كۆرۈش: 288|ئىنكاس: 5

خەلقئارادا ئالتۇن مېدال ئالغان قىز ئاينۇر ئەيسا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېقىندا چەرچەن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى شۇي شاۋخۇا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو -كىنو- تېلىۋېزىيە ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ4كۈنىگىچە گىرىتسىيەنىڭ ئافىنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن  دۇنيا 13-قېتىملىق يازلىق ئالاھىدە ئولېمپىك تەنھەرىكەت مۇسابقىسىدە دۇنيا  بويىچە 400مېتىرغا يۈگۈرەشتە بىر ئالتۇن مېدال 200مېتىر قىسقا ئارىلىق يۈگۈرەشتە بىر كۆمۈش مېدال ئېلىپ ۋەتىنىمىزگە ئۇلۇغ شەرەپ كەلتۈرگەن ئاينۇر ئەيسانى 500يۈەن نەق پۇل ،گۈرۈچ،ماي قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن يوقلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ ئۇنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يىل  ئاينۇر ئەيسا 22ياشقا كىرگەن بولۇپ ئائىلىدە دادىسى بۇرۇنلا قاتناش ۋەقەسى بىلەن تۈگەپ كەتكەن، ئانا- بالا ئىككىسىنىڭ ھېچقانداق كىرىم مەنبەسى يوق ئىدى، رەھبەرلەر ئۇنى پات ئارىدا پاراۋانلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ياخشى چېنىقىش شارائىتىگە ھازىرلاپ بېرىپ،  خەلقئارادا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياخشى شارائىت يارىتىپ بىرىدىغانلىقنى ئېيىتتى.

چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-19 13:34:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە شۇنداق ياخشى نەتىنجىگە ئېرىشكەن قېرىنداش ھەمشىرىمىزگە مۇبارەك بولسۇن.
500 يۇەن بىلەن ئولىمپىك ماھىرىنى يوقلىغان رەھبەرلەرگە ئاپىرىن.
ۋاقتى: 2014-2-19 21:47:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
500يۈەن نەق پۇل ،گۈرۈچ،ماي قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن يوقلىدى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟گەپ قىلمىدىم،ئاينۇر سرڭلىم يەنمۇ تىرشىڭ ..........................؟؟؟؟
ۋاقتى: 2014-6-5 17:56:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
500يۈئەن....................؟؟؟؟؟ھەي... بۇمۇ موكاپات.
ۋاقتى: 2014-6-5 23:32:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوقلىمىسىمۇ بىر نىمە قىلىۋەتكىلى بولمايتتى لىكىن بارغاندىكىن تۈزۈكىراق بارغان بولسا
ئەلۋەتتە تېخىمۇ ياخشى بولاركەن ، ئۇلار ماھىرنىڭ ھەم ئولىمپىكنىڭ يۈزىنى قەتىئىلا قىلماپتۇ
مىڭ ئەپسۇس .........
ۋاقتى: 2014-6-6 16:13:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ سىڭلىمىزنىڭ ئالتۇن مىدالغا ئىرىشكەنلىك خەۋىرى ھىچ قانداق مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنمىغان ئوخشايدۇ.ئەمدى خەۋەر تىپىپتۇق.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش