كۆرۈش: 338|ئىنكاس: 1

ئوغلۇمغا يېزىلغان خەتلەر ( بىر ئاتىنىڭ سەممىمىي نەسىھەتلىرى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   ئامېركا يازغۇچىسى كېنىت نېبورننىڭ« ئوغلۇمغا يېزىلغان خەتلەر» دىگەن كىتاۋى ئامېركىدا ھەممە ئائىلىلەرنىڭ «ئوقۇشلۇق كىتاب»ىغا ئايلانغان 12خىل تىلدا نەشىر قىلىنغان يەر شارىدىكى تىراژى 2مىليۇنغا يەتكەن بۇلۇپ ،قانداق بولغاندا ئەركەك ھىساپلىنىدۇ ؟ھاياتقا قانداق يۈزلىنىش كىرەك ؟مۇھەببەتكە قانداق قاراش كىرەك ؟دىگەن تىمىلار ئۈستىدە مەزكۇر كىتاپ ئاپتورى ئۆز ئوغلىغايازغان خىېتىنى نەسىھەت تەرىقىسىدە كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان .توختى ھاجى تىللا ئەپەندى ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلغان بۇلۇپ ، بۇكىتاپتا ئاپتورنىڭ ئاجايىپ ئەقىل -پاراسىتى ۋە مول كىشىلىك تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرنى نامايەن قىلىپ بىرىدۇ ،كىنىت كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئۈستۈن يېزىش ماھارىتى ،ئاددىي ،چۈشۈنۈشلۈك تىل ئۇسلۇبى بىلەن كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم تىما بولغان تۇرمۇشتىكى چوڭ ئىشلار قايسىلار ؟دىگەننى بىۋاستە ئۇقتۇردى .بىز ھەممىمىز بەختىيار ،كۆڭۈللۈك ۋە ئاقىلانە تۇرمۇشقا ئىنتىلىمىز ،مەزكۇر ئەسەردىكى نەسىھەتلىك پارچىلارنى كەڭ تورداشلارغا سۇندۇم ،1.ئۆزۈمىزدىكى ئاسارەتنى بۇزۇپ  تاشلاشنىڭ بىردىن بىر يولى باشقىلارغا بىرىش ،ئەمما ئۇنىڭدىن ياندۇرۇشنى تەلەپ قىلماسلىق 2.قايغۇ -ھەسرەت ئازاپ ئۇقۇبەتتىن قورقما ،ئۇلار ساڭا ئادەتتىن تاشقىرى ئىجابىي كۈچ ئېلىپ كىلىدۇ .3.ئەگەر بىز دۇنياغا ئۆز پىكىرىمىزدە چىڭ تۇرۇۋالماي ،باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ يۈزلىنىدىغان بولساق ،ئۇچاغدا تۇرمۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھس قىلالايمىز .4.بىلىم سىرىتقى نەرسە ،بىزنىڭ كۆرگەن شەيئىلەرگە بولغان تۇنۇشىمىز ؛ئەقىل ئىچكى نەرسە ،شەكىلسىز شەيئىلەرگە بولغان چۈشەنچىمىز ،بۇئىككىسى تەڭ ھازىرلانغاندىلا تولۇق تەرەققىي قىلغان كىشىلەردىن بۇلالايسەن .5.ئەگەر بىز ئۈمۈتنى تۆۋەنلىتىدىكەنمىز ،شىرىن خىياللىرمىزنى يوقاتقان بۇلىمىز ،شىرىن خىيالىرمىز يوقالسا تۇرمۇشنىڭ مەنىسى بولمايدۇ .6.بايلىقنى سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقان .ئەگەر ئۇ سىنىڭ باشقىلارغا بېغشلاش ئقتىدارىڭنى يۇقىرى كۆتۈرەلىسە ياخشى بولغىنى ،سىنى ئۆزەڭگە تېخمۇ ئېتىبار بىرىدىغان قلىپ قويسا يامان بولغىنى ،ئۇنىڭ مەنىسىگە ئۆزەڭ تەبىر بەرگىن .7.