كۆرۈش: 262|ئىنكاس: 1

  ئەرلەر نىمىشقا گۈزەل قىزلار بىلەن نىكاھلىنىشقا ئامراق(ئەسرارېم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  ئەرلەر نىمىشقا گۈزەل قىزلار بىلەن نىكاھلىنىشقا ئامراق
  گۈزەل قىزلارغا ئېرىشكۈچىلەر ئادەتتە باي، ھوقۇقدارلار، ئەقلىي ئىقتىدارى كۈچلۈكلەر بولۇپ، گۈزەل ئاياللار ئادەملەر ئارىسىدىكى داڭلىق، گۈل-گىياھلارغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنى پەرۋىش قىلماق ناھايىتى قىيىن. گۈزەل ئاياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئەرلەر كەڭ قورساق بولۇشى، تاپاۋىتى ياخشى بولىشى كېرەك . ئاچچىقى يامان ئەرلەر بىلەن گۈزەل ئاياللار «ئوت بىلەن ياغ»قا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ چىقىشمىقى ناھايىتى تەس.
1. بېخىل ئەرلەر بىلەن گۈزەل ئاياللار خۇددى «سۇ بىلەن ئوت»قا ئوخشايدىغان بولۇپ، بىر-بىرىنى چۈشەنمىكى تېخىمۇ تەس بولىدۇ.
2. گۈزەل ئاياللارغا ئېرىشىش پايچىك سودىسى قىلغانغا ئوخشايدىغان بولۇپ، خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش روھى ھەم قورقماي مەبلەغ سالالايدىغان بولىشى، نەزەر دائىرىسى كەڭرى، قايسى بىر پايدىن پايدا ئېلىش، قايسىسىدىن زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ سېلىش كېرەك . گۈزەل ئاياللارغا ئېرىشىشىنىڭ «پايدىسى كۆپ» بولۇپ، ئەڭ ئاددىيسى «كۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىقى» غا پايدىلىق، كۆزىڭىز ئاسان كېسەل بولمايدۇ. يەنە تېخى ئۆمرىڭىزمۇ ئۇزۇن بولىشى مۇمكىن.
3. گۈزەل ئاياللارغا ئېرىشكەنلەر چوقۇم قابىلىيەتلىك قاراملار بولۇپ، گۈزەل ئاياللارنىڭ مىجەزى تەرسا كېلىدۇ ھەم ئىچى تار بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەرلەر چوقۇم كەڭ قورساق بولىشى، ئائىلىدىكى تۈگۈننى دەرھال يىشەلەيدىغان، تاشقى مۇھىتتىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولىشى كېرەك .
4. گۈزەل ئاياللار ئاياللار ئىچىدىكى «قىممەتلىك بۇيۇم»لارغا ئوخشاش بولىدۇ. بۇنداق «قىممەتلىك بۇيۇم»نىڭ بولىشىغا ۋە ئائىلىسىگە بولغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا گۈزەل ئاياللارغا ئېرىشكەن ئەرلەرنىڭ بېسىمى ئېغىرلىماقتا. بولۇپمۇ ئىقتىسادى جەھەتتىكى بېسىم ئەڭ ئېغىر بولىدۇ، ئادەتتە ئىقتىسادى بېسىم ئېغىر بولسا ئادەم ھارماي تىرىشىدۇ، ئىزدىنىدۇ. بېسىم بولغاندىلا تەرەققىي قىلغىلى ھەم ئۈستۈنلۈكنى تالاشقىلى بولىدۇ. شۇڭا، گۈزەل ئاياللارغا ئېرىشمەكچى بولغان ئەرلەر چوقۇم ئىشەنچىلىك ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا ئىگە بولىشى، نەتىجە قازانغان ياكى ئوتۇق قازىنىشقا كۆزى يەتكەن ئەرلەر بولىشى كېرەك . بولمىسا «ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ئىچىسىز» خالاس.
5. گۈزەل ئاياللارغا ئېرىشمەكچى بولغانلار تۆھپە قوشۇش روھىغا باي بولىشى كېرەك. گۈزەل ئاياللار قەپەسگە سولانغان توزغا ياكى ھەر كۈنى ئاشخانا ئۆيدىن چىقماي تاماق ئېتىدىغان ئائىلە ئايالىغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئەرلەر جاپاغا چىدايدىغان بولىشى كېرەك. ۋاقىت ئاجرىتىپ گۈزەل ئايالىڭىز بىلەن بازار ئايلىنىسىز، دوستلار بىلەن دائىم تاماشا قىلىپ تۇرىسىز. گۈزەل ئايالغا كېتىدىغان مەبلەغمۇ كۆپ بولغاچقا ئەرلەردە چوقۇم شۇنىڭغا يارىشا قابىلىيەت بولىشى كېرەك.
6. گۈزەل ئاياللارنىڭ مىجەزى غەلىتە بولىدۇ. گۈزەل ئاياللار بىلەن تۇرمۇشلۇق بولىمەن دەيدىكەنسىز، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىدەك غەيرەت بولىشى كېرەك. گۈزەل ئاياللارمۇ ئوخشاشلا ئايال بولۇپ، ئۇلارمۇ كۆيۈنۈشكە، ھېسداشلىق قىلىشقا، ئارزۇ-ئارمىنىنى قاندۇرالايدىغان ئەرلەرگە موھتاج . شۇڭا ئەرلەر چوقۇم گۈزەل ئاياللارنىڭ مىجەز - خۇلقىنى ئوبدان چۈشىنىشى كېرەك.
7.كونىلار «چىرايلىقتىن ۋاپا كەلمەيدۇ»دېگەندەك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئاياللارغا نىسبەتەن قارشى ئانچە ياخشى ئەمەس. گۈزەل ئاياللارنى سەل ئەتىۋارلاپ قويسىڭىز غادىيىۋالغان، تەلىپىنىڭ يۇقىرىلىقى چۇ تېخى. شۇڭا، گۈزەل ئاياللارنىڭ دوستى كۆپ بولمايدۇ. ھەممە ئىش ئوغرىلىقچە بولىدۇ، ئوچۇق-ئاشكارا بولىدىغان ئىشلار ناھايىتى ئاز. شۇڭا، بەزىلەرنىڭ گۈزەل ئايالىغا ئېرىشتىم دېگىنى ئانچە خوش خەۋەر بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى ئىچ ئاغرىتىشتىن ئىبارەت.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-18 21:34:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم گۈزەللىككە ئىنتىلىپ تۇرغاچقىمىكىن .....
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش