بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-14 01:46
ئىللىقلىق ھەممىلا يەردە نۇر چاچقۇسى
“ 2014 - يىلى 1- ئاينىڭ 13 - كۈنى « ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى» تۇرپان ۋىلايىتىدىكى « تۇرپان شەھەرلىك يار ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن تۇرپان شەھەرلىك ئايدىڭكۆل ئوتتۇرا مەكتەپ » تە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردۇق . بۈگۈنكى پائالىيەتتە ئىككى مەكتەپتىن جەمئىي يەتتە نەپەر ئوقۇغۇچىغا قىشلىق كىيىم - كېچەك، ئوقۇش قوراللىرى بىلەن مېھرىبانلارنىڭ ئىسسىق كۆڭلىنى يەتكۈزدۇق ھەم ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇشىغا مەدەت بەردۇق . بۇ قېتىمقى پائالىيەت بۇ سەبىلەرنىڭ ئازراق بولسىمۇ قىيىنچىلىقىنى يېڭىشىگە ياردەم بولۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى . بۇ سەبىلەر بارلىق مېھرىبانلارغا رەھمىتىنى ھەم ئوتلۇق سالىمىنى ئەۋەتتى .
تۇرپان ئايدىڭكۆل ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈلمەكتە
تۇرپان يار ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈلمەكتە
بۇ پائاليەتتىن تەسىرلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار« ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى » غا چەكسىز تەشەككۇرلەر ئېيتتى ، ھەم ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ ئۇيۇشمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ ئۈگىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ئەسكەرتىش : ئاللاھ خالىسا مانا مۇشۇنڭىغا ئوخشاش پائاليەتلىرىمىز ئۆزلۈكسىز قانات يايدۇرۇلىدۇ . شۇڭا « ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى » دىكى مېھرىبانلارنىڭ ، رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت ،ئوبلاستلاردىكى مەكتەپلەردە قىيىمچىلىقى ئېغىر ،ئىگە چاقىسىز ، ئۆزى قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ تىرىشىپ ئوقۇۋاتقان ئوبىكىتلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆرسىتىپ ، ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسىدىكى مېھرىبانلارنىھەر تەرەپتىن قوللاپ بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز . ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى كوللىگيىسى |