كۆرۈش: 704|ئىنكاس: 1

سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش دەرسلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يېقىندىن بۇيان سىمسىز تور قوبۇللا ئۈسكىنىسى ھەققىدە ياردەم سۇرايدىغانلار كۆپىيىپ قالدى . شۇ ئېھتىياج سەۋەبلىك تور داشلارغا  ئازغىنە ياردىمى بولسا  -دېگەن مەقسەتتە  سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش دەرسلىكىنى سۇنماقچى . تور داشلار بۇدەرسلىكنى كۆرۈپ  سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىگە قارىتا مەلۇم چۈشەنچە ھاسىل قىلالىسا  بۇ بىز ئۈچۈن شەرەپ.
بۇ دەرسلىكىمىزدە  سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ مۇھىم تەييارلىق  - يانفۇن ئارقىلىق بىز تۇرغان رايۇندا سىمسىز تور سېگنالى بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش ئۇسۇلى ،  سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى تاللاپ سېتىۋېلىش- ئورنىتىش ئۇسۇلى، سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ  ، بىر ئائىلە  ، بىرئىشىخانا ئەزالىرى  كومپيۇتېر ۋە يانفۇنلىرىمىزدا ئورتاق پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى تەپسىلى سۆزلەنگەن . دەرسلىكىمىز ھەقسىز تارقىتىلدى. ( دەرسلىكىمىز wmv  فورماتتا بۇلۇپ ،  چ چ قويغۇچ ۋە باشقا قويغۇلاردا قويىلىدۇ)
دەرسلىكنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :http://yunpan.cn/Q4sCMQa9Hmx7e

تورداشلارغا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز  ، سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى سېتىۋالغاندا ئۇرۇنسىز ئاۋارىچىلىق ۋە زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، دەرسلىكىمىزنىڭ 1- باسقۇچىدا سۆزلەنگەن  ‹ئالدىن سىناپبېقىش › قا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇكى : توردا سېتىلىۋاتقان  سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بۇلۇپ ، ‹‹ گۈلدۈرى بار ، يامغۇرى يوق ، جېنى بار ، ماغدۇرى يوق›› مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى لازىم.بىزنىڭ بۇخىلدىكى ئۈسكىنىلەرنى سېتىش ، ئورنىتىپ بىرىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئەمەلىيەت - تەجرىبىلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا ، توردىكى چۈشەندۈرىلىشى 10 km  دىن قوبۇللايدۇ - دىيىلگەن  سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى تارتىش - قوبۇللاش ئارىلىقى ( كۆچمە خەۋەرلىشىش مۇنارى بىلەن  ئۆينىڭ ئارىلىقى )4 كلومېتېر ، سېگنال كۈچى 45%دىن  80%  كىچە سېگنال كۈچى بىلەن نۇرمال تورغا چىققان.

ئالدىن سىناپبېقىش  دىگىنىمىز: يانفۇن ئارقىلىق سىمسىز تور  سېگنالى بار - يوقلىنى تەكشۈرىمىز . يەنى  ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق ئورۇندا (شەھەر بولسۇن ياكى يېزا بازار بولسۇن ) كۆچمە خەۋەرلىشىش مۇنارى بار ئۇرۇندىن  ئارىلىقى 800 مىتىر ، ياكى  مۇنارغا يېقىن جايغا بېرىپ  ، يانفۇنىمىزنىڭ wlan نى قوزغۇتىمىز. بىرئاز ساقلىغاندىن كىيىن يانفۇنىمىز  ئەتراپتىكى سېگناللارنى بايقاپ تاپىدۇ.بايقىغان سېگناللار ئىچىدە  cmxjcc   بار - يوقلىقىغا دېققەت قىلىمىز . cmxjcc  سېگنالى بولسا  ئۇنى چىكىپ يانفۇنىمىزنى تورغا ئۇلايمىز. تور كۆرگۈچتە خالىغان بىر توربىكەتنى ئاچىمىز.ئەگەر شۇرايۇندا سىمسىز تورغا چىقىش كەسپى ئېچىلغان - يولغا قۇيۇلغان بولسا يانفۇنىمىز ئاپتۇماتىك ھالدا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ سىمسىز توركەسپىنى چۈشەندۈرۈش - بىجىرىش تور بىكىتىگە ئۇلىنىدۇ ( يەنى مۇشۇ بىكەتكە https://221.181.24.8:8443/ )
يانفۇنىمىز مۇشۇ توربىكەتكە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇلانسا  ئاندىن سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى سېتىۋېلىپ ،كومپيۇتېرغا چېتىپ ،مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ ( يەنى سىمسىز تورغا چىقىش كەسپىنى يانفۇنىمىزدىلا ئېچىپ ) ،  ئۆيدە ئولتۇرۇپ تورغا چىقساق بولىدۇ.
ئەگەر يانفۇنىمىز cmxjcc  سىگنالىنى بايقاپ ،كۆچمە خەۋەرلىشىش تور بىكىتىگە ئۇلىنالماي قالسا ، شۇ رايۇندا سىمسىز تورغا چىقىش كەسپى تېخى ئېچىلمىغان - يولغا قۇيۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنىڭ  ‹ 15كلومىتېردىن تارتىدىغان دەھشەت يامانلىرى› نى  سېتىۋالسىڭىز مۇ ئىشلىتەلمەي قالىسىز.   سىز يەنىلا  بىزنىڭ سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش دەرسلىكىمىزنى چۈشۈرۈپ  ئالدىرىماي تەپسىلى بىر كۆرۈپ چىقىڭ . بۇچاغدا سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىرىشىسىز.
دەرسلىكىمىزنى چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://yunpan.cn/Q4sCMQa9Hmx7e
سىمسىز تور قوبۇللاش ئۈسكىنىسى ھەققىدە  مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز  بىلىمىمىزنىڭ يىتىشىچە ياردەمدە بولىمىز   18799865714

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-26 18:42:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق ئادىرسلار قۇرۇق بوپ قاپتۇ ئوڭشاپ قويغان بولسىڭىز رەخمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش