خوپ. سۆز قىلساڭ ئاستا قىل، تېنىۋالغىلى ياخشى؛ يول ماڭساڭ قاراپ ماڭ، يېنىۋالغىلى ياخشى. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سۆزلەڭ دېسە ئالتە ئېشەك يۈك، ئىش قىلىڭ دېسە خەپشۈك. سۆزلىسەم تىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىمىسەم دىلىم كۆيىدۇ. سۆزلىگەندە كوت – كوت، ئىش قىلغاندا غوت – غوت. سۆزلىگۈچىدە ئەيىب يوق، ئاڭلىغۇچى ئىبرەت ئالسۇن. سۆزلىيەلمىگەن ئېغىزدىن، چاپاق باسقان كۆز ياخشى. سۆزۈڭ توغرا بولسا، ھۆرمىتىڭ كۆپ بولۇر. سۆزۈڭ قوپال بولسا، دوستۇڭ دۈشمەنگە ئايلىنار. سۆزۈڭنى تەكرارلىساڭ تەمى كېتەر. سۆزىدە تۇرمىغاننىڭ ھۆرمىتى بولماس. سۆلەت گىرىم بىلەن، گۈزەللىك بىلىم بىلەن. سۈتتە ئاغزى كۆيگەن قېتىقنى پۈۋلەپ ئىچەر. سۈيى ئاز تۇڭ شالاقلايدۇ. سېخىينىڭ بەرگىسى كەلسە، بېخىلنىڭ جېنى چىقىپتۇ. سېخى سەدىقە بەرسە، بېخىلىنىڭ قورسىقى ئاغرىپتۇ. سېنىڭ – مېنىڭ دېگەن كۆڭۈل تارلىقى، نېرى يات – بېرى يات دېگەن ئورۇن تارلىقى. سېنىڭ ئۆيۈڭگە بارسا گەپلا، مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلسە يەپلا. سىرتتىكى مىڭ دۈشمەندىن، ئۆيدىكى بىر دۈشمەن يامان. سىڭمىگەن پولۇدىن، سىڭگەن ئۇماچ ياخشى؛ مىننەتلىك ئېشىڭدىن، قورسىقىمنىڭ ئېچى ياخشى. سىلاپ ئەركىلەتسەڭ، شىرنى تىل بىلەن ، پىلنى قىل بىلەن يېتىلەيسەن. سىلىق سۆز يىلاننى ئۇۋىسىغا كىرگۈزەر.
|
|