بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-16 22:58
مىنى تەسىرلەندۇرگەن بىر قېتىملىق پائالىيەت: زەپەر
نۇرمەمەت
بىزنىڭ ئۆي قاراقاش ناھىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئائىيلىلىكلەر قوروسىدا بولغاچقا.بۇ قېتىم مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات سەنئەت ۋە تەنتەربىيە خارەكتىرلىك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋاقىت بولسلا بېرىپ كۈرەتتىم . 1999- يىلى 5- ماي مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئۆلتۇردۇم . دادام سىرىتتىن كىرىپ : بۈگۈن كەشتە كۆۋلىكتىپ ئۇسۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ . بېرىپ كۈرەمسىز دىدى. ھەئە كۈرمەن . دىدىم مەن تۇلىمۇ خۇشاللىق بىلەن .. ئەمسا تاپشۇرۇقلارنى تىزراق ئىشلەڭ .ھە دىدى دادام كۈلۈپ قۇيۇپ بىز يىتىپ بارغاندا رەڭگارەڭ چىراقلار چاقناپ تۇرغان ۋاسكىتبول مەيدانى ئوقۇتقۇچىسى ئۇقۇغۇچىلار بىلەن تۇلغاندى . ھايال ئۆتمەيلا رىياسەتچىلەرنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ھەممەيلەننى ئۈزىگە جەلىپ قىلدى. ھۆرمەتلىك ئۇستازلار ، ساۋاقداشلار 4- ماي ياشلار بايرىمىنى تەبىرىكلەش . مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا سەپەۋەر قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن سىنىپلار ئارا ئۆتكۈزىلىدىغان كۆۋلىكتىپ ئۇسۇل مۇسابىقىسى ھازىر باشلىنىدۇ . مەن شۇ ۋاقىىتا رىياسەتچىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەخسىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشۈنىۋالدىم . ئارقىدىنلا سىنىپلار بۇيىچە ئۇقۇغۇچىلار يارىشىملىق مىللىيچە چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ . شوخ بولغان ھەر خىل نۇمۇرلارنى باشلىۋەتتى . مىنى شۇ ۋاقىتتا ئەڭ تەسىر قىلدۇرغىنى ئۇسۇلغا قاتناشقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كوپلىكى بولدى ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ ئۇسۇل مۇسابىقىسىگە 30 دىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچى قاتناشقان بولسىمۇ . ئۇلارنىڭ ھەركەتلىرى شۇنداق تەكشى رەتلىك ئىدى .. خەنزۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ، ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئوينىغان ئۇسۇللىرى سامالىرى مىنى تۇلىمۇ ئۈزىگە جەلىپ قىلدى ھەر مىللەت ئۇقۇغۇچىللىرى قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا يېقىنلىشىپ ئۇسۇل ئوينىماقتا، خۇددى بىر ئائىيلە كىشىللىرىدەك كۈلۈپ ياشىماقتا ، ئىتىپاقلىق ئىناقلىق قاينىمىغا ئايلانغان بۇخىل پائالىيەت مىنى ناھايتى تەسۈرلەندۈردى . پائالىيەت ئاياغلاشقاندا مەيداندىن قەلبىم ھاياتجانغا تولغان ھالدا ئايرىلدىم شۇ ۋاقىتتا مىنى تەسۈرلەندۈرگەن سەنئەت پائالىيتىدىكى مۇھىم بىر ئىش بولسا ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدىكى كەچۈرمىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتلار ھەر بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ يىتىلىش جەيرانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن . مەن كىچىكلىكىمدىن باشلاپ ئاتا – ئانامنىڭ پەرۋىش قىلىپ يىتەكلىشىدە چوڭ بولغان ئىدىم . ئاتا – ئانام بولسا ئۇقۇتقۇچى ئىدى. مىنى تەسۈرلەندۈرگەن پائالىيەت بولسا ئەنە شۇ سەنئەت پائالىيتى ئىدى. بۇ مەكتەپتىكى ھەر مىللەت ئۇقۇغۇچىللىرىنىڭ قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلىۋاتقانلىقىنى ۋە چوڭقۇر دوسلۇق ئورناتقانلىقىغا ئاپىرىن ئۇقۇدۇم . ئۆيگە قايتىپ كىتىۋېتىپ . ئۆز –ئۈزەمگە مۇنداق پىچىرلىدىم . مەن بۈگۈندىن باشلاپ چۇقۇم تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ . نوختىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئۇقۇشقا تىرشىمەن جەمىيەتتە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن بۇلىمەن دىگەن قاراشتا بولدىم .
( پىسخىكىلىق تەربىيەلەش كۇرسىدا ياشلىق دەۋرىمنى ئەسلەش ئاساسىدا يېزىلدى )
2013- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى
|