كۆرۈش: 363|ئىنكاس: 4

سىز كومپىيوتىرىڭىزنىڭ "قوشۇش ۋە ئۆچۈرۈش" پىراگىراممىسىنى تەكشۈرۈ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەركىزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-30 21:03  

ھۆرمەتلىك بايقاش ئەھلى، تۆۋەندە مەن كومپىيوتىردىكى كىچىككىنە بىر چارىنى سۆزلەپ ئۈتمەكچى، كومپىيوتىر بىلەن شوغۇللىنىدىغان ھەربىر ئادەم ئۈچۈن يۇلىقىدىغان بۇ مەسىلىنى ھەرگىزمۇ "كىچىك" دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئەگەردە سىز بۇ مەسىلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ماڭمىسىڭىز، كومپىيوتىرىڭىزنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى، تور سۈرئىتى......گە بەلگىلىك توسالغۇ بولىدۇ، سىز كومپىيوتىرىڭىزنىڭ "قوشۇش ۋە ئۆچۈرۈش"(添加删除) پىراگىراممىسىنى تەكشۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ كۆزنەكتىكى سىز قاچىلىشان دىتاللار ياكى سېستىمىلار قاتار (ئاستى-ئۈستى يۈنىلىشىدە) تۇرامدۇ ياكى ئوتتۇرىدا بوشلۇق بارمىكەن؟ ناۋادا بوشلۇق بولسا سىز بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟ ياكى كارىڭىز بولماي يۈرىۋەردىڭىزمۇ؟ بۇ ئىشقا ھەرگىز سەل قارىماڭ.... بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1. كومپىيوتىرىڭىزنىڭ ئۈستەل يۈزىدە "باشلاش"(开始) كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، "ئىجرا قىلىش"(运行)نى چىكىڭ، تۆۋەندىكى كۆزنەكتىكىدەك تولدۇرۇڭ

ئاندىن "مۇقۇملاڭ"(确定)، تۆۋەندكى كۆزنەك ئىچىلىدۇ.

بۇنىڭدىن   
[HKEY_LOCAL_MACHINE\SOFTWARE\Microsoft\Windows\CurrentVersion\Uninstall\{5783F2D7-0101-0804-0002-0060B0CE6BBA}]
يۇقارقدىكى مەزمون بۇيىچە مەشغۇلات ئىلىپ بېرىڭ، تۆۋەندىكى كۆزنەك ئىچىلىدۇ، تەڭشەيدىغان ئورۇن دەل مۇشۇ كۆزنەكتە

(سىز كومپىيوتىرىڭىزغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنى قاچىلىغان بولسىڭىز، يوقۇردا مەن دىگەن ئالامەت كۆرۈنىدۇ، مەن قاچىلىغان بولغاچقا، شۇ مەسىلىگە يولۇققان).
يۇقارقى كۆرۈنۈپ تۇرغان كۆزنەكتىكى، سىز كومپىيوتىرىڭىزغا قاچىلىغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ نامىنى تېپىپ، بىرچەكسىڭىز ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە DisplayIcon  بۇ خەتنى كۆرۈسىز، بۇنى قوش چىكىڭ

بۇ كۆزنەكتىكى ئەڭ ئاخىرىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان 1 نى 0گە ئۆزگەرتىۋىتىپ، مۇقۇملاڭ (确定)، مەشغۇلاتنى ئاخىرلاشتۇرۇڭ
ئەمدى "قوشۇش ۋە ئۆچۈرۈش"(添加删除) پىراگىراممىسىنى ئىچىپ قاراپ بىقىڭە، ئوڭشالغاندۇ؟

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-30 21:20:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر بىلىم ئېلىپ كەپسىز ، رەھمەت سىزگە ، داۋاملىق مۇشۇنداق تورداشلارغا ئەمىلىي نەپ بېرىدىغان تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي !!!
ۋاقتى: 2014-1-30 21:28:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيۇتىرلارنىڭ قېتىپ قالماسلىقىدىن ئەنسىرمىسەكمۇ بولغۇدەكتە . رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-1-30 21:38:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەلۋە تازا چۈشىنەلمىدىممۇ قانداق؟
ۋاقتى: 2014-2-2 21:24:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە .بىلىۋالدىم .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش