كۆرۈش: 407|ئىنكاس: 1

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا، داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا، داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى، قان ئېلىش–بېرىش ئاپپاراتلىرى قانداق ئەھۋاللارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ؟

2010–يىلى 7–ئاينىڭ 28–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2010–يىلى 10–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى›› نىڭ 48-، 49-، 50-ماددىسىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا، داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى، قان ئېلىش–بېرىش ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن:
   1. داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ ئەيدىز تارقىلىش ۋە يامراش ئاقىۋىتى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ھەم ئالاقىدار ئاپپارات ياكى جاۋابكار خادىمنىڭ كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
   (1) ئەيدىزنى كۆزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛
   (2) ئەيدىز يۇقۇمىنى مەلۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغان ياكى ئەيدىز يۇقۇمىنى يوشۇرغان، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلغان، يالغان مەلۇم قىلغانلار؛
   (3) ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە دەسلەپتە ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
   (4) نىكاھلىنىشتىن بۇرۇنقى ئەيدىزنى تەكشۈرۈشتە ساختا مەلۇمات بەرگەنلەر؛
   (5) دەمال ئېلىنغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرمىگەن، كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېنىقلىمىغان ياكى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان قاننى كىلىنىكىدا ئىشلەتكەنلەر؛
   (6) ئۆلچەملىك مۇداپىئە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلماي ياكى مەشغۇلات قائىدىسى ۋە دېزىنفېكسىيە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلماي، ئەيدىزنى دوختۇرخانىدا يۇقتۇرۇپ قويغان ياكى تېببىي مەنبەدىن يۇقتۇرۇپ قويغانلار؛
   (7) شۇ كىشىنىڭ ياكى ۋەسىيسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز بىمارلىرى، شۇنىڭدەك ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئۇچۇر ماتېرىيالىنى مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرگە ئاشكارىلاپ قويغانلار؛
   (8) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاشنى باشقىلارغا ئىتتىرگەن، رەت قىلغانلار؛
   (9) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرىغا ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.
   2. قان ئېلىش–بېرىش ئاپپاراتلىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ ئەيدىز تارقىلىش ۋە يامراش ئاقىۋىتى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ھەم قان ئېلىش–بېرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بۇيىچە بىكار قىلسا بۇلىدۇ،جىنايە ت شەكىللەنلىرى قانۇن بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىققاتارتىلىدۇ.

(1) ئېلىنغان ئادەم قېنى، قان پىلازمىسىنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرمىگەن ياكى ئادەم قېنى ۋە قان پىلازمىسىنىڭ تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئېلىۋەرگەنلەر؛
  (2) ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ئادەم قېنى، قان پىلازمىسى ياكى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان ئادەم قېنى، قان پىلازمىسىنى داۋالاش ئاپپاراتى ياكى قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلارغا بەرگەنلەر.
   قانۇنسىز قان ئالغان ياكى باشقىلارنى قان سېتىشقا تەشكىللىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
   3. قان پونكىتلىرى، قان پىلازمىسى پونكىتلىرى، داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلاردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇپ قويغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
گۇما ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھەق تەلەپ مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمىدىن رېھىم نىزامىدىن تەييارلىغان
  

مەنبە :تەڭرىتاغ تورى




baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2011-12-7 22:15:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىلۋېلىشقا تىگىلشىك بىلىملەر ئىكەن ! كۆپ رەھمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش