ئالدىراپ خۇدابەردى روزى كۆرۈنگەنگە ئورۇنسىز چېچىلماڭلار ئالدىراپ، ئازدۇرسىمۇ يامانلار، سېتىلماڭلار ئالدىراپ .
قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىمەن دەپ كۆرەڭلەپ ، ئىگىز شاخقا بىھۇدە ئېسىلماڭلار ئالدىراپ .
ھەر ئادەمنىڭ ھاياتتا باسقان يولى ئۆزگىچە ، پەرىق ئەتمەي ئىشىغا چېپىلماڭلار ئالدىراپ .
مىسقالچىلىك نەپ ئۈچۈن ھارۋا تارتسا بەزىلەر ، شوتىسىغا ئات بولۇپ قېتىلماڭلار ئالدىراپ .
تەرسىز كەلگەن ئامەتكە ئۆزنى ئۇرۇپ ئاخىرى ، چىرىپ كەتكەن كۆتەكتەك يىقىلماڭلار ئالدىراپ .
سىلاپ تۇرۇپ ھىجىيىپ شۇم نىيەتلەر ئالدىدىسا، چاقماق بولۇپ ،ئوت بولۇپ، چېقىلماڭلار ئالدىراپ .
ۋىژدان بىلەن ياشىماق ئىنسانلارنىڭ زىننىتى ، شۇڭا نەپكە -پايدىغا ئېتىلماڭلار ئالدىراپ .
2008- يىل مەرھۇمنىڭ بۇ شېئىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيتىم ، شۇڭا مۇنبەرگە يوللىدىم . |