كۆرۈش: 240|ئىنكاس: 2

مانا بۇ ــــ بەخىت

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      بەخىت -شەكىلسىز ،ئۇنى كۆرگىلى ،تۇتقىلى بولمايدۇ .ئۇنى پەقەت ئۆزىڭىزلا ھىس قىللايسىز .
ئۆي ،ماشىنىنىڭ بۇلىشى بەخىتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ .ماشىنا ئىچىدە مىھرىبانلىق ،ئۆيدە ئىللىقلىق بولسا ،مانا بۇ بەخىت ھىساپلىنىدۇ .ياخشى نىمەتلەرنى يەپ -ئىچىش بەخىتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ؛ ئايالى غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ  ئېتىپ بەرگەن لەڭمەننى يىيىش ،ئېرى ئالايتەن دەملەپ بەرگەن قىزىل گۈلى چېېيىنى ئىچىشنىڭ ئۆزى بەخىت ھىساپلىنىدۇ .داڭلىق ماركىلىق كىيىم -كىچەكلەرنى ،داڭلىق ئاياغنى كىيىش بەخىتكەۋەكىلىلك قىلالمايدۇ ؛كىيىم -كىچەككە كۈلۈپ تۇرۇپ ياكى تىللاپ تۇرۇپ دەزمال سېلىپ بىرىدىغان ياكى ئاياغ كىيىمدىن چىققان غەلىتە پۇراقلارغا پىسەنىت قىلماي ،ئۇنى تازلاپ بىرىدىغان ئادەمنىڭ بۇلىشى بەخت ھىساپلىنىدۇ .دورا دەرمەك سېلىنغان شورپا ،قىممەت باھالىق دورىلارنى ئىچكەندە كۆزىنى مىت قىلىپ قويمايدىغانلار بەخىت ھىساپلانمايدۇ .ساغلام تەنگە ئىگە ،ئاپتاپقا قاقلىنىپ ،بازار ئارلاپ يۈرەلەيدىغانلار بەختلىك ھىساپلىنىدۇ .
       كۆپ ساندىكى كىشىلەر سىزنى مۇۋاپىىقىيەت قازاندى دەپ قارىسا ،بەخت ھىساپلانمايدۇ .ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش يولىدا ھىس قىلغان خوشاللىقىڭىز ۋە ھاسىلاتىڭىزلا بەخت ھىساپلىنىدۇ .نۇرغۇن دوستلىرڭىزنىڭ سىزنى ئارىغا ئېلىپ كۈلكە -چاقچاق قىلشى بەخت ھىساپلانمايدۇ ؛قەلبىڭىزدىكى ھەقىقىي خوشاللىقلىرڭىز ،دەرت-ئەلەملىرڭىزنى  ئاڭلايدىغان كۆڭلىڭىزدىكى ئادەمنىڭ بۇلىشى بەخت ھىساپلىنىدۇ .دۆلەتمەن ئائىلىگە ياتلىق بۇلۇش ياكى نەسەپ جەمەتى يۇقىرى ئائىلىنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئېلىش بەخت ھىساپلانمايدۇ .بىر-بىرنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك باش قوشىشى بەخت ھىساپلىنىدۇ .
      ياش ۋاقىتلىردا كۆتۈرەڭگە روھ بىلەن كۈننىڭ چىقىشىنى تاماششا قىلىش بەختكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ .چاچ-ساقاللىرى ئاقىرىپ ،پۇت قوللىردا دەرمان قالمىغاندا ،بىر-بىرنى يۆلەشكەن ھالدا كوچىدا سەيلى قىلشنىڭ ئۆزى بەخت ھىساپلىنىدۇ .پەرزەنتلەرنىڭ ياراملىق ،قابىليەتلىك بۇلىشى بەخت ھىساپلانمايدۇ .ئۇلار ۋاختى-ۋاختىدا ئۆيگە كىلىپ سىزنى يوقلاپ تۇرسا ،سىزبىلەن ھاڭ-مۇڭ بۇلسا شۇنىڭ ئۆزى بەخت ھىساپلىنىدۇ .بالا-چاقا ،نەۋرە-چەۋرىلەر بىلەن بىر ئۆيدە خۇشال -خۇرام ئۆتۈش بەخت ھىساپلانمايدۇ .كىسەل بۇلۇپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا ،يېنىدا ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەمنىڭ بۇلىشى بەخت ھىساپلىنىدۇ .سىپايگەرچىلىك بىلەن باشقىلارغا كۆز-كۆزقىىلش بەخت ھىساپلانمايدۇ .ئۆيگە كەچ قالغاندا قارشى تەرەپتىكى تېلىغۇن توروپكىسىدىن «سىزنى ساقلاۋاتىمەن » دىگەن گەپنى ئاڭلاشنىڭ ئۆزى بەخت ھىساپلىنىدۇ .
       بەخت باشقىلارغا كۆرسەتكلى بۇلىدىغان نەرسە ئەمەس ،ئۇنى پەقەت ئۆزىڭىزلا ھىس قىلالايسىز .شۇڭا بەختىڭىزنى قەستەن باشقىلارغا كۆز-كۆزقىلىشقا ئۇرۇنسىڭىز ،بۇسىزنىڭ ئەمىليەتتە ئۇنچىۋىلا بەخىتلىك ئەمەسلىگىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ .ئەكسىچە كۆزىڭىزدە رازىمەنلىك ۋە ھاياجانلىق نۇرلارنىڭ چاقنىىشى ھەقىقي بەخت ھىساپلىنىدۇ .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-14 12:53:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەختنىڭ تۈرى يوقۇرىدا بايان قىلىنغاندەك ئنتايىن كۆپ، ئەقىللىق ئادەم ھەرقانداق بىر ئىشتىن ئۆزىگە خۇشاللىق بەخت ئىزدەپ تاپالايدۇ......ئاددىسى مۇنبەردىكى تېمىلارنى ئالساق، تېمىغا نىسبەتەن ئىجابى جاۋاپنى قايتۇرىدىغان بولسىڭىز تېما ئىگىسى ئەلۋەتتە خۇشال بۇلىدۇ، كىچىككىنە شۇ خۇشاللىق ئۇنىڭغا بەخت ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن، پىچەك تېمىكەن، پىچەك شېئىركەن دەپ ئۆزىڭىز خالىغانچە بىرنىمىلەرنى يېزىپ قويسىڭىز تېما ئىگىسىلا ئەمەس ئۆزىڭىزمۇ مەن   بەختلىك دىيەلمەيسىز ئەزىز.    تېمىغا مۇناسىۋەتسىز مەزمونلارنى يېزىپ قويدۇم، كەچۇرەسىلەر...
ۋاقتى: 2014-2-15 11:51:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ھەر بىر كۈنىمىزدىكى بەختىمىزنى ھېس قىلىشىمىز كېرەك .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش