كۆرۈش: 477|ئىنكاس: 2

مەكتەپ ئامانلىق قوغداش خادىمى بىلەن تۈزۈلگەن مەسئۇلىيەتنامە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلىرىم مەندىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ئالى ئېھتىرام .
مۇنبەردىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ھال سوراپ سەمىمىي سالام . جاپا چەكتىڭلار !
نەچچە كۈندىن بىرى مۇنبەردىن ئۆزۈمگە ئىھتىياجلىق تېما ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن ، ئاۋال ئەجىر قىلىپ ، ئېرىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتتىم ...
تۆۋەندىكى تېمىدىن پايدىلىنىپ ، تۈزۈتۈپ بېرىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .


مەكتەپنىڭ قوغداش خادىملىرى بىلەن تۈزگەن مەسئۇلىيەتنامىسى

ئامانلىق قوغداش خادىمى  مەكتەپنىڭ تەلىم تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ  راۋان  ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلىپ ، مەكتەپ قورۇسىنىڭ تەرتىپىنى نورماللاشتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ مال -مۈلكىنى ساقلاش ۋە ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ ، كونكىرىت خىزمەت مەسئۇلىيتى تۆۋەندىكىچە :
1-        پارتىيە ياچىكىسى ۋە مەكتەپ مەمۇريىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئامانلىقنى قوغداش خىزمىتىگە ئومۇميۇزلۇك  مەسئۇل بولىدۇ .
2-        مەكتەپنىڭ ئوت ئاپىتى ، ئوغۇرلۇق ، بۇلاڭچىلىق ۋە باشقا تۈرلۈك ئاپەت ھادىسلەرنىڭ  ئالدىنى ئېلىشقا يېتەكچىلىك  قىلىپ ،يۇقىرقى ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ .
3-        تەشكىلى تۈزۈمگە يۈكسەك دەرىجىدە بويسۇنۇپ ،خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ، سەۋەپسىز خىزمەت تاشلىماسلىق ،كىچىكمەسلىك ، بالدۇر قايىتماسلىق ،ئىشى چىقىپ قالغاندا روخسەت سوراش ۋە ئۆز خىزمىتىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ  قويۇپ قايتىش ، ئاممىۋى مۇناسىۋەتكە ، يولداشلار ئارا –ئىتتىپاقلىققا ، ئىناق خىزمەت مۇھىتى بەرپا قىلىشقا شۇنىڭ بىلەن بىرگە تازلىققا ئەھمىيەت بېرىش لازىم .
4-        ئىشخانا تازلىقىغا دىققەت قىلىپ، ئىشخانا مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە تولۇق ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى خىزمەت شارائىتى ھازىرلاش خىزمەت ۋاقتىدا خزمەت  فورمىسى كىيىش،يەڭ بەلگىسى تاقاش .
5-        ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ، ناتونۇش،گۇمانلىق كىشلەرنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشىنى قەتئىي چەكلەيدۇ .
6-        كۈزۈتۈشنى كۈچەيتىپ ، قانۇنسىز دىننى پائالىيەت، مىللىي بۆلگۈنچىلىك  ۋە جىنايى قىلمىشلارنى سەزگەن ھامان مەكتەپ بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسىغا ياكى ساقچى ئىدارىسىغا دەرھال مەلۇم قىلىش .
7-        مەكتەپ ئىچىگە مەسئۇل بولۇش بىلەن بىرگە مەكتەپنىڭ يېقىن ئەتراپى، دەرۋازا ئالدىنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل بولۇپ تاملارنى ئەستايىدىل كۈزىتىپ ھەرخىل ئېلان ۋە بىنورمال شۇئارلارنىڭ چاپلىنىشىنى قەتئىي چەكلەش.
8-        دىننى تۈس ئالغان كىيىم –كېچەكلەرنى كىيگەن، غەيرى ساقال قويغان كىشلەرنىڭ مەكتەپ قورۇسىغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەش .
9-        ئەگەر دۈجۈرنىلىك قىلۋاتقان ۋاقىتتا مەسىلە كۆرۈلسە جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ .


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-26 10:47:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ۋاقتى: 2015-6-26 17:04:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭمۇ ئشى تەسكەنغۇ رەخمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش