| دەرىجىدىن تاشقىرى ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى دەرىجىدىن تاشقىرى ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى راستىنلا ئۈنۈملۈكمۇ ؟قىسقامۇددەتلىك مەشىقتىن كىيىن راستىنلا ئەستە ساقلاش ئۈنۇمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بۇلامدۇ ؟جاۋابى چوقۇم بۇلىدۇ .چۈنكى مىڭىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچى ناھايتى زور ،ئۇنىڭ ساقلاش مىقدارىنى يەرشارىدىكى دېڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بۇلىدۇ ،چوڭ مىڭە پوستلاق قەۋىتى بىر تىرلىيۇندىن ئارتۇق نىرۋىدىن تەركىپ تاپقان ،ھەربىر نىرۋا ئوتتۇرسىدىكى مۇرەەككەپ تۇتۇشىشىتىن نىرۋا تورى ھاسىل بۇلىدۇ .شۇنى تەسەۋۇر قىلىشقا بۇلىدۇكى ،نىرۋىلار ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ قانچىلىك تىز ئىكەنلىگىنى تەسەۋۇر قىلىش تەس ئەمەس .ھەربىر نىرۋىلار نەتچە مىڭ نىرۋىلارنىڭ ئۇچۇرىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن بىرگە يەنە باشقا نىرۋىلارغا ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ .نىرۋىلار ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە تۇتۇشىشى ھەر تەرەپكە تۇتاشقان ۋە توسقۇنسىز بۇلىدۇ .بۇنداق ناھايتى زور ئۇچۇر قانىلى بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەپەككۇر ،ئەقلىي بىلىش ،ئەستە ساقلاشنى ئېلىپ بارالايدۇ . ئادەم مىڭىسى بىر تىرلىيۇن ئۇچۇر بىرلىكى ساقلىيالايدۇ .تەخمىنەن 500مىليۇن كىتاپقا توغرا كىلىدىغان بىلىمنىڭ ئۇمۇمىي قىممىتى بىلەن تەڭ ( بۇكىتاپلارنى ئوقۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى بۇلۇش ئۈچۈن ،بىر ئادەم كۈندە بىر كىتاپتىن ئوقۇسىمۇ ،بىر مىليۇن 360مىڭ يىل سەرىپ قىلىدۇ ) .بىر ئادەمنىڭ يېشىنى 100ياش ھىساپلىساق ،ھەرسىكىنۇتتا 10ئۇچۇر كىرىدۇ دەپ پەرەز قىلساق 300مىليۇن ئۇچۇر بىرلىكىنى قۇبۇل قىلىدۇ ،بۇئۇچۇرلار چوڭ مىڭىنىڭ غايەت زور ساقلاش مىقدارى ئالدىدا ناھايتى كىچىك بىرلىك ھىساپلىنىدۇ .گەرچە چوڭ مىڭىنىڭ ئۇچۇر ساقلاش سىغىمى شۇنچە زور بولسىمۇ ،دەۋرىمىز تەرىپىدىن تالانت ئىگىسى دەپ قارالغان ئېينىشتىيىمۇ 10% ئىشلىتەلىگەن ئەمەس. قالغان يوشۇرۇن قىسمى ئىشلىتىلمەي تۇرۇدۇ .بۇئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى بۇلىدۇ ،دەپ كىسىپ ئېيتالايمىز .ھالقىلىق يېرى بىز توغرا بولغان تىز كىرگۈزۈش ،بىخەتەر ساقلاش ،چىقىرىش شەكلىگە ئېھتىياجلىق . گەرچە چوڭ مىڭىنىڭ سىرى پۈتۈنلەي ئېچىلمىغان بولسىمۇ ،بىراق پەن تېخنىكىنىڭ توختاۋسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەر چوڭ مىڭگە ئائىت نۇرغۇن سۇئاللارغا جاۋاپ تاپتى .بۇتەتقىقاتلار نەتىجىسى كونكىرىت ھالدا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تەرەپلىرىدەئىپادىلەندى .مەسىلەن :ئەستە ساقلاش دەقىقە ئىچىدە ئەستە ساقلاش ،قىسقا مەزگىللىك ئەستە ساقلاش ،ئۇزاق مەزگىللىك ئەستە ساقلاش ،ئۇيقۇنىڭ ئەستە ساقلاشقا بولغان تەسىرى ئۇنتۇش قانۇنىيىتى ،ئەستە ساقلاش كەڭلىگى ،باغلاپ ئەستە ساقلاشنىڭ ئەستەساقلاشقابولغان ئالاھىدە ئۈنۈمى قاتارلىقلار .مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي قانۇنيەتلەر بىزنىڭ ئۈگۈنۈشىمىزگە ،ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلىشىمىزغا نۇرغۇن پايدىلىق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى .كىشىلەر بۇنىڭدىن باغلاپ تەسەۋۇر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئەستەساقلاش ئىقتىدارىنى ناھايتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بارلىقىنى بىلىپ يەتتى .بۇنىڭ بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى چۈش بولماي ھەقىقىي بولغان ،ھەممەكىشىلەر ئۆگۈنىۋاللايدىغان ئاددىي ئۇسۇلغا ئايلاندى . مەنبەسى ؛ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى |
|