كۆرۈش: 312|ئىنكاس: 3

يانفون، كومپيۇتېرنىڭ ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھازىر يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ بىرىنچى قاتىلىغا ئايلانماقتا . جۇڭشەن ئۈنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى كۆز كېسىلى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى لۇ جىنخۇانىڭ ئېيتىشىچە، يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆزىگە بولغان زىيىنى تېلېۋىزورنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنىنىڭ 12 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.   ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، كىتاب ئوقۇش، كومپيۇتېر، يان تېلېفون بىلەن مەشغۇلات قىلىش ۋاقتى زىيادە ئۇزاق بولۇپ كەتسە، ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسنىڭ تەكلىپى: بالىلارنىڭ يېقىندىكى نەرسىگە قارىغان ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، چوقۇم دەرھال كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش كېرەك، بەش مېتىر ئارىلىقتىكى نەرسىلەرگە قاراپ بەرگەندە، كۆزگە بولغان پايدىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى:
   1.كۆز چارچاش. بەزى بالىلارنىڭ كىتاب، كومپيۇتېر، يان تېلېفون كۆرگەن ۋاقتى ئۇزارغانسىرى، خەتلەر قوش كۆرۈنىدىكەن، بېشىنى كۆتۈرۈپ نەرسىلەرگە قارىغاندا، ئېنىق پەرق ئېتەلمەيدىكەن، نەرسىلەر تەۋرەنگەندەك كۆرۈنىدىكەن. بۇلار كىرپىكسىمان مۇسكۇللارنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، كۆزنىڭ چارچىشىدىن كېلىپ چىقىدىكەن.
   2.كۆز سىرتى ياللۇغلىنىش. بىر قىسىم ياش – ئۆسمۈرلەردە دانچە ئىششىق، يىڭناسقۇ ياكى قاپاق گىرۋىكى ياللۇغى قاتارلىقلار تەكرار كۆرۈلىدىكەن. بەزىلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى 1.0 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن، بۇ ئالامەت سىزنىڭ ئاللىبۇرۇن يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىڭىز ھېسابلىنىدىكەن.
3.بىر نەرسە رېئاكسىيە قىلىۋاتقاندەك سەزگۈدە بولۇش. كۆز چارچىغاندا، كۆپىنچە بالىلاردا كۆزى ئوتتەك قىزىپ كېتىش،قىچىشىش، قۇرغاقلىشىش، ئاغرىق كېڭىيىش، ئېغىرلاشقاندا ئاغرىق كۆز چانىقىدىن كېڭىيىپ ھەتتا بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىش، گەجگە، بويۇن، مۆرە ئارقىسى سىرقىراپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇمۇ كۆز سەزگۈ نېرىپلىرىدە چارچاش خاراكتېرلىك زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا بولغانلىقتىن بولىدىكەن.
   4. بەدەن نېرىپلىرى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى. ئەسلىدە ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بالىلاردا، ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، دەرس ئۆتۈلۈۋاتقاندا دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئىنكاسى تۆۋەنلەش، تېرىككەك بولۇپ قېلىش، ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىش، كۆپ تەرلەش، بېشى قېيىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. بۇمۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ يىقىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدىكەن.

مەنبە:ئۇيغۇر يانفۇن تورى   ئاپتورى:dunya

قوشۇمچە:
تۆۋەندىكى فىلىمنى كۆرۈپ ، ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ رادىئاتسىيەسىنى چۈشىنىپ بېقىڭ:

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-19 19:11:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئوقۇۋاتقان چاغلاردا نەدىمۇ كومپىيوتېر ، نەدىمۇ يانفۇن بولسۇن ، لىكىن ھازىر بولسا يانفۇن دىگەن بۇ ئاتالغۇ چىققاندىن باشلاپ بەزىبىر ئاتا-ئانىلىرىمىز  باللىرىنىڭ ئورۇنسىز جىدەل قىلىشىغا ئىچ ئاغرىتىپ يانفۇن ، كومپىيۇتېر دىگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرمەكتە ... بۇ نەرسىلەرنىڭ زىيىنىنى ئەمەلىيەتتە كۆزىمىز كۆرمەيدۇ .. ئەڭ ئاخىرى  بۇ رەھىمسىز قاتىلنىڭ سەۋەبىدىن پۈتمەس تۈگىمەس باش ئاغرىقى كىلىپ چىقىدۇ ، ئاشۇ ئاتا ئانىلىرىمىز شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ ئەلبەتتە . .... بۇ نەرسىلەرنىڭ كۆزدىن باشقا ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ نۇرغۇن قىسمىغا زىيىنى بار .. بۇنى تەتقىقاتلارچىلار ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولغانغۇ دەيمەن.. شۇڭا دەيمەن ..ھۆرمەتلىك ئاتا - ئانىلار  پەرزەنتىڭىز سىزنىڭ يۈرەك پارىڭىز .. سىز يۈرەك پارىڭىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتلىشى ، كەلگۈسىدە ياراملىق ئىز باسار بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ تىگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىپ ، سەبى قەلىبلەرنىڭ زەخمە زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالساق ..  تېما ئىگىسىگە رەھمەت... جاپا چېكىپسىز...
ۋاقتى: 2014-1-19 21:42:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش ئۆسمۈرلەرگە بۇ جەھەتتىكى تەربينى قاتتىق كۈچەيتىش تۇلىمى زۈرۈلدەك قىلىدۇ . ھازىر جەمىيەتنىڭ تەرققى قىلىشىغا ئەگىشىپ يانفۇن ۋە ئۇچۇر دەۋرىمۇ كۈندىن كۈنگە تەرەققى قىلىپ كىتىۋاتىدۇ . لېكىن مەن ئويلايمەن . يانفۇننىڭ  ئىنتايىن تىز تەرققى قىلىشى كۆمپىيوتۇرنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان ھالەتنى ئىگەنلەپ كىلىۋاتىدۇ . ھازىر جەمىيەتتىكى كىشىلەرگە قارايدىغان بولساق چۇڭىدىن- كىچىككىگىچە ھەممە ئادەمدە يان تېلىپۇن بار بولدى . ئۇلار كىچە ھەم كۈندۈزدە بىيكار ۋاقىت بولسىلا شۇ قۇلىدىكى تېلىپۇنغا قاراپ . ھەر نىمىلەرنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۈرۋاتىمىز . ھەم ئۇلار ئاخشىمى بىر ۋاخقىچە ئۇخلىماي يوتقاندا يېتىپ  ۋىيشىن ئوينايدىغان يامان ئىللەتلەرنى يوقتۇرۋالماقتا . شەخسەن مەنمۇ ئاخشىمى تېلىپۇن بىلەن ھەپىلەشمىسەم ئۇيقۇم كەلمەيدىغان ئەجەپ بىر خىل خمار بولغان ھالەتلەرگە كىرىپ قالدىم . بۇخىل ئەھۋال جەمىيتىمىزدىكى 95% ئادەمدە بار دەپ قارايمەن . شۇڭا بۇ جەھەتتە ياش ئۆسمۈرلەرگە ۋە باللىرىمىزغا يانفۇن ۋە كومپىيوتۇر ئوينىماسلىق توغىرسىدىكى تەربىيەنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ئىشلىشىمىز تۇلىمۇ زۈرۈل دەپ قارايمەن
ۋاقتى: 2014-1-20 23:23:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفۇننىڭ  ئىنتايىن تىز تەرققى قىلىشى كۆمپىيوتۇرنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان ھالەتنى ئىگەنلەپ كىلىۋاتىدۇ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش