مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 4

نىمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ قاپىقى تارتىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

175

تېما

74

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3190 سەر
تىللا
1447 دانە
تۆھپە
2070 سەر
شۆھرەت
1855 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 19:08:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
                                         نىمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ قاپىقى تارتىدۇ؟

  ئادەمنىڭ قاپىقى بەش قەۋەتتىن تەركىپ تاپىدۇ. سىرتتىن ئىچىگە قاراپ بىرىنچى قەۋىتى تېرە، ئىككىنچى قەۋىتى تېرە ئاستى توقۇلمىسى ، ئۈچىنچى قەۋىتى كۆز ئايلانما مۇسكۇلى، تۆتىنچى قەۋىتى قاپاق پىلاستىنكىسى ، بەشىنچى قەۋىتى قاپاق بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
   كۆز ئايلانما مۇسكۇلىنىڭ مۇسكۇل تالاسى كۆزنى زىچ دەۋر قىلىپ تىزىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى كۆز جيىكىنى يېپىش ، كۆز ئالمىسىنى ھۆلدەپ بېرىش ۋە كۆزنى ئاسراشتىن ئىبارەت. كۆز ئايلانما مۇسكۇل تالاسىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى مەلۇم سەۋەبتىن توساتتىن تېز يىقىلغاندا  قاپاق تارتىپ كېتىدۇ.
   قاپاق تارتىشنىڭ سەۋەبلىرى:
   1. ياخشى ئۇخلىيالماسلىق، ئۇيقۇسىز قېلىش، قان يېتىشمەسلىك، روھىي جىددىيلىك، ئۇدا كىتاب كۆرۈش، خەت يېزىش نەتىجىسىدە كۆز زىيادە تېلىپ كېتىش، بۇنىڭدىن باشقا، تاماكا چېكىش،  ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش ئارقىلىقمۇ كۆز ئايلانما مۇسكۇلىنىڭ تالاسى يىغىلىپ قېلىپ قاپاق تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   2. يېقىن ھەم يىراقنى كۆرەلمەسلىك، نۇر يىغالماسلىق، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ، مۈڭگۈز پەردىسى ياللۇغى قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىىرى ۋە كۈچلۈك نۇرنىڭ غىدىقلىشى بىلەنمۇ قاپاق تارتىدۇ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

20

تېما

0

دوست

497

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
99 سەر
تىللا
65 دانە
تۆھپە
79 سەر
شۆھرەت
98 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 23:04:48يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!  تۆۋەندىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەزالار تارتىش ھەققىدىكى بايانى. يەنى بىزنىڭ قەدىمقى ئەسەرلىرىمىزدۇر!
ئوقۇپ باقايلى.


         ئەزالار تارتىش بىشارىتى

ئەزالارتارتىش ئادەم بەدىنىدىكى مۆجىزىلەرنىڭ بىرى،شۇنداقلا ئەزالار تارتىش بىشارىتى قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۆز بېشىدىن كۆچۈرگەن بۇجەھەتتىكى تەجرىبىللىرىنىڭ تەتقىقات يەكۈنى بولۇپ، بۇتەجرىبىلەر  پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماتىرياللاردۇر.
بىز داۋاملىق بەزىلەرنىڭ« قاپىغىم تارتىۋاتىدۇ،ئوڭ قاپىغىم تارتسا يارىشىدۇ، ياكى سول قاپىغىم تارتسا ياراشمايدۇ....» دىگەندەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.مىنڭمۇ شۇنداق بولغان. ئاخىرى بۇھەقتە ئىزدىنىشكە باشلىدىم. ھەم بۇماتىريال قولۇمغا چۈشۈپ خېلى كۆپ بۇھەقتىكى بىشارەتلەر ئۆز بېشىم ئارقىلىق تەجرىبىدىن ئۆتتى. ماتىريالدا شۇنداق دىيلىدۇ؛
راۋايەت قىلىنىشىچە دانىيال ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپتۇ؛ ئەگەر كىشىنىڭ   كۆزى يەكشەنبە كۈنى تارىتسا، خوشاللىق بولۇر. ئەگەر دۈشەنبە كۈنى تارىتسا ئىشلىرى راۋان بولۇر. ئەگەر سەيشەنبە كۈنى تارىتسا ھەرئىشتىن ھەزەر قىلماق كىرەك.ھەرخىل خاپىلىقلار كىلىشى مۈمكىن(بۇتەجرىبىدىن ئۆتتى). ئەگەر چاشەنبە كۈنى تارىتسا سەپەر قىلۇر. ئەگەر پەيشەنبە كۈنى تارىتسا خوشاللىق بولۇر. ئەگەر جۈمە كۈنى تارىتسا مۇرادى ھاسىل بولۇر. ئەگەر شەنبە كۈنى تارتسا مىھمان كىلۇر، ياكى مىھمانغابارۇر. ئوڭ قۇلاق قىزىسا(غوڭۇلدىسا) ئەركىشى گىپىنى قىلغان، سول قۇلاق قىزىسا ئايال كىشى گىپىنى قىلغانلىقنىڭ بىشارىتىدۇر.
بەدەننىڭ ئوڭ تەرەپ ئەزالىرىنىڭ تارىتماقنىڭ بايانى؛
1-ئەگەر كىشىنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆپىسى تارىتسا دۆلەت تاپار.
2-باشنىڭ تۆپە چۆرىسى تارىتسا رىزقى زىيادە بولۇر.
3- بېشىنىڭ ئالدى تەرىپى تارىتسا ئەيشى ئىشرەت قىلۇر.
4-ئەگەر قېشى تارىتسا دوسىتلىرى ۋە پەرزەنتىدىن شادلىق كۆرەر.
5-ئەگەر قوشۇمىسى تارىتسا دوستىنىڭ يۇزىنى كۆرەر.
6-قېشىنىڭ قۇيرۇقى تارىتسا كىشى بىلەن خۇسۇمەتتە بولغاي.
7-ئۈستۈنكى قاپىغى تارىتسا دوستىنى كۆرەر ياكى يامان سۆز ئىشتۇر.
8-كۆزنىڭ ئىچى تارىتسا مەنپەئەت كۆرەر.
9-كۆزنىڭ قۇيرىقى تارىتسا رىزقى كەڭرى بولۇر.
10-ئۈستۈنكى كىرپىك تارتسا دۈشمىنى غەيۋەت قىلۇر.
11-كۆزنىڭ چۆرىسى تارىتسا دۆلەت تاپار.
12-ئاستىنقى قاپىغى تارىتسا شاد بولۇر،ئاغرىق بولسا شىپا تاپار، ھەم دوستلىرىدىن شادلىق كۆرەر.
13-چىكىسى تارىتسا دۆلەت تاپار.
14-قاڭشىرى تارىتسا غەملىك بولۇر.
15 -بۇرنىنىڭ ئوڭ تەرىپى تارىتسا غېنى بولۇر.
16-بۇرنىنىڭ ئىچى تارىتسا خوتۇنى ئاغرىپ قالۇر.
17 - ياڭىقى تارىتسا شادلىق كۆرەر.
18- ئۈستۈنكى لىۋى تارىتسا مىھماندارلىققا بارۇر.
19 -جاۋغىيى تارىتسا شادلىق كۆرەر.
20ئىڭەكنىڭ ئۈستى تەرىپى تارىتسا،يېقىن ئادىمى كىلۇر،ياكى ئەيشى-ئىشرەت قىلۇر.
21  -ئاغزى تارىتسا غايىپلار(يوق) ھازىر بولۇر.
22-تىلى تارىتسا نىئمەت زىيادە بولۇر.
23  -زىناق تارىتسا دوسىتلىرىدىن شادلىق كۆرەر.
24 -ھەلقۇمى تارىتسا نىئمەتلىرى زىيادە بولۇر.
25-قۇلىق تارىتسا شادبولۇر.
26  -قۇلاقنىڭ ئىچى تارىتسا مۇرادى ھاسىل بولۇر.
27-كۆزى تارىتسا دۆلەت تاپار.
28 -قۇلاق ئالدى يۇمشىقى تارىتسا ئازراق غەم يىتەر.
29-گەدىنى تارىتسا خوشال بولۇر.
30  -بىلىكى تارتسا نىئمەتلىرى كۆپ بولۇر.
31  -بېغىشلىرى تارىتسا قولىغا مال كىرەر.
32   -ئالقىنى تارىتسىمۇ ھەم قولىغا مال كىرەر.
33 -قولىنىڭ ئارقا دۇمبىسى تارىتسا يامان ئىشتىن ئەندىشە قىلۇر.
34   -باشبارمىقى تارىتسا خۇدائىتائالا يار بولۇر.
35-بىگىز بارماق تارىتسا خۇسۇمەت قىلۇر.
36-ئوتىرائىگىز بارماق تارىتسا ئوبدان سۆز ئىشتۇر.
37-ئوتىرا بارماق تارىتسا خوش-خەۋەر ئىشتۇر.
38-چىمچىلاق تارىتسا ھەم خوش-خەۋەر ئىشتۇر.
39-ئەگەر كۆكرىگى تارىتسا خۇسۇمەت قىلۇر.
40-ئەمچىكى تارىتسا شاد بولۇر. يۈرەكنىڭ ئۈستى تەرىپى تارىتسا دۈشمەندىن خالاس بولۇر.
41-قورسىقى تارىتسا ئىززەت تاپار.  
42-كىندىكى تارىتسا يىراقتىن غايىبى كىلۇر.
43-  بېقىنى تارىتسا كىسەل بولۇر.
44-بىلى تارىتسا ئىززەت ھۆرمەت تاپار.
45- ساغرىسى تارىتسا دۈشمىنىنىڭ مەغلۇبىيتىنى ئاڭلار.
46- ئەرەنلىكنىڭ ئارقىسى تارىتسا غەمكىن بولۇر.
47-پەرجىنىڭ ئىچى تارىتسا مال تاپار.
48-ئالقان تارىتسا بىغەم بولۇر.
49-دوۋسىنى تارىتسا مال تاپار.
50-ئالىتى(جىنسى ئەزاسى) تارىتسا سەپەر قىلۇر.
51 -يوتىسى تارىتسا سەپەردە خوشال بولۇر.
2 5-يوتىنىڭ ئىچى تارىتسا ئەيشى-ئىشرەت قىلۇر.
53 -تىزى تارىتسا ئۆيدىن-ئۆيگە كۆچەر.
54-پاچىغى تارىتسا خوشخەۋەر ئىشتۇر.
55-پاچاقنىڭ ئىچى تارىتسا يىراقتىكى تۇققانلىرى كىلۇر.
56-پۇتنىڭ ئالدى تەرىپى تارىتسا دۆلەت تاپار.
57 - ھوشىقى تارىتسا سەپەر قىلۇر.
58-ئىچكى ھوشۇقى تارىتسا نىمەتلىرى زىيادە بولۇر.
59 -پۇتنىڭ ئۈزەڭگۈلىكى تارىتسا سەپەردىن مال تاپار.
60 -پۇتنىڭ باشبارمىقى تارىتسا مەرتىبىسى ئۈستۈن بولۇر.
61 -باشبارماق يېنىدىكىسى تارىتسا شادلىق كۆرەر.
62-ئوتىراپۇت بارمىقى تارىتسا مېلى زىيادە بولۇر.
63-پۇت چىمچىلاق يېنىدىكىسى تارىتسا نىئمەتىلىرى زىيادە بولۇر.
64- چىمچىلاق پۇتى تارتسا خۇشخەۋەر ئىشتۇر.
65 -تاپىنى تارتسا غايىپتىن مال تاپار.
66-پۇتىنىڭ دۈمبىسى تارتسا راھەت تاپار.


بەدەننىڭ سول تەرەپ ئەزالىرىنىڭ تارىتماقنىڭ بايانى؛
1-بېشىنىڭ تۆپىسى تارىتسا ئىززەت تاپار.
2-بېشىنىڭ چۆرىسى تارىتسا ئاداۋەت قىلۇر.
3-ئېڭىكى تارىتسا شادلىق كۆرەر.
4-پىشانىسى تارىتسا كۆپ پىكىر(تەپەككۇر)قىلۇر.
5-يان بويۇن تارىتسا دۈشمەنلىرى غەمكىن بولۇر، ئەيشى-ئىشرەت كۆرەر.
6 -قېشى تارىتسا مېلى زىيادە بولۇر.
7-قېشىنىڭ قۇيرىقى تارىتسا شادلىق كۆرەر.
8-قاپىقى تارىتسا دوستلىرىدىن شادلىق كۆرەر ۋە خوشخەۋەر ئىشتۇر.
9- كۆزىنىڭ ئىچى تارىتسا خوشخەۋەر ئىشتۇر.
10-ئاستىن قاپىقى تارىتسا ئاداۋەت كىلۇر ھەم غايىپلىرى كىلۇر.
11 - يۇزى تارتسا دوست تاپار.
12-بۇرنى تارتسا غەمكىن بولۇر.
13 - ئۈستۇنكى لېۋى تارىتسا رىزقى زىيادە بولۇر .
14-ئاستىنقى لېۋى تارىتسا ئەيشى-ئىشرەت كۆرەر.
15 - ياڭىقى تارىتسا خوشخەۋەر ئىشتۇر.
16 -قۇلىقى تارتسا ياخشى سۆز ئىشتۇر.
17-ئىڭىكى تارىتسا كۆڭۈلسىزلىك بولۇر.
18-ھەلقۇمى تارىتسا كىسەل بولۇر.
19  - دولىسى تارىتسا مەقسەتكە يىتەر.
20-بازىسى(تاغىقى)تارىتسا خوشخەۋەر ئىشتۇر.
21 -قولىنىڭ ئارقىسى تارىتسا پازىللاردىن بولۇر.
22-قولنىڭ ئالقىنى تارتسا مال تاپار .
23- باشبارماق تارىتسا ئۇلۇغ بولۇر.
24-بىگىز بارماق تارىتسا نىئمىتى زىيادە بولۇر.
25-ئوتىرا بارماقلىرى تارىتسا نىئمىتى زىيادە بولۇپ ئەھۋالى خۇشھال ئۆتكەي.
26- چىمچىلاق تارىتسا ئىززەت تاپار .
27 -گەدىنى تارىتسا غايىبى كىلۇر.
28-ئەمچىكى تارىتسا دۆلەتمەن بولۇر.
29 -سىنىسى(جىنسى ئەزاسى) تارىتسا مالدار بولۇر.
30-قوسىقى تارىتسا مەقسىدى ھاسىل بولۇر.
31-بېلى تارىتسا باي بولۇر.
32-بىقىنىىڭ تۆپىسى تارىتسا ئاداۋەت كىلۇر.
33-بىقىننىڭ ئالدى تەرىپى تارىتسا ئۇلۇغلۇققا ئىرىشۇر.
  34-تىزى تارىتسا غايىبى(يوقلىرى) كىلۇر.
35-لىپەك تارىتسا كىسەل بولۇر.
36-ھوشۇقى تارىتسا ئاداۋەتكار بولۇر.
37- تاپىنى تارىتسا مال تاپار.
38-پۇتىنىڭ ئارقىسى تارىتسا پازىل بولۇر.
39-باشبارماق پۇتى تارتسا ئىززەت تاپار.
40-باشبارماق يېنىدىكىسى تارىتسا سەپەر قىلۇر.
41-ئوتىرا بارمىقى تارىتسا مۇشكىلى ئاسان بولۇر.
42-چىمچىلاق يېندىكى بارمىقى تارىتسا دۆلەت تاپار.
43 -چىمچىلاق پۇتى تارىتسا ئەيشى-ئىشرەت قىلۇر.           


   2013-3.
ھىجرىيە1331-يىلى تاشكەندە بېسىلغان نۇسخسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
                              

25

تېما

10

دوست

977

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
176 سەر
تىللا
96 دانە
تۆھپە
172 سەر
شۆھرەت
230 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 13:40:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر بىلىۋىلشقا تىگىشلىك بولغان تىما ئىكەن رەھمەت سىزگە
ئادەم دۇنيادا ئەدەپ -ئەخلاق بىلەن ياششى لازىم ،ناۋادا  ...

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 23:52:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە،بىلۋېلىشقا تىگىشلىك ساغلاملىق بىلىملىرى ئىكەن.

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 02:08:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىقىمىزغا ئېلىپ كەلگەن بۇ قىممەتلىك ساۋادىڭىزغا رەھمەت.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:45, Processed in 0.454655 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش