| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەختىيار(بايقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-24 09:57
Office تىن بىر قانچە ئەپچىل ماھارەتلەر 1.بەت لايىھىلەش كۆزنىكىنى تېز ئېچىش بەت لايھىلەشتە ھۆججەت تىزىملىكىدىكى بەت لايىھىلەش تۈرى ئارقىلىق بەت لايھىسىنى بېكىتىشكە بولىدۇ،لېكىن بۇنى تېز سۈرئەتتە قىلماقچى بولساق ھۆججىتىنى ئېچىپ بەتتىكى شكالا بار ئۇرۇننىڭ ئۈستىگە مائۇسنى قوش چەكسىڭىز بەت لايىھىلەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. نىڭ ھالەت سىتونىدىكى بەت،قۇر،ئورۇن دېگەن نام بار جاينى قوش چەكسىڭىز ئالماشتۇرۇش ۋە ئىزدەش كۆزنىكىنى تېز ئېچىش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز. نىڭ قورال سىتونىدىكى بوش ئۇرۇنغا چەكسىڭىز تىزلەتمە قورالنى قۇشۇش ۋە چىقىرىۋېتىشنى ئۆزى بەلگىلەش كۆزنىكىنى تېز سۈرئەتتە ئاچالايسىز. 2.تىك ۋە توغرا شەكىلدىكى بەتلەرنى ئارىلاش لايىھىلەش ئۇسۇلى 1)قىستۇرۇش تىزىملىكىدىن نى تاللايمىز. 2)ئېچىلغان كۆزنەكتىن كىينكى بەتنى تاللاپ چېكىنىمىز،بۇ چاغدا نۇر بەلگە ئىككىنچى بەتكە ئۆتىدۇ،بۇ بەتتە تۇرۇپ بەت لايھىسىنى قانداق بېكىتسەك شۇ بويىچە لايىھىلەش مەقسىدىگە يېتەلەيمىز. 3.Word دا تىز سۈرئەتتە تەرتىپ نومۇرى كىرگۈزۈش بىز Word دا جەدىۋەل بىر تەرەپ قىلغان ۋاقتىمىزدا، كۆپىنچە ھاللاردا تەرتىپ نومۇرى كىرگۈزىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ. لىكىن Excel دەك چاشقىنەك بىلەنلا سۈرۈپ قىلغىلى بولماىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن: ئالدى بىلەن تەرتىپ نومۇرى سالماقچى بولغان كاتەكچىلەرنى تاللايمىز. ئاندىن 格式—项目符号和编号 نى تاللاپ项目符号和编 دىئالوگ رامكىسىدىن 编号 تاللاش كارتىسىنى چىكىمىز. سولدىن سانىغاندا ئىككىنچى تۈردىكى 1. 2. 3. دىگەننى تاللايمىز. ئاندىن ئاستىدىكى 自定义 كونۇپكىسىنى بىسىپ، چىققان دىئالوگ راكىسىنى 字体 نىڭ سول تەرىپىدىكى رامكىنىڭ ئىچىدىكى .1نىڭ يېنىكى چىكىتنى ئۆچۈرۈۋىتىپ، جەزىملەشتۇرشنى باسىمىز. شۇنداق بولغاندا بىز خالىغان بىر قۇرنى ئۆچۈرىۋەتسەك، ئاستىدىكى قۇر تەرتىپ نومۇرى ئاپتوماتىك ھالدا تەرتىپ بويىچە ئۇلىشىپ ماڭىدۇ. 4.Wortتا پۈتۈن جەدىۋەلنى ئۆچۈرۈشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى ئەگەر سىز word ھۆججىتى ئىچىدىكى جەدىۋەللەرنى ئۆچۈرمەكچى بولۇپ delete كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز جەدىۋەل ئۆچمەي، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. قانداق قىلغاندا پۈتۈن جەدىۋەلنى بىراقلا ئۆچۈرىۋەتكىلى بولىدۇ؟ ناھايىتى ئاددى، سىز پەقەت پۈتۈن جەدىۋەلنى تاللاپ، ئاندىن Shift+deleteكۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا پۈتۈن جەدىۋەل ئۆچۈپ كېتىدۇ. بۇ بىرلەشمە كۇنۇپكا ئارقىلىق يەنە بىر جەدىۋەلدىكى پۈتۈن قۇر ياكى پۈتۈن رەتنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن پۈتۈن قۇر ياكى پۈتۈن رەتنى تاللاپ، ئاندىن Shift+deleteبىرلەشمە كۇنۇپكا بىسىلسا پۈتۈن قۇر ياكى پۈتۈن رەتنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى بولىدۇ. 5.word دا جەدۋەلدىكى يېزىق چوڭ-كىچىكلىكىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەش ئۇسۇلى WORD تا جەدۋەلگە يېزىق كىرگۈزگەندە، ئەگەر يېزىق بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، جەدۋەلنىڭ سىتون كەڭلىكى يېزىققا ماس ھالدا چوڭىيىپ كېتىدۇ ياكى ئاستىغا بىر قۇر چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەگەر سىتوننىڭ كەڭلىكى ئۆزگەرمەسلىك شەرت قىلىنغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تەڭشەش ئۈچۈن ئاۋارىچىلىق كۆرىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خەت ئارىلىقىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەپ، جەدۋەل سىتونىغا مەسلىشالايدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويساق، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىدەك: 1) WORD كۆزنىكىدە تەييارلانغان جەدۋەلنى تاللاپ تۇرۇپ، تىزىملىك سىتونىدىكى جەدۋەل (表格) نىڭ ئىچىدىكى [ جەدۋەل خاسلىقى(表格属性)] بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ جەدۋەل خاسلىقى كۆزنىكىگە كىرىمىز. 2) [جەدۋەل(表格)] تاللانما تۈرىدىن [تاللاش تۈرى(选项)]كۇنۇپكىسىنى چېكىپ،[جەدۋەل تاللانما تۈرى(表格选项)] رامكىسىنى ئېچىپ، [ئاپتۇماتىك تەڭشەپ، مەزمۇنغا ماسلاشتۇرۇش(自动重调尺寸以适用内容)] دىگەن تۈرنىڭ ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋېتىپ ، [جەزملەشتۇرۇش(确定)] كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، [ جەدۋەل خاسلىقى ( 表格属性)] دىگەن كۆزنەككە قايتىپ كېلىمىز. 3) [ئېلىمىنت(单元格)] دىگەن تاللانما تۇرنىدىن [تاللاش تۈرى(选项)]كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، [ئېلېمىنت تاللانما تۈرى(单元格选项)] دىگەن رامكىنى ئېچىپ، [يېزىقنى ماسلاشتۇرۇش(适用文字)] دىگەن تۈرنى تاللاپ [جەزملەشتۇرۇش(确定)] كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئاندىن [جەدۋەل خاراكتىرى( 表格属性)] كۆزنىكىگە قايتىپ،[جەزملەشتۇرۇش(确定)] كۇنۇپكىسىنى چېكىپ كۆزنەكنى تاقايمىز. قېنى ئەمدى سىناپ بېقىڭ، ئەمدى جەدۋەلگە يېزىق كىرگۈزسىڭىز، يېزىقنى جەدۋەل سىتونىغا ماسلاشتۇرۇپ تىزىپ بېرىدۇ. 6. Word 2003 دا بەت سېلىشتىن بىر ھۈنەر ھەممىمىزگە مەلۇم، ئادەتتە ماتىرىيال بېسىپ چىقارغاندا كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنىڭ بىرىنچى بتى ئۇنىڭ چاپىنى(تېشى) بولىدۇ، ئەگەر بىز بۇ ماتىرىيالغا ئادەتتىكىدەك بەت سالغاندا ماتىرىيالنىڭ تېشىغىمۇ بەت سېلىۋىتىدۇ، ئادەتتە بىز ماتىرىيالنىڭ تېشىغا بەت سالمايمىز. ئەمدى مۇشۇ مەسىلىنى مۇنداق ھەل قىلساق بولىدۇ . 1. ماتىرىيالنى ئۇرۇپ بولغاندىن كىيىن 插入 دىن 页码 نى تاللايمىز . 2. 位置 دىن 页面底端(页脚 نى ئاندىن، 对之方式 دىن ئوتتۇرا، ئوڭ، سول،.. دىگەنلەرنىڭ ماس كىلىدىغىنىنى تاللايمىز. 首页显示页码 نىڭ ئالدىدىكى تاللىنىشنى ئېلىۋېتىمىز. 3. ئاستىدىكى 格式 نى ئاچىمىز، ئۈستىدىكى 数字格式دىن ماس كىلىغاننى تاللاپ، ئاستىدىكى 起始页码 نىڭ ئالدىغا بەلگە ئۇرۇپ، ئوڭ تەرىپىدىكى سان(ئادەتتە 1 بولىدۇ) نى 0 گە تەڭشەيمىز. ئەمدى جەزىملەشتۈرۈپ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. EXCEL دا خالىغان كاتەككە مەخپى نومۇر سېلىش ئۇسۇلى EXCEL دا جەدۋەل لايىھىلىگەندە جەدۋەلنىڭ بەزى كاتەكچىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئاشۇ كاتەكچىنىڭ ئۆزىگىلا مەخپى نومۇر ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك: 1. سىز ئالدى بىلەن EXCEL خىزمەت جەدۋىلىنى پۈتۈن تاللاڭ ئاندىن تاللانغان دائىرە ئىچىدە مائوس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ ئاندىن چىققان تىزىملىكتىن 设置单元格格式تۈرىنى بېسىڭ ئاندىن چىققان تىزىملىكتىن 保护تاللاش كارتىسىنى بېسىڭ ئاندىن锁定نىڭ ئالدىغا قويۇلغان توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىڭ. 2. سىز قوغداش ئېلىپ بارماقچى بولغان كاتەكچىلەرنى تاللاپ يەنە ئوڭ كۇنۇپكىنى چېكىڭ ئاندىن چىققان تىزىملىكتىن 设置单元格格式تۈرىنى بېسىڭ. ئاندىن چىققان تىزىملىكتىن 保护 تاللاش كارتىسىنى بېسىڭ ئاندىن锁定 نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويۇڭ. 3.工具---保护-----保护工作表 تەرتىپ بويىچە مەخپى نومۇر ئورنىتىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام سىز قوغداش پارۇلى ئورنىتىپ قويغان كاتەكچىلەرگە باشقىلار سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالماي تۇرۇپ(پارۇلنى بىلمەي تۇرۇپ) ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالمايدۇ.... 7. Excel دە ئۇچۇر ئىزدەشتىكى ئاددى ئۇسۇل ئەگەر بىر خىزمەت جەدىۋىلى بىلەن يەنە بىر خىزمەت جەدىۋىلى ئىچىدىكى ئوخشاش سانلارنى تاپماقچى بولساق ، قانداق قىلىمىز؟ئەگەر سانلىق مەلۇماتلار ئاز بولسغۇ كارايىتى چاغلىق، ئەگەر بىرەر يۈز ياكى بىرەر مىڭدىن ئىشىپ كەتكەن ، قانۇنىيەتسىز بولغان سانلىق مەلۇمات قۇرى بولسا قانداق قىلغۇلۇق؟ مەسىلەن: بىرمەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئىشلەپ چىقىشنى(50 ئادەم بار جەدىۋەل) ھەمدە بۇنى مەكتەپتىكى چوڭ تىزىملىك(1500 ئادەم بار جەدىۋەل ) بىلەن سىلىشتۇرۇپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى دەيلى. بۇ 1500 ئادەمنىڭ ئىچىدىن بىر-بىرلەپ ئىزدەپ تىپىپ چىقىشتا قانداق قىلىش كىرەك؟ بىز بۇنىڭدا ()vlookup فۇنكىسيەسىدىن پايدىلانساق ئىشنى ئاسانلا پۈتتۈرەلەيمىز. ئالدى بىلەن تاپماقى بولغان سانلىق مەلۇمات بار جەدىۋەلنى ئېچىپ، بۇ جەدىۋەلدىنى ئىچىپ، قايسى تۈر بويىچە ئىزدەشنى بىكىتىۋالمىز. يەنى بۇنىڭدا ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىردىنبىر توغرا كىلىدىغان كىملىك نومۇرى، ئوقۇغۇچىلىق نومۇرى، دىگەندەك تۈرلەرنى بىكىتىۋالىمىز. قالايمىقانچىلىق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى بۇلارنى شۇ جەدىۋەلنىڭ بىرىنچى رېتىگە يۆتكىۋالساقمۇ بولىدۇ. ياكى جايىدا تۇرغۇزۇپ ئىشلىسەكمۇ بولىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە چوڭ جەدىۋەلنى ئىچىپ، ئىزدىمەكچى بولغان تۈر (كىملىك نومۇرى، ئوقۇغۇچىلىق نومۇرى) نىڭ يىنىغا قۇرۇق رەتتىن بىرنى كۆپەيتىمىز. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت بۇ قۇرغا ئىزدەش نەتىجىسىنى چىقىرىشتىن ئىبارەت.ئۈچىنچى قەدەمدە ھازىر كۆپەيتكەن رەتكە ئىزدىمەكچى بولغان سانلىق مەلۇماتنىڭ يىنىدىكى قۇرغا تۆۋەندىكى فۇرمىلانى يازىمىز. =vlookup(b2,sheet1!a$2:a$201,1,false) فۇرمىلا ھەققىدە چۈشەنچە: بۇ فۇرمىلادا b2 دىگىنىمىز چوڭ جەدىۋەلدىكى (مەكتەپ جەدىۋىلى) b2 نومۇرلۇق كاتاكچىنى كۆرسىتىدۇ. sheet1!a$2:a$201 بولسا ئىزدەلمەكچى بولغان ئۇچۇر بار بولغان جەدىۋەل(ئوقۇتقۇچلار جەدىۋىلى) دىكى ئىزدەش رايۇنىنى بىلدۈرىدۇ.، false بولس پۈتۈنلەي ئوخشاشلىرىنى تىپىشنى بىلدۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتساق كومپىيۇتېر ب b2 نومۇرلۇق كاتەكتىكى ئۇچۇرنى ئىزدەش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار جەدىۋىلىدىكى a$2:a$201 گىچە بولغان ئورۇنلاردىن ئىزدەش ئىلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئوخشاش ئۇچۇر چىقسا كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئەگەر ئوخشاش ئۇچۇر بولمىسا N/A# خاتالىق بەلگىسنى چىقىرىپ بىرىدۇ. تۆتىنچى قەدەمدە بىز قىلىدىغان ئىش پەقەتلا فۇرمىلانى سۆرەپ ئاستىنقى قۇرلارغا تولدۇرۇپ، ئاندىن بىر قېتىم شۇ رەتنى ئاساس قىلىپ، رەتكە تىزىش ئىلىپ بېرىپ، ئۆزىمىزگە كىرەكسىز ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرىۋىتىپ، كىرەكلىك ئۇچۇرنى ئىلىپ قالساقلا بولدى. 8. Excelدا بىر كاتەكچىدىكى ئىسىم فامىلىنى ئايرىش ئۇسۇلى Excelدىكى ئارخپتا ئۇيغۇرچە ئىسىم فامىلە بىرلا كاتەكچىگە كىرگۈزۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىسىم-بىلەن فامىلىنى ئايرىم –ئايرىم ئىككى كاتەككە ئايرىش توغرا كەلگەندە تۆۋەندىكى ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ بىقىڭ! دىققەت قىلىدىغان بولساق جەدۋەلدىكى ئىسىم فامىلىسى دېگەن ئورۇندا ئىسىم بىلەن فامىلە ئوتتۇرسىدا بوش ئورۇن بارلىقىنى بايقايمىز.بىز ئايرشىنى دەل مۇشۇنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئايرىيمىز. Excelدا مەلۇم كاتەكچىدىكى سۆزنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ساندىكى ھەرپنى ئېلىش فۇنكىسىيىسىRightبىلەن سول تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ساندىكى ھەرپنى ئېلىش فۇنكىسىيىسىLeftبار.بىراق بىز ئىككى فۇنكىسىيە ئارقىلىقلار مەسىلىنى ھەل قىلالمايمىز.چۈنكى ئىسىم فامىلىنىڭ ئۇزۇنلىقى ئوخشىمايدۇ.شۇڭىلاشقا بىز مەلۇم كاتەكچىدىكى مەلۇم بىر ھەرپنىڭ ئورنىنى تاپىدىغان فۇنكىسىيەfindدىن پايدىلانساق بولىدۇ. ئىسىمنى ئايرىش ئۈچۈن ئىسىمنى ئايرىماقچى بولغان كاتەكچىگە فورمىلانى كىرگۈزىمىز. LEFT(A2,(FIND(“ “,A2)-1= فامىلىنى ئايرىش ئۈچۈن فامىلىنى ئايرىماقچى بولغان كاتەكچىگە فورمىلانى كىرگۈزىمىز. RIGHT(A2,(FIND(“ “,A2)-1= بۇ يەردىكى A2بولسا ئىسىم فامىلە يىزىلغان كاتەكنى كۆرسىتىدۇ. ئەسكەرتىش:1نى ئىلىۋىتىشتىكى سەۋەپ بوش ئورۇننىڭ ئورنىنى تاپقاندا بوش ئورۇننىمۇ قوشۇپ ھېسابلىۋېتىدۇ.شۇڭا 1نى ئىلىۋېتىمىز. بۇئۇسۇل ئارقىلىق ئەركىن مەمەت، تۇرسۇن مەمەت، ئايگۈل سىدىق دىگەنگە ئوخشاش ئىسملارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى ئايرىپ چىقىشقا بولىدۇ.
مەنبە:تور دۇنياسى(ساقلانمىلىرىم)
|
|