| نىيۇيۇرۇكتىكى ئاتۇشلۇق نىيويورك شەھىرىدە تىجارەت قىلىدىغان ئاتۇشلۇق باي ۋول-سىچىت كوچىسىدا بانكىدىن، ئىككى ھەپتىلىك مۇددەت بىلەن بەش مىڭ دوللار قەرىز ئاپتۇ. بانكا خادىمى سوراپتۇدە، كاپالەت ئۈچۈن نىمىنى رەنىگە قويىسىز؟ ئاتۇشلۇق باي بانكا ئالدىدا توختۇتۇپ قويغان، راۋس-روۋس پىكاۋېنى كۆرسىتىپ، ماشىنىنى رەنىگە قويىدىغانلىقنى دەپتۇ. بانكا خادىملىرى ماشىنىنى ئامبارغا سولاپ، قەرىز رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپتۇ. ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ئاتۇشلۇق باي قەرىزنى قايتۇرۇپ، رەنىگە قويغان ماشىنىسىنى قايتۇرۋاپتۇ. ئىككى ھەپتىلىك ئۆسۈم ئاران 15 دوللار بولغان ئىكەن. ئاتۇشلۇق باينىڭ بانكا ھېساۋاتىدا نەچچە مىليۇن دوللارنىڭ بارلىقىنى بىلگەن بانكا خادىمى ئەجەپلىنىپ سورايدىكەندە: ھېساۋاتىڭىزدا نەچچە مىليۇن دوللار پۇل تۇرۇپ، نىمىشقا 5000 دوللار قەرىز ئالىسىز؟ ئاتۇشلۇق باي دەپتۇدە، ۋال-سىچىت كوچىسىدىن ئىككى ھەپتىلىك ھەققى ئون بەش دوللارلىق ماشىنا توختىتىش مەيدانىنى مەڭگۈ تاپقىلى بولمايدۇ. 2 بىر ئاشخانىغا كىرسەم شۇنداق ئوچرەت بۇلۇپ كىتىتپۇ . ئوچىرەت ساقلاۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. تۇيۇقىسز بىر جوزىدا ئولتۇرۋاتقان3-4قىزغا دىققەت قىلدىم. ئۇلار تامىقىنى يەپ بولغان بولسمۇ ئوچىرەت ساقلاۋاتقانلارغا پەرۋامۇ قىلماي پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. تۇيۇقىىز ئاردىن بىرەيلەن ئۇستا....ئۇستا دەپ توۋلاپ كەتتى. ئۇستا:خوش نىمىش بولدى.. ھىلىقى كىش ئۇستامغا خاپا بولماي ئا ئۇستەلگە دۇئا قىلىپ بەرسلەر. دۇئا قىلىشنى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ. 3 يەنە بىر كۇنى بىر ئاشخانىغا كىرسەم بىرەيلەن مىنىڭمۇ ئالدىمدا كىرىپ تاماق ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ. مەنمۇ تاماق بۇرتۇپ ساقلاپ ئولتۇردۇم ئۇزاق ئولتۇرمايلا تاماق چىقتى. لىكىن ھېلىقى ئادەمنىڭ تېخىچە چىقمغان ئىدى. ئۇ ئادەم ساقلا ساقلا... ئاخىر تەخىر قىلىپ بۇلالماي كۇتكۇچىنى چاقىرىپ :ئۇكام ماڭا تاماق يازغانمۇيا ؟ كۇتكۇچى:ھە يازغان. ئەمسە خاپا بولماي ئاخىرغا بۇگۇن يەيدىكەن دىگەننىمۇ قۇتۇپ قۇيامسىز؟ 4 بىر ئاتۇشلۇق سودىگەر سەكىراتقا چۇشۇپ قاپتۇ،ئۆيدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى سودىگەرنى چۆرىدەپ تۇرۇشۇپتۇ، سودىگەر : ئانىسى،قىنى سەن ؟ دەپ سوراپتۇ، ئايالى يىغلاپ تۇرۇپ مەن يانلىرىدا دادىسى دەپتۇ، سودىگەر يەنە بالام ئەمەت سەنچۇ؟ دەپ سوراپتۇ، بالىسى مەن يىنىڭدا دادا دەپتۇ. بالام مەمەت سەنچۇ؟ دەپ سوراپتۇ، بالىسى مەنمۇ يىنىڭدا دادا دەپتۇ، سودىگەر قىزىم ئايگۇلچۇ؟ دەپ سوراپتۇ، قىزى مەنمۇ يىنىڭدا دادا دىگەنىكەن سودىگەر غەززەپ بىلەن : خۇدايىم ھەممىڭنىڭ جاجاڭنى بەرسۇن،ھەممىڭ بۇيەرگە كىلىۋىلىشساڭ دۇككانغا كىم قارايدۇ دىگىدەك. 5 بىر خىزمەتدىشىمىزنى يۇقلاپ 2-دوختۇرخانىغا كىردۇق، دوختۇرخانا ئىچىدە ئادەم شۇنداق كۆپ ئىدى دوختۇرخانا ئىچىدە سىرىتقا ماشىنىلار چىقالماي سىرتىدىن ئىچىگە كىرەلمەي، ھىچكىمنىڭ ھىچكىمگە يول بەرگۈسىمۇ يوق، شۇنىڭ بىلەن ئالدى تەرەپتىن ماشىنىدىن ئوتتۇرا ياشلار چامىسىدىكى ئاكىمىز چۈشۈپ، شۇپۇرلارغا قاراپ دىدى: ماڭا قايلاشسىلا غوجۇرۇۇۇۇۇۇۇم، بۇ يەردە قەۋزىيەتتەك قاپلىشىپ تۇرماي بىر-بىرىمزگە ئازراق يول بىرىپ قۇيايلى 6 قەشقەر خەلىق مەيدانىدا بىر كۈنى ئويۇن قويىلىپتۇ ، پاكاراق كەلگەن بىر ئادەم تەمبەل شىلەپە كەيگەن بىر ئادەمنىڭ كەينىدىكى ئورونغا كەپ قاپتۇ، ھىلىقى شىلەپىلىك ئادەم بوينىڭ ئىگىزلىكىنى ئاز دەپ، شىلەپسىنىڭ ئاستىدىن بىشىنى قاشلاپ پاكار ئادەمنى پەقەتلا ئويۇن كۆرگىلى قۇيماپتۇ، ھىلىقى پاكار ئادەمنىڭ ئاچىقى كىلىپ دەپتۇ: ھەي ھەي ئاكا شىلىەپىنى ئىلىۋىتىپ قاشلىساڭ بولمامدۇ بىشىڭىنى؟ _ئۇكا ھوي، سىنىڭ كۆتۈڭ قىچىشسا ئىشتاننى سىلىۋىتىپ قاشلايدىغان ئوخشىمامسەن؟!! دىگۈدەك 7 ئۈچ ئاغىنە بالا پويىزدا سەپەرگە بىللە چىقىپتۇ، بىرى قورسىقى بەك ئىچىپ كەتتىمۇ قانداق تىنماي بىر نەرسە يەپلا ئولتۇرۇپتۇ، يىنىدىكى بالا پات-پات قاراپ قويسىمۇ، يەنە تىنماي يەۋىرىپتىكەن، ئاچىقى كەلگەن بىرى دەپتۇ: _ۋاي ۋاي ئەجەپ تولا بىر نىمە يىدىڭا خۇددى ۋاگوننى سەن سۆرەيدىغاندەك |
|