بىرىش بىرخىل ئىجادىي ھەركەت ،سەن باشقىلارغا بەرگەن چېغىڭدا ئۆزەڭنى باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك ھىس قىلىسەن .8.ئەگەر سەن پۇل تېپىشنىلا بىلسەڭ ،تۇرمۇشۇڭ ھېچ نەرسە كىرەلمەيدىغان ۋە ھېچ نەرسە چىقالمايدىغان مەھكەم قۇلۇپلاقلىق بىخەتەر ساندۇق بۇلۇپ قالىدۇ .9.مەن ھاراق بىلەن زەھەرلىك چىكىملىكنى ئەڭ چوڭ ئالدامچى دەپ ئاتايمەن ،چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى يۇشۇرۇپ مىڭلىغان كىشىلەرنى ئەخمەق قىلىدۇ .دەسلەپتە ئۇلار كىشىنى روھلاندۇرشى مۇمكىن ،ئەمما ئاخىردا ھاياتىمىزنى قارا بۇلۇتتەك باسىدۇ .10.دەرت ۋە ئازاپقاتۇتقان پۇزۇتسىيە بىزنىڭ كۈچۈمىزنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم .ئازاپ ئالتۇن تاۋلايدىغان ئوت ،ئۇسىنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرىدۇ .11.سەن خاتا ھالدا، قورقۇش ئاجىزلىق ،بويسۇندۇرۇش كۈچلۈكلۈك دەپ قارىماي ،تېخىمۇ يۈكسەكلىكتىكى ئىنسان قەدىر -قممىتىنى بىلىشنى ئۆگۈنۈۋېلىشىڭ لازىم .12.ساياھەت قىلغىنىڭدا ئائىلەڭ ۋەيۇرۇت ماكانىڭدىن ئايرىلىسەن ،مول ۋە رەڭگارەڭ دۇنيا ساڭا قۇچاق ئاچىدۇ ،ئويلاپ باقمىغان كىشىلەرنى ئۇچۇرتىسەن ،تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىىلدىغان مەنزىرلەرنى كۆرىسەن ... قايتىپ كەلگىنىڭدە يىپيېڭى بىر ئادەمگە ئايلىنىسەن .13.سەن ھاياتىڭدىكى  مەيۈس چاغلارنى ئىزدەپ تېپىشنى ئۈگۈنۈۋال ،چۈنكى ئۇ بىباھا گۆھەر .14.ھەممىمىز كىشىلەر تەرىپىدىن باھالىنىش قورقۇنچى ئىچىدە ياشايمىز .كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى بوشلۇق ئەمىليەتتە ئىچ-ئىچىدىن قىلنىغان غەمخورلۇق بىلەنلا تولدۇرلىدۇ.15.بىز ئەر بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاياللارغا ياردە م بىرىپ ،ئۇلارنى ئۆزتۇرمۇشى ئۈستىدە غەم ئەندىىشىسىز ئىزدىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگەقىلىشىمىز لازىم .16.مۇھەببەتنىڭ ئۆزۋاختى ئۆزپەسلى بار كىلىشى ،كىتىشنىڭمۇ سەۋەبى بار .سەن ئۇنى پارەبىرىش ،مەجبۇرلاش ياكى تەلىم بىرىش ئارقىلىق ساقلاپ قالالامايسەن .17.ئاق -كۆڭۈل كىشىلەر ھامان ياشانغانلارنىڭ ئۆتمۈشىنى ،ئەقىل پاراسىتىنى كۆرۈپ يىتىدۇ ،ئۇلاردىن مىننەتدار بۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدۇ ،چۈنكى ئۇلار بىزگە ھاياتلىق بەخىش ئەتكەن .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-7 13:33:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغايسىز رەخمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